مىرەن
مەخمۇت سۇلايمان

مىرەن

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2000

مەخمۇت سۇلايمان ھەققىدە:
مەخمۇت سۇلايمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mexmut Sulayman) بولسا 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. قەشقەردەك سەنئەتنىڭ ماكانى بولغان بۇ ئەزىزانە يۇرتتا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان مەخمۇت سۇلايمان 13 يېشىدا دىيارىمىزدىكى سەنئەتنىڭ ئوچىقى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ بالىت ئۆگەندى. كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق مەھمۇتنىڭ قەلبى بالىتتىن بەكرەك ناخشا-مۇزىكىغا تەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تەلپۈنۈش بىلەن ئۇ پىئانىنونى ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇستازلىرىنىڭ تە ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 347
مىرەن - ھەققىدە:
سۆزى: مەمەت روزى
مۇزىكىسى:مەخمۇت سۇلايمان 
ئاڭلىغانمۇ سىز مىرەن كۈيىنى،
ئىچكەنمۇ سىز مىرەن سۈيىنى.
كارۋان ئىزىدا ئەجداد نۇرى بار،
ئايلانغانمۇ سىز مىرەن بويىنى.

ئاڭلىغانمۇ سىز مىرەن كۈيىنى،
ئىچكەنمۇ سىز مىرەن سۈيىنى.
كارۋان ئىزىدا ئەجداد نۇرى بار،
ئايلانغانمۇ سىز مىرەن بويىنى.

ئەجدادنىڭ رىشتى ئەۋلادقا تۇتاش،
ئەۋلاد قەلبىدە مىرەن بىر قۇياش.
ئەجدادنىڭ رىشتى ئەۋلادقا تۇتاش،
چۆمۈلدى بايقال ھەتتاكى بالقاش.

ئۆتتى ئەسىر ئۆتتى كۆپ زامان،
ئۇنۇتمىدى مىرەننى جاھان.
ئۆچمەس دىلدا تارىخنىڭ شانى،
مىرەن كۇيگە جۆر بولدۇق ھامان.

ئەجدادنىڭ رىشتى ئەۋلادقا تۇتاش،
ئەۋلاد قەلبىدە مىرەن بىر قۇياش.
ئەجدادنىڭ رىشتى ئەۋلادقا تۇتاش،
چۆمۈلدى بايقال ھەتتاكى بالقاش.

ئاڭلىغانمۇ سىز مىرەن كۈيىنى،
ئايلانغانمۇ سىز مىرەن بويىنى.
ئاڭلىغانمۇ سىز مىرەن كۈيىنى،
ئايلانغانمۇ سىز مىرەن بويىنى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...