كەچۈر
مەخمۇت سۇلايمان

كەچۈر

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2000

مەخمۇت سۇلايمان ھەققىدە:
مەخمۇت سۇلايمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mexmut Sulayman) بولسا 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. قەشقەردەك سەنئەتنىڭ ماكانى بولغان بۇ ئەزىزانە يۇرتتا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان مەخمۇت سۇلايمان 13 يېشىدا دىيارىمىزدىكى سەنئەتنىڭ ئوچىقى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ بالىت ئۆگەندى. كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق مەھمۇتنىڭ قەلبى بالىتتىن بەكرەك ناخشا-مۇزىكىغا تەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تەلپۈنۈش بىلەن ئۇ پىئانىنونى ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇستازلىرىنىڭ تە ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 316
كەچۈر - ھەققىدە:
سۆزى: مەخمۇت سۇلايمان
مۇزىكىسى: مەخمۇت سۇلايمان 
باسقان چاغدا دىلىمنى زۇلمەت،
سەن يىراقتا جۇلالىغان ئوت.
باسقان چاغدا دىلىمنى زۇلمەت،
سەن يىراقتا جۇلالىغان ئوت.
ئىزدەپ سىنى قارايمەن ھەريان،
ۋۇجۇدۇمدا قۇترىغاندا جۇت.
ئىزدەپ سىنى قارايمەن ھەريان،
ۋۇجۇدۇمدا قۇترىغاندا جۇت.

مۇزىكا

بۇنداق سوغۇق باقما كۆزۈمگە،
بىرەلمەيمەن زادىلا بەرداش.
بىرەلمەيمەن زادىلا بەرداش.
كەچۈر پەقەت سەن ئۈچۈنلا دەپ،
بولالمىدىم ئۆمۈرلۈك سىرداش.
كەچۈر پەقەت سەن ئۈچۈنلا دەپ،
بولالمىدىم ئۆمۈرلۈك سىرداش.
كەچۈر پەقەت سەن ئۈچۈنلا دەپ،
بولالمىدىم ئۆمۈرلۈك سىرداش.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...