
سېتىۋېلىش ئورنى
مەخمۇت سۇلايمان
يار كەلگۈچە
پلاستىنكا: مەخمۇت سۇلايمان ناخشىلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2000
مەخمۇت سۇلايمان ھەققىدە:
مەخمۇت سۇلايمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mexmut Sulayman) بولسا 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. قەشقەردەك سەنئەتنىڭ ماكانى بولغان بۇ ئەزىزانە يۇرتتا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان مەخمۇت سۇلايمان 13 يېشىدا دىيارىمىزدىكى سەنئەتنىڭ ئوچىقى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ بالىت ئۆگەندى. كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق مەھمۇتنىڭ قەلبى بالىتتىن بەكرەك ناخشا-مۇزىكىغا تەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تەلپۈنۈش بىلەن ئۇ پىئانىنونى ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇستازلىرىنىڭ تە ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
435

يار كەلگۈچە - ھەققىدە:
سۆزى: مۇھەممەدجان راشىدىن مۇزىكىسى: تەۋەككۇل قۇربان
يارى يوق يېگانە مەن يار كەلگۈچە، بىقارار دىۋانىمەن يار كەلگۈچە. خەت-خەۋەر مەكتۇپلىرى دىدار ئەمەس، قانچە يىل ئاۋارىمەن يار كەلگۈچە. خەت-خەۋەر مەكتۇپلىرى دىدار ئەمەس، قانچە يىل ئاۋارىمەن يار كەلگۈچە. كەلگۈچە، كەلگۈچە، كەلگۈچە، يار كەلگۈچە، قانچە يىل ئاۋارىمەن يار كەلگۈچە. كەلگۈچە، كەلگۈچە، كەلگۈچە، يار كەلگۈچە، قانچە يىل ئاۋارىمەن يار كەلگۈچە. ♬♪مــۇزىــكــا♪♬ بىر دۇتتاردۇر مەن چالارغا تارى يوق، بىر چىمەندۇر مەن گۈلى-گۈلزار يوق. بىر دۇتتاردۇر مەن چالارغا تارى يوق، بىر چىمەندۇر مەن گۈلى-گۈلزارى يوق. بۇ جۇدالىققا مېنىڭدە چارە يوق، كۈندە مىڭ ھەيرانىمەن يار كەلگۈچە. كەلگۈچە، كەلگۈچە، كەلگۈچە، يار كەلگۈچە، كۈندە مىڭ ھەيرانىمەن يار كەلگۈچە. كەلگۈچە، كەلگۈچە، كەلگۈچە، يار كەلگۈچە، كۈندە مىڭ ھەيران مەن يار كەلگۈچە. ♬♪مــۇزىــكــا♪♬ يولدىن ئۆتكەن يات بىراۋلارنى توراپ، مەن بىزار قىلدىم نىگارىمنى سوراپ. يولدىن ئۆتكەن يات بىراۋلارنى توراپ، مەن بىزار قىلدىم نىگارىمنى سوراپ. سەنسىز كۈنلەر چەكتىم كۆپ ئازاب، ئىزلىبان سەرسانىمەن يار كەلگۈچە. كەلگۈچە، كەلگۈچە، كەلگۈچە، يار كەلگۈچە، كۈندە مىڭ ھەيرانىمەن يار كەلگۈچە. كەلگۈچە، كەلگۈچە، كەلگۈچە، يار كەلگۈچە، قانچە يىل ئاۋارىمەن يار كەلگۈچە. كۈندە مىڭ سەرسانىمەن يار كەلگۈچە.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...