خىيالدىكى سۆيگۈ (زىلالە)
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

خىيالدىكى سۆيگۈ (زىلالە)

پلاستىنكا: خىيالدىكى سۆيگۈ

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1994

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 712
خىيالدىكى سۆيگۈ (زىلالە) - ھەققىدە:
سۆزى: مۇھرىددىن خالىقوۋ
مۇزىكىسى: مۇھرىددىن خالىقوۋ 
خىيالىمدا ياشاپ يۈردۈڭ يېگانە،
سېنى دەپ مەن ئەقلى-ھوشتىن بىگانە.
ساڭا مەپتۇن ھەتتا كۆكتە ھىلالە،
زىلالە زىلالە زىلالە.
ساڭا مەپتۇن ھەتتا كۆكتە ھىلالە،
زىلالە زىلالە زىلالە.

ئەتەيۇ-كەچ كۆز تىكەرمەن يولۇڭغا،
كېلىپ قالساڭ گۈل تۇتارمەن قولۇڭغا.
قىينالدى جان يول تاپالماي يېنىڭغا،
زىلالە زىلالە زىلالە.
قىينالدى جان يول تاپالماي يېنىڭغا،
زىلالە زىلالە زىلالە.

بەلكى سۆيگۈڭ پىنھاندىدۇر دىلىڭدا،
ئەمما ئۇنى چىقارمايسەن تىلىڭغا.
بەلكى سۆيگۈڭ پىنھاندىدۇر دىلىڭدا،
ئەمما ئۇنى چىقارمايسەن تىلىڭغا.
رەھىم ئەتكىن مەن شەيدا بۇلبۇلۇڭغا،
زىلالە زىلالە زىلالە.
رەھىم ئەتكىن مەن شەيدا بۇلبۇلۇڭغا،
زىلالە زىلالە زىلالە.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...