ئاسان ئەمەس
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

ئاسان ئەمەس

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2023

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 271
ئاسان ئەمەس - ھەققىدە:
سۆزى: ئېلھامجان مۇھەممەد
مۇزىكىسى: ئەسقەر مۇختەر
ئاكوردلاشتۇرغۇچى: ئەسقەر مۇختەر
مىللىيچە چالغۇدا: ئەسقەر مۇختەر
ئۈن ئالغۇچى: مەردان ئابلىكىم
ئۈنۈملىگۈچى: كېرەمجان مەمەتئېلى 
مەيلى ئامەت يا دەرتكە يولۇق،
‎ئويلاپ سۆزلە، سۆزلىمە ئۇلۇغ.
‎مەيلى ئامەت يا دەرتكە يولۇق،
‎ئويلاپ سۆزلە، سۆزلىمە ئۇلۇغ.
ئاسان ئەمەس ھېچكىمگە ھايات،
‎ئېيتقىن كىمنىڭ توققۇزى تولۇق؟
ئاسان ئەمەس ھېچكىمگە ھايات،
‎ئېيتقىن كىمنىڭ توققۇزى تولۇق؟
‎ئېيتقىن كىمنىڭ
‎ئېيتقىن كىمنىڭ
‎ئېيتقىن كىمنىڭ توققۇزى تولۇق؟

‎ۋىسال بىلەن قوشماقتۇر جۇدا،
‎كېلىۋەرمەس تەلەيمۇ ئۇدا.
‎ۋىسال بىلەن قوشماقتۇر جۇدا،
‎كېلىۋەرمەس تەلەيمۇ ئۇدا.
‎ئۆزگە ئۈچۈن ئاتايدۇ جاننى،
‎سەن كۈل بولغان كۆيۈپ ئوتىدا.
‎ئۆزگە ئۈچۈن ئاتايدۇ جاننى،
‎سەن كۈل بولغان كۆيۈپ ئوتىدا.
‎سەن كۈل بولغان
‎سەن كۈل بولغان
‎سەن كۈل بولغان كۆيۈپ ئوتىدا.

‎بىرى ماڭار، بىرى مىنەر ئات،
‎ئەمەس ھېچكىم غەم-قايغۇغا يات.
كۆڭۈللەردىن سۇ ئىچسۇن كۆڭۈل،
‎ئاسان ئەمەس ھېچكىمگە ھايات.
‎كۆڭۈللەردىن سۇ ئىچسۇن كۆڭۈل،
‎ئاسان ئەمەس ھېچكىمگە ھايات.
‎كۆڭۈللەردىن سۇ ئىچسۇن كۆڭۈل،
‎ئاسان ئەمەس ھېچكىمگە ھايات.
‎ئاسان ئەمەس
‎ئاسان ئەمەس
‎ئاسان ئەمەس ھېچكىمگە ھايات.
‎ئاسان ئەمەس ھېچكىمگە ھايات.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...