
سېتىۋېلىش ئورنى
مەخمۇت سۇلايمان
ئەركەك
پلاستىنكا: مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2000
مەخمۇت سۇلايمان ھەققىدە:
مەخمۇت سۇلايمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mexmut Sulayman) بولسا 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. قەشقەردەك سەنئەتنىڭ ماكانى بولغان بۇ ئەزىزانە يۇرتتا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان مەخمۇت سۇلايمان 13 يېشىدا دىيارىمىزدىكى سەنئەتنىڭ ئوچىقى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ بالىت ئۆگەندى. كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق مەھمۇتنىڭ قەلبى بالىتتىن بەكرەك ناخشا-مۇزىكىغا تەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تەلپۈنۈش بىلەن ئۇ پىئانىنونى ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇستازلىرىنىڭ تە ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
765

ئەركەك - ھەققىدە:
سۆزى: مۇختار بۇغرا مۇزىكىسى: مەخمۇت سۇلايمان
ئەركەك! ئەركەك! ئەل-يۇرتقا بەرىكەت، بەرىكەت. ئەركەك! ئەركەك! ئەل-يۇرتقا بەرىكەت، بەرىكەت. ئەركەك! ئۆز نەپسىنىڭ ئەمەستۇر ئاۋارىسى، دىۋانىسى، ئۆز خەلقىنىڭ پەرۋانىسى، مەردانىسى. ئەركەك! ئەركەك سۆزىدىن ھەرگىز يانمايدۇ، يولۋاس ئىزىدىن ھەرگىز قايتمايدۇ. ئەركەك سۆزىدىن ھەرگىز يانمايدۇ، يولۋاس ئىزىدىن ھەرگىز قايتمايدۇ. ئەر بولسىلا ئەركەك بولمايدۇ، سۆڭەكىگە يىلىك تولمايدۇ. ئەر بولسىلا ئەركەك بولمايدۇ، سۆڭەكىگە يىلىك تولمايدۇ. ئەركەك! ئەركەك! ئەل-يۇرتقا بەرىكەت، بەرىكەت. ئەركەك! باشقىلارنىڭ رىسقىغا، شالىسىنى سەپمەيدۇ. يىغلىغاننى بەزلەيدۇ، ئەركەك! باشقىلارنىڭ رىسقىغا، شالىسىنى سەپمەيدۇ. يىقىلغاننى تەپمەيدۇ. ئەركەك! يىقىلغاننى تەپمەيدۇ. ئەركەك!
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...