تاپارمەن
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

تاپارمەن

پلاستىنكا: خىيالدىكى سۆيگۈ

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1994

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 363
ساچلارىڭدىكى ھىدنى تاپارمەن،
ئالەمدە بىر سېنى تاپارمەن.
ساچلارىڭدىكى ھىدنى تاپارمەن،
ئالەمدە بىر سېنى تاپارمەن.
ئۆزۈمنى يوقاتسام يوقاتتىم،
بەرىبىر مەن سېنى تاپارمەن.
ئۆزۈمنى يوقاتسام يوقاتتىم،
بىر كۈنى مەن سېنى تاپارمەن.

مايسىنى ئۇچاردى شاماللار،
زۆھرەنى ئۆچۈردى تۇمان.
مايسىنى ئۇچاردى شاماللار،
زۆھرەنى ئۆچۈردى تۇمان.
مەن ساڭا يېتەرمەن ئاخىرى،
بىر كۈنى مەن سېنى تاپارمەن.
مەن ساڭا يېتەرمەن ئاخىرى،
بىر كۈنى مەن سېنى تاپارمەن.

ئۇچارمەن يۇلتۇزنى تېپىشقا،
يۈرەرمەن تۈندىن تاڭ قۇياشقا.
كۈيۈمدىن ئۇيقۇڭنى ئېچىشقا،
بەرىبىر سېنى تاپارمەن.
ئۇچارمەن يۇلتۇزنى تېپىشقا،
يۈرەرمەن تۈندىن تاڭ قۇياشقا.
كۈيۈمدىن ئۇيقۇڭنى ئېچىشقا،
بەرىبىر سېنى تاپارمەن،

كۈلىدۇ بىر كۈنى ئارمانىم،
بېشىڭنى سىلايدۇ بارمىقىم.
كۈلىدۇ بىر كۈنى ئارمانىم،
بېشىڭنى سىلايدۇ بارمىقىم.
ۋىسالدىن تۈندە تاڭ ئاتمىغىن،
بەرىبىر مەن سېنى تاپارمەن.
ۋىسالدىن تۈندە تاڭ ئاتمىغىن،
بىر كۈنى مەن سېنى تاپارمەن.
بەرىبىر سېنى تاپارمەن.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...