
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
ئەي سابا
پلاستىنكا: خىيالدىكى سۆيگۈ
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1994
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.
مەكتەپ ھاياتى
1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
421

ئەي سابا گۈلشەندە ئۇچرات، ماڭا ئول جانانىنى. لەۋلىرى گۈل چىشلەرى دۇر، كۆزلىرى مەستانىنى. نۇر چېچىپ گۈل چېھرىسىدىن، تولغىنىپ كاككۇكلىرى. خوش كۈلۈپ بېغىمغا كىرسۇن، ياشنىتىپ ئاستانىنى. ئەي سابا كۈيۈڭگە قاتقىن، سۆيگۈگە سادىقلىقىڭ. سەن بېرىپ يەتكۈز جانانغا، بۇ ئازاب جەريانىنى. ۋەسلىدىن يوقتۇر ئۈمىدىم، تىلىكىم بىرلا ئىدى. بىر بېقىپ تارتسا ئازابتىن، مەن كەبى سەرسانىنى. پەردىسىن ئالسۇن يۈزىدىن، تويمايىن ھەردەم بېقىپ. گۈل يۈزى ئالسۇن كۆڭۈلنى، چېھرىدىن نۇرلار چېچىپ. تەختى ئىقبال بىرگە كۈلسۇن، مەن ئۆتەي مۇڭ زار بىلەن. ئەي سابا يەتكۈز جانانغا، بۇ كۆڭۈل ئارمانىنى. ئەي سابا گۈلشەندە ئۇچرات، ماڭا ئول جانانىنى. لەۋلىرى گۈل چىشلەرى دۇر، كۆلەرى مەستانىنى. نۇر چېچىپ گۈل چېھرىسىدىن، تولغىنىپ كاككۇكلىرى. خوش كۈلۈپ بېغىمغا كىرسۇن، ياشنىتىپ ئاستانىنى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...