ئانامنىڭ بولسۇن
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

ئانامنىڭ بولسۇن

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2023

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 248
ئانامنىڭ بولسۇن - ھەققىدە:
سۆزى: ئۆمەرجان ئەمەت بىخلان
مۇزىكىسى: ئەسقەر مۇختەر
ئاكوردلاشتۇرغۇچى: ئەسقەر مۇختەر
مىللىيچە چالغۇدا: ئەسقەر مۇختەر
ئۈن ئالغۇچى: مەردان ئابلىكىم
ئۈنۈملىگۈچى: كېرەمجان مەمەتئېلى 
ھەسرىتىمنى ئۆزۈملا كۆرەي،
شادلىقلىرىم ئانامنىڭ بولسۇن.
ھەسرىتىمنى ئۆزۈملا كۆرەي،
شادلىقلىرىم ئانامنىڭ بولسۇن.
ئاچچىقلارنى ئۆزۈملا بىلەي،
تاتلىقلىرىم ئانامنىڭ بولسۇن.
ئاچچىقلارنى ئۆزۈملا بىلەي،
تاتلىقلىرىم ئانامنىڭ بولسۇن.

مۇزىكا

مەن كۈلگەندە تەڭ كۈلگەن ئانام،
ھەسرىتىمنى تەڭ كۆرگەن ئانام.
مەن كۈلگەندە تەڭ كۈلگەن ئانام،
ھەسرىتىمنى تەڭ كۆرگەن ئانام.
سۆيگۈ نېمە بىلدۈرگەن ئانام،
بارلىقىم ھەم ئانامنىڭ بولسۇن.
سۆيگۈ نېمە بىلدۈرگەن ئانام،
بارلىقىم ھەم ئانامنىڭ بولسۇن.

مۇزىكا

شۇنچە كۆپتۇر ئەجرى ئانامنىڭ،
ئۆتۈلمىسۇن قەدرى ئانامنىڭ.
شۇنچە كۆپتۇر ئەجرى ئانامنىڭ،
ئۆتۈلمىسۇن قەدرى ئانامنىڭ.
يىتىپ ئاشار دەردى ئانامنىڭ،
شاد كۈلكەممۇ ئانامنىڭ بولسۇن.
يىتىپ ئاشار دەردى ئانامنىڭ،
شاد كۈلكەممۇ ئانامنىڭ بولسۇن.

مۇزىكا

بولسۇن يەنە ئانامنىڭ بولسۇن،
تاپقانلىرىم ئانامنىڭ بولسۇن.
بولسۇن يەنە ئانامنىڭ بولسۇن،
تاپقانلىرىم ئانامنىڭ بولسۇن.
خىزمىتىدە بولاي ئەزىزلەپ،
كۈتكەنلىرىم ئانامنىڭ بولسۇن.
خىزمىتىدە بولاي ئەزىزلەپ،
كۈتكەنلىرىم ئانامنىڭ بولسۇن.
كۈتكەنلىرىم ئانامنىڭ بولسۇن.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...