
سېتىۋېلىش ئورنى
ئىززەت ئىلياس
سۆيگۈگە تولسۇن كەڭ ئالەم
پلاستىنكا: ئىززەت ئىلياس ناخشىلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1996
ئىززەت ئىلياس ھەققىدە:
ئىززەت ئىلياس خانىم 1970-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1982-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان، ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە رول ئېلىش ۋە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرىنى پۇختا ئىگەللەش بىلەن بىرگە، ناخشا-مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلاپ، ناخشا ئېيتىش جەھەتتىمۇ چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە بولغان، 1986-يىلى 7-ئايدا ئوقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان ھەمدە «ھازازۇلنى ئىندەككە كەلتۈرۈش»، «ساختىپەز» قاتارلىق كۆپلىگەن دراممىلاردا رول ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئوبراز يارىتىش جەھ ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
641

ۋاپادار نىگارىڭ ئامىتىڭ، مەدەتكار سۇنماس قانىتىڭ. سەپەردە بولسا ئۇ يار-يۆلەك، ئىگىلمەس شەمشادتەك قامىتىڭ. شۇڭلاشقا نىگارنى ئەزىزلە، قىل ئۇنى دىلدىن ھۆرمەت. نىگارنى خار ئەيلەش يىگىتلىككە ياتتۇر، تولسۇن كەڭ ئالەمگە مۇھەببەت. مۇھەببەت سۆيگۈگە تولسۇن... سۆيگۈگە تولسۇن كەڭ ئالەم. مىھرىدىن سۇ ئىچسە دىلىڭ، ھۆسنىڭدە ئۇرغۇيدۇ دەرمان. جاپانى يېڭىپ ھەم توسقۇننى بۆسۈپ، ئۆرلەيسەن چوققىغا قۇچۇپ شان. شۇڭلاشقا نىگارنى ئەزىزلە، قىل ئۇنى دىلدىن ھۆرمەت. نىگارنى خار ئەيلەش يىگىىتلىككە ياتتۇر، تولسۇن كەڭ ئالەمگە مۇھەببەت. مۇھەببەت سۆيگۈگە تولسۇن... سۆيگۈگە تولسۇن كەڭ ئالەم... سۆيگۈگە تولسۇن كەڭ ئالەم.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...