
سېتىۋېلىش ئورنى
مەخمۇت سۇلايمان
كۆكلەم ساداسى
پلاستىنكا: مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2000
مەخمۇت سۇلايمان ھەققىدە:
مەخمۇت سۇلايمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mexmut Sulayman) بولسا 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. قەشقەردەك سەنئەتنىڭ ماكانى بولغان بۇ ئەزىزانە يۇرتتا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان مەخمۇت سۇلايمان 13 يېشىدا دىيارىمىزدىكى سەنئەتنىڭ ئوچىقى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ بالىت ئۆگەندى. كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق مەھمۇتنىڭ قەلبى بالىتتىن بەكرەك ناخشا-مۇزىكىغا تەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تەلپۈنۈش بىلەن ئۇ پىئانىنونى ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇستازلىرىنىڭ تە ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
256

كۆكلەم ساداسى - ھەققىدە:
سۆزى: مەخمۇت سۇلايمان مۇزىكىسى: مەخمۇت سۇلايمان
ئۇچقۇر يىللار ئۆتۈپ بوراندەك، يازدى ئۆچمەس گۈزەل داستانلار. ئەسىرلەرنى ئەسىرگە ئۇلاپ، ئىز قالدۇردى بۈيۈك كارۋانلار. بىز جەڭگىۋار باتۇر ئەۋلات بىز، ئەجدادلارغا سادىق ۋاپادار. ئۆتكۈزمەيمىز كۈنلەرنى بوشقا، يارالمىشتىن بىزلەر ئىجادكار. قاناتلىنايلى ئېرپاندىن، ئۇچۇپ ئۆتەيلى داۋاندىن. يېڭى باھار كۆكسىگە گۈل تاقايلى، گۈل تاقايلى يېڭى باھار كۆكسىگە. قاناتلىنايلى ئېرپاندىن، ئۇچۇپ ئۆتەيلى داۋاندىن. يېڭى باھار كۆكسىگە گۈل تاقايلى، گۈل تاقايلى گۈل. كەلدى كۆكلەم كەلدى ئاجايىپ، بىزدىن بەدەل ئۈمۈتلەر كۈتۈپ. كەلدى كۆكلەم كەلدى ئاجايىپ، بىزدىن بەدەل ئۈمۈتلەر كۈتۈپ. قالدۇرايلى دۇنيانى ھاڭ-تاڭ، كۆرەكلەردىن مەردانە ئۆتۈپ. قالدۇرايلى دۇنيانى ھاڭ تاڭ، كۆرەكلەردىن مەردانە ئۆتۈپ. قاناتلىنايلى ئېرپاندىن، ئۇچۇپ ئۆتەيلى داۋاندىن. يېڭى باھار كۆكسىگە گۈل تاقايلى، گۈل تاقايلى يېڭى باھار كۆكسىگە. قاناتلىنايلى ئېرپاندىن، ئۇچۇپ ئۆتەيلى داۋاندىن. يېڭى باھار كۆكسىگە گۈل تاقايلى گۈل. قاناتلىنايلى ئېرپاندىن، ئۇچۇپ ئۆتەيلى داۋاندىن. يېڭى باھار كۆكسىگە گۈل تاقايلى گۈل. قاناتلىنايلى ئېرپاندىن، ئۇچۇپ ئۆتەيلى داۋاندىن. يېڭى باھار كۆكسىگە گۈل تاقايلى گۈل.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...