مېھىر قالۇر
مەخمۇت سۇلايمان

مېھىر قالۇر

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2000

مەخمۇت سۇلايمان ھەققىدە:
مەخمۇت سۇلايمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mexmut Sulayman) بولسا 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. قەشقەردەك سەنئەتنىڭ ماكانى بولغان بۇ ئەزىزانە يۇرتتا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان مەخمۇت سۇلايمان 13 يېشىدا دىيارىمىزدىكى سەنئەتنىڭ ئوچىقى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ بالىت ئۆگەندى. كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق مەھمۇتنىڭ قەلبى بالىتتىن بەكرەك ناخشا-مۇزىكىغا تەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تەلپۈنۈش بىلەن ئۇ پىئانىنونى ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇستازلىرىنىڭ تە ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 301
مېھىر قالۇر - ھەققىدە:
سۆزى: مەخمۇت سۇلايمان
مۇزىكىسى: مەخمۇت سۇلايمان 
يوقسۇلغا يوقسۇزلۇق، قىيامەت ئىكەن،
بېخىلغا مال-دۇنيا، كارامەت ئىكەن.
يوقسۇلغا يوقسۇزلۇق، قىيامەت ئىكەن،
بېخىلغا مال-دۇنيا، كارامەت ئىكەن.
مىننەتسىز ياشىغان، دىلكەش ئىنسانلار،
يوقسۇلنىڭ ھالىغا، شىپا ئەت ئىكەن.
مىننەتسىز ياشىغان، دىلكەش ئىنسانلار،
يوقسۇلنىڭ ھالىغا، شىپا ئەت ئىكەن.

دال بولمىدى ئەجەلگە، پۇل ۋە ھەشەمەت،
باقىي ئەمەس، مال-دۇنيا، ھېچكىمگە پەقەت.
دال بولمىدى ئەجەلگە، پۇل ۋە ھەشەمەت،
باقىي ئەمەس، مال-دۇنيا، ھېچكىمگە پەقەت.
قىسمەتلەرگە تولغان يورۇق دۇنيادا،
قالۇر ئىكەن ئىنساندىن، مېھرى-مۇھەببەت.
قىسمەتلەرگە تولغان يورۇق دۇنيادا،
قالۇر ئىكەن ئىنساندىن، مېھرى-مۇھەببەت.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...