
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
كۈلكىگە يۇغۇرۇلغان يىغا
پلاستىنكا: كۆكلەمدىكى يۈرەك
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2012
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.
مەكتەپ ھاياتى
1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
628

كۈلكىگە يۇغۇرۇلغان يىغا - ھەققىدە:
سۆزى: مۇختار بۇغرا مۇزىكىسى: ئابدۇللا ئابۇرېھىم
بۇ دۇنيا ئەسلىدە يىغلاڭغۇ ئەمەس، بۇلۇتمۇ سەۋەبسىز تۆكمەيدۇ كۆز-ياش. مېھىر بېرىمەن دەپ قەھرىنى بېرىپ، قارلارنى يىغلىتىپ ئۆتىدىكەن قۇياش. مېھىر بېرىمەن دەپ قەھرىنى بېرىپ، قارلارنى يىغلىتىپ ئۆتىدىكەن قۇياش. تەبەسسۇم كۆلىدە يىغا كېمىسى، مەنزىلسىز پەرۋاسىز يۈرىدۇ لەيلەپ. بىر بۇردا زاغرىغا زار بولغان كەبى، تەبەسسۇم كۈلكىلەرگە زار بولدۇق ئەجەپ. بىر بۇردا زاغرىغا زار بولغان كەبى، تەبەسسۇم كۈلكىلەرگە زار بولدۇق ئەجەپ. تۇيۇقسىز كەلگەندە يىغا كەلكۈنى، توغان قۇرىمەن دەپ بولما ئاۋارە. ئەڭ ئاخىرقى رەت تەبەسسۇم ئۈچۈن، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ يۈرەكلەرى پارە. ئەڭ ئاخىرقى رەت تەبەسسۇم ئۈچۈن، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ يۈرەكلەرى پارە.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...