ئوغلۇمغا
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

ئوغلۇمغا

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2023

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 341
ئوغلۇمغا - ھەققىدە:
سۆزى: ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
مۇزىكىسى: ئەسقەر مۇختەر 
«يىگىن ئىچكىن بۇزۇپ چاچما»، دىگەن ھىكمەت مىراس بىزگە.
بۈگۈن دانالىرىم قايتا، شۇ ھىكمەتنى سالار ئەسكە.
ئەجەپ دەۋران سۈرۈپ ماڭدۇق، گۈزەل ئەتە ئۈچۈن ئەمما.
يېتىڭ قەدرىگە توقلۇقنىڭ، چېلىقمايلى يامان كۆزگە.

مۇزىكا

قەدىرلەش بۇردا ئاق ناننى، پەزىلەت ئەۋجىدۇر بىلسەڭ.
شۇڭا ۋارىس ئېسىل ئەۋلاد، بولۇش شەۋكەت ماڭا سىزگە.
بۈيۈكلەر ئېيتىدۇ دائىم، «بىغەم يۈرمەيلى خوشلۇقتا».
خەتەر تۇيغۇسى كەم توشقان، چوماققا دەل چىقار تۈزگە.

مۇزىكا

شۇ تاپ دۇنيادا سانسىزلار، تېخى ئاچلىقتا، زارلىقتا.
بىلىپ-بىلمەي تۆكۈلدى ئاش، تۆكۈلدى نان ئېشىپ بىزدە.
نىمە خار بولسا بىر كۈنلەر، شۇنىڭغا زار بولۇر ئىنسان.
بۇ ھال تاشلىمىسۇن بىزنى، باھاردىن ئېلىپ «غېرىپ كۈز» گە.
شۇڭا ئوغلۇم ساڭا مەندىن، نەسىھەت بۇ ئىشەنگەيسەن.
«خاراپتۇر داننى خار قىلغان، ماكان ئەھلى» دىگەن سۆزگە.
يىگىن ئىچكىن بۇزۇپ چاچما!
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...