
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
چۈشۈمگە كىر
پلاستىنكا: خىيالدىكى سۆيگۈ
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1994
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.
مەكتەپ ھاياتى
1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
1468

كېپىنەكتەك كېلىپ بېشىڭغا قونۇپ، يۈزۈڭگە تەلمۈرۈپ ئۆتسە ئىدى ئۆمرۈم. كېپىنەكتەك كېلىپ بېشىڭغا قونۇپ، يۈزۈڭگە تەلمۈرۈپ ئۆتسە ئىدى ئۆمرۈم. نېمە دەرد كۆرۈپ مەن يېنىڭدا تۇرۇپ، چېچىڭنى سىلاشقا يەتمەيدۇ قولۇم. نېمە دەرد كۆرۈپ مەن يېنىڭدا تۇرۇپ، چېچىڭنى سىلاشقا يەتمەيدۇ قولۇم. پېشانەم شور پېشانەم شور، چۈشۈمگە كىر جانىم چۈشلىرىمگە كىر. پېشانەم شۇدۇر پېشانەم شور، چۈشۈمگە كىر جانىم چۈشلىرىمگە كىر. ئايىغىڭ تېگىنى سىيپاپ ئۆتەر سۇ، كۆينىكىڭ ئېتەگىنى سۆيىدۇ مايسا. مەن شۇ بىر گىياھچە بولالمىدىممۇ، ئەي قەددى-سەرۋى كىرپىكى نەيزە. مەن شۇ بىر گىياھ چە بولالمىدىممۇ، ئەي قەددى-سەرۋى كىرپىكى نەيزە. پېشانەم شور پېشانەم شور، چۈشۈمگە كىر جانىم چۈشلىرىمگە كىر. پېشانەم شۇدۇر پېشانەم شور، چۈشۈمگە كىر جانىم چۈشلىرىمگە كىر. ئۆتۈپ بارىدۇ ئۆمۈر كارۋان، يىللارنىڭ قوينىدا يۈرەر قان بىلەن. ئۆتۈپ بارىدۇ ئۆمۈر كارۋان، يىللارنىڭ قوينىدا يۈرەر قان بىلەن. سەن ماڭا ئارمانسەن مەن ساڭا ئارمان، كۈيلىرىم قۇرىدا يانار شام چىراغ. مەن ساڭا ئارمانمەن سەن ماڭا ئارمان، كۈيلىرىم قۇرىدا يانار شام چىراغ.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...