باقما
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

باقما

پلاستىنكا: خىيالدىكى سۆيگۈ

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1994

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 545
ھەممىنىڭ كۆزى سەندە،
تولغىنىسەن جانانىم.
سۇمبۇل چېچىڭ يەلپۈتۈپ،
تاۋلىنىسەن جانانىم.
ھەممىنىڭ كۆزى سەندە،
تولغىنىسەن جانانىم.
سۇمبۇل چېچىڭ يەلپۈتۈپ،
تاۋلىنىسەن جانانىم.

ئاشىقلىرىڭ بىر دۇنيا،
بارى باغرىن تىلارسەن.
ئاي گۈلكىنەم بەرىبىر،
سەن مېنىڭكى بولارسەن.
ئاشىقلىرىڭ بىر دۇنيا،
بارى باغرىن تىلارسەن.
ئاي گۈلكىنەم بەرىبىر،
سەن مېنىڭكى بولارسەن.

باقما باشقىلارغا باقما،
يۈرەگىمگە ئوتلار ياقما.
باقما باشقىلارغا باقما،
يۈرەگىمگە ئوتلار ياقما.

يالغۇزمەن دەپ ئويلىما،
ھەر يېنىڭدا مەن بارمەن.
رەنجىتسە گەر ئاسمانغا،
ئوت قويۇشقا تەييارمەن.
يالغۇزمەن دەپ ئويلىما،
ھەر يېنىڭدا مەن بارمەن.
رەنجىتسە گەر ئاسمانغا،
ئوت قويۇشقا تەييارمەن.

ئاشىقلىرىڭ بىر دۇنيا،
بارى باغرىن تىلارسەن.
ئاي گۈلكىنەم بەرىبىر،
سەن مېنىڭكى بولارسەن.

باقما باشقىلارغا باقما،
يۈرەگىمگە ئوتلار ياقما.
باقما باشقىلارغا باقما،
يۈرەگىمگە ئوتلار ياقما.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...