
سېتىۋېلىش ئورنى
مەخمۇت سۇلايمان
ھەيرانىمەن
پلاستىنكا: مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2000
مەخمۇت سۇلايمان ھەققىدە:
مەخمۇت سۇلايمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mexmut Sulayman) بولسا 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. قەشقەردەك سەنئەتنىڭ ماكانى بولغان بۇ ئەزىزانە يۇرتتا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان مەخمۇت سۇلايمان 13 يېشىدا دىيارىمىزدىكى سەنئەتنىڭ ئوچىقى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ بالىت ئۆگەندى. كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق مەھمۇتنىڭ قەلبى بالىتتىن بەكرەك ناخشا-مۇزىكىغا تەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تەلپۈنۈش بىلەن ئۇ پىئانىنونى ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇستازلىرىنىڭ تە ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
276

ھەيرانىمەن - ھەققىدە:
سۆزى: تەلئەت ناسىر مۇزىكىسى: مەمتىمىن مامۇت
كۆيدۇرسەڭمۇ كۆيدۇرگىن، ئۆلتۇرسەڭمۇ ئۆلتۇرگىن. كۆيدۇرسەڭمۇ كۆيدۇرگىن، ئۆلتۇرسەڭمۇ ئۆلتۇرگىن. مىڭ قىتىملاپ يىغلايمەن، بىر قىتىملا سۆيدۈرگىن. مىڭ قىتىملاپ يىغلايمەن، بىر قىتىملا سۆيدۈرگىن. ھەيرانىمەن بۇ ئىشىڭغا، پەرۋانىمەن بىشىڭدا. ھەيرانىمەن بۇ ئىشىڭغا، پەرۋانىمەن بىشىڭدا. نېمە دېسەڭ دەۋەرگىن، دىۋانىمەن قىشىڭدا. نېمە دېسەڭ دەۋەرگىن، دىۋانىمەن قىشىڭدا. ئىشقىڭ يانار يۇرەكتە، قەلبىڭ ئوتلۇق تىلەكتە. ئىشقىڭ يانار يۇرەكتە، قەلبىڭ ئوتلۇق تىلەكتە. رايىم بارماس زادىلا، سەن يارىمدىن بۆلەككە. رايىم بارماس زادىلا، سەن يارىمدىن بۆلەككە. سىغىنغاندا بارسام مەن، جامالىڭغا قانسام مەن. سىغىنغاندا بارسام مەن، جامالىڭغا قانسام مەن. ئارمىنىم شۇ بىر ئۆمۇر، ھىجرانىڭدا يانسام مەن. ئارمىنىم شۇ بىر ئۆمۇر، ھىجرانىڭدا يانسام مەن. سىغىنغاندا بارسام مەن، جامالىڭغا قانسام مەن. سىغىنغاندا بارسام مەن، جامالىڭغا قانسام مەن. ئارمىنىم شۇ بىر ئۆمۇر، ھىجرانىڭدا يانسام مەن. ئارمىنىم شۇ بىر ئۆمۇر، ھىجرانىڭدا يانسام مەن.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...