قەيەردە سەن
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

قەيەردە سەن

پلاستىنكا: خىيالدىكى سۆيگۈ

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1994

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 342
قەيەردە سەن مېنى سېلىپ ئازابلارغا،
قەيەردە سەن كۆڭۈلنى سېلىپ جۇدالىققا.
قەيەردە سەن ئىزدىدىم سىنى ئەمما،
قەيەردە سەن چاقىرسام كەلمەس ھېچ سادا.

مېنىڭ كۆزۈم ياشلار تۆكەر بارسام قەبرەڭ ئالدىدا،
كۈندۈزۈم قارا تۈن بولدى جاھان تولدى بورانلارغا.
كۆمۈلۈپ كەتسىمۇ جىسمىڭ شۇ قارا تۇپراق قوينىغا،
ئارمانىڭ ياشار ئۈمىدلەر بېرىپ يەنە ئوغلۇڭغا.

قەيەردە سەن مېنى سېلىپ ئازابلارغا،
قەيەردە سەن كۆڭۈلنى سېلىپ جۇدالىققا.
قەيەردە سەن ئىزدىدىم سىنى ئەمما،
قەيەردە سەن چاقىرسام كەلمەس ھېچ سادا.

مېنىڭ كۆزۈم ياشلار تۆكەر بارسام قەبرەڭ ئالدىدا،
كۈندۈزۈم قارا تۈن بولدى جاھان تولدى بورانلارغا.
كۆمۈلۈپ كەتسىمۇ جىسمىڭ شۇ قارا تۇپراق قوينىغا،
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...