قالدى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

قالدى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2023

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 288
قالدى - ھەققىدە:
سۆزى: ئالاھىدىن ئابدۇرىشىت
مۇزىكىسى: ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
ئاكوردلاشتۇرغۇچى: ئەسقەر مۇختەر
مىللىيچە چالغۇدا: ئەسقەر مۇختەر
ئۈن ئالغۇچى: مەردان ئابلىكىم
ئۈنۈملىگۈچى: كېرەمجان مەمەتئېلى 
سۆيۈملۈك سۆيمىگەن يارنى،
سۆيۈپ مىڭدىن بىرىم قالدى.
سۆيۈملۈك سۆيمىگەن يارنى،
سۆيۈپ مىڭدىن بىرىم قالدى.
يۈرەكتىن ئۆچمىگەن ئوتتا،
كۆيۈپ مىڭدىن بىرىم قالدى.
يۈرەكتىن ئۆچمىگەن ئوتتا،
كۆيۈپ مىڭدىن بىرىم قالدى.

كېچەلەر كۈنگە قايغۇردۇم،
ئىچىمگە زىلزىلە سالدىم.
كېچەلەر كۈنگە قايغۇردۇم،
ئىچىمگە زىلزىلە سالدىم.
ئەجەپ شىرىن خىياللارنى،
سۈرۈپ مىڭدىن بىرىم قالدى.
ئەجەپ شىرىن خىياللارنى،
سۈرۈپ مىڭدىن بىرىم قالدى.

مۇزىكا

ھاياتنىڭ شەۋكىتى تاغلار،
قىياغا ئېسىلىپ قالدىم.
ھاياتنىڭ شەۋكىتى تاغلار،
قىياغا ئېسىلىپ قالدىم.
چۈشۈمدە كۆرمىگەن كۈننى،
كۆرۈپ مىڭدىن بىرىم قالدى.
چۈشۈمدە كۆرمىگەن كۈننى،
كۆرۈپ مىڭدىن بىرىم قالدى.

مۇزىكا

ئەي…

ئاقار دەريادا فەريادىم،
كوزامغا كۆزدە سۇ ئالدىم.
ئاقار دەريادا فەريادىم،
كوزامغا كۆزدە سۇ ئالدىم.
ئىشىقنىڭ كەر بالاسىدا،
يۈرۈپ مىڭدىن بىرىم قالدى.
ئىشىقنىڭ كەر بالاسىدا،
يۈرۈپ مىڭدىن بىرىم قالدى.

مۇھەببەت - پەدىسز سازدۇر،
غېرىپ چالغانغا مەن چالدىم.
مۇھەببەت - پەدىسز سازدۇر،
غېرىپ چالغانغا مەن چالدىم.
ماڭا مىڭ بىر ئۆلۈم بارمۇ،
ئۆلۈپ مىڭدىن بىرىم قالدى.
ماڭا مىڭ بىر ئۆلۈم بارمۇ،
ئۆلۈپ مىڭدىن بىرىم قالدى.
ئۆلۈپ مىڭدىن بىرىم قالدى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...