
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
نېمە بولدى؟
پلاستىنكا: ئابدۇللا سەھنىسى 2023
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2023
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.
مەكتەپ ھاياتى
1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
303

نېمە بولدى؟ - ھەققىدە:
سۆزى: ئابدۇۋەلى راخمان مۇزىكىسى: ئەسقەر مۇختەر ئاكوردلاشتۇرغۇچى: ئەسقەر مۇختەر مىللىيچە چالغۇدا: ئەسقەر مۇختەر ئۈن ئالغۇچى: مەردان ئابلىكىم ئۈنۈملىگۈچى: كېرەمجان مەمەتئېلى
كۆرۈنمەي كەتتىڭىز، سىزگە نېمە بولدى؟ سۆيگىنىم-جانانىم گۈلگە نېمە بولدى؟ كۆرۈنمەي كەتتىڭىز، سىزگە نېمە بولدى؟ سۆيگىنىم-جانانىم گۈلگە نېمە بولدى؟ نىچۈندۇر كۈلمەيسىز كۈلدۈرەي دېسەم، سىزدەك بىر چىرايلىق قىزغا نېمە بولدى؟ نىچۈندۇر كۈلمەيسىز كۈلدۈرەي دېسەم، سىزدەك بىر چىرايلىق قىزغا نېمە بولدى؟ مۇزىكا يۈرىكىم پارە-پارە بولدۇم غېرىپ، ئىشقىڭىز ۋەجىدىن ئەھۋالىم زەئىپ. تەشنامەن جامالىڭىزنى كۆرۈشكە، كۆرگىڭىز يوق مېنى، كۆزگە نېمە بولدى؟ مۇزىكا مۇھەببەت دېگەننىڭ شادلىقى بولسۇن، ئاچچىقنى ئاز قىلىڭ، تاتلىقى بولسۇن. بىلسڭىز بۇ ھايات چەكلىك بىز ئۈچۈن، بىلمىدىم جانانىم بىزگە نېمە بولدى؟ ئەي گۈزەل جانانىم ئوتىڭىز يالقۇن، سىز لەيلى، مەن ئۆزۈم گوياكى مەجنۇن. قاقشىماڭ، بىر ئۆمۈر كۈلۈپ ئۆتەيلى، سىزدەك ئۇز كۆڭلى كەڭ، تۈزگە نېمە بولدى؟ ئەي، بىلمىدىم جانانىم سىزگە نېمە بولدى؟ سىزدەك ئۇز كۆڭلى كەڭ، تۈزگە نېمە بولدى؟ سىزدەك ئۇز كۆڭلى كەڭ، تۈزگە نېمە بولدى؟
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...