ساتارىم
مەخمۇت سۇلايمان

ساتارىم

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2000

مەخمۇت سۇلايمان ھەققىدە:
مەخمۇت سۇلايمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mexmut Sulayman) بولسا 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. قەشقەردەك سەنئەتنىڭ ماكانى بولغان بۇ ئەزىزانە يۇرتتا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان مەخمۇت سۇلايمان 13 يېشىدا دىيارىمىزدىكى سەنئەتنىڭ ئوچىقى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ بالىت ئۆگەندى. كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق مەھمۇتنىڭ قەلبى بالىتتىن بەكرەك ناخشا-مۇزىكىغا تەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تەلپۈنۈش بىلەن ئۇ پىئانىنونى ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇستازلىرىنىڭ تە ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 397
ساتارىم - ھەققىدە:
سۆزى: ئىسمايىل ساتتار
مۇزىكىسى: ھاكىمجان باقى 
ساتارىم تارىنى زىل قىلىپ،
دوستلار ئالدىدا چالسام.
ساز چېلىپ مۇقام بىلەن،
مىسكىن كۆڭلىنى ئالسام.
ساز چېلىپ مۇقام بىلەن،
مىسكىن كۆڭلىنى ئالسام.

♪♪♪

مۇھەببەتلىك ناخشام بىلەن،
يۈرىكىگە سادا سالسام.
چېلىپ تاڭنىڭ مۇقامىغا،
سېنى بۇلبۇل قىلىپ ئالسام.

♪♪♪

ساتارىمنىڭ ناۋاسىنى،
سەھەردە ئويغۇنۇپ چالسام.
غېرىب كۆڭلۈم گۈلىستانىدا،
لېۋەن يار ئىشقىدا چالسام.

♪♪♪

لېۋەن يار ئىشقىدا ساتار چالسام.

♪♪♪
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...