
سېتىۋېلىش ئورنى
مەخمۇت سۇلايمان
گۈزەل
پلاستىنكا: مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2000
مەخمۇت سۇلايمان ھەققىدە:
مەخمۇت سۇلايمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mexmut Sulayman) بولسا 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. قەشقەردەك سەنئەتنىڭ ماكانى بولغان بۇ ئەزىزانە يۇرتتا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان مەخمۇت سۇلايمان 13 يېشىدا دىيارىمىزدىكى سەنئەتنىڭ ئوچىقى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ بالىت ئۆگەندى. كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق مەھمۇتنىڭ قەلبى بالىتتىن بەكرەك ناخشا-مۇزىكىغا تەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تەلپۈنۈش بىلەن ئۇ پىئانىنونى ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇستازلىرىنىڭ تە ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
282

گۈزەل - ھەققىدە:
سۆزى: مەخمۇت سۇلايمان مۇزىكىسى: مەخمۇت سۇلايمان
كەل جانىم مېنىڭ يۈركۈمدىن ئوتلار ياندى، سېنىڭ گۈزەل جامالىڭغا شەيدا بولدۇم. كەل جانىم قارا كۆزلىرىمدىن ياشىم تامدى، سېنىڭ نازۇك بويلىرىڭغا سەۋدايى بولدۇم. شەيدايى بولدۇم، ۋەيرانە بولدۇم شەيدايى بولدۇم، ۋەيرانە بولدۇم كۆزلەرىڭ گۈزەل، سۆزلەرىڭ گۈزەل، سېنىڭ ئۈچۈن كۈيۈپ ياندى بۇ قەلبىم گۈزەل. كۆزلەرىڭ گۈزەل سۆزلەرىڭ گۈزەل، سېنىڭ ئۈچۈن كۈيۈپ ياندى بۇ قەلبىم گۈزەل. كەل قاچۇرما شېرىن سۆزۈڭنى، كەل كەل يوشۇرما نازۇك بويۇڭنى. كەل قاچۇرما شېرىن سۆزۈڭنى، كەل كەل يوشۇرما نازۇك بويۇڭنى. شەيدايى بولدۇم كۆزلەرىڭ گۈزەل سۆزلەرىڭ گۈزەل، سېنىڭ ئۈچۈن كۈيۈپ ياندى بۇ قەلبىم گۈزەل. كۆزلەرىڭ گۈزەل سۆزلەرىڭ گۈزەل، سېنىڭ ئۈچۈن كۈيۈپ ياندى بۇ قەلبىم گۈزەل. كەل قاچۇرما شېرىن سۆزۈڭنى، كەل كەل يوشۇرما نازۇك بويۇڭنى. كەل قاچۇرما شېرىن سۆزۈڭنى، كەل كەل يوشۇرما نازۇك بويۇڭنى. شەيدايى بولدۇم كۆزلەرىڭ گۈزەل، سۆزلەرىڭ گۈزەل، سېنىڭ ئۈچۈن كۈيۈپ ياندى، بۇ قەلبىم گۈزەل. كۆزلەرىڭ گۈزەل، سۆزلەرىڭ گۈزەل، سېنىڭ ئۈچۈن كۈيۈپ ياندى، بۇ قەلبىم گۈزەل. سېنىڭ ئۈچۈن كۈيۈپ ياندى، بۇ قەلبىم گۈزەل.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...