
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
ئەركەم
پلاستىنكا: كۆكلەمدىكى يۈرەك
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2012
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.
مەكتەپ ھاياتى
1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
450

ئەركەم - ھەققىدە:
سۆزى: مۇختار بۇغرا مۇزىكىسى: بىلال
گۈل بولسا ئىسمىڭ چوقۇم ياۋا گۈل، قارلىق تاغ، قىيالاردا ئېچىلغان. يوق ئىكەن ئەركىلەتمە ئىسمىڭمۇ، لەقىمىڭ دەرەخلەرگە ئويۇلغان. گۈل بولسا ئىسمىڭ چوقۇم ياۋا گۈل، قارلىق تاغ، قىيالاردا ئېچىلغان. يوق ئىكەن ئەركىلەتمە ئىسمىڭمۇ، لەقىمىڭ دەرەخلەرگە ئويۇلغان. شاماللاردىن ئىسمىڭنى ئاڭلاپلا قالسا، زوقى كېلىپ قۇشلارمۇ قىلار تەنتەنە. گەر خالىساڭ ئىسمىڭ ئەركەم بولسۇن، بولسۇن شۇنداق ئاتاش بىزگە ئەنئەنە. شاماللاردىن ئىسمىڭنى ئاڭلاپلا قالسا، زوقى كېلىپ قۇشلارمۇ قىلار تەنتەنە. گەر خالىساڭ ئىسمىڭ ئەركەم بولسۇن، بولسۇن شۇنداق ئاتاش بىزگە ئەنئەنە. ئەركەمسەن، ئەركەمسەن، ئەركەمسەن، ئەركەمسەن… گىياھلار رەڭگى ئۈچۈن تالاشسا، يۇلتۇزمۇ نۇر ئۈچۈن تىلەر ئىسمىڭنى. ھۆرلۈكنىڭ لۇغىتىدىن ئاختۇرۇپ، ئەي ئەركەم ئىزدەپ تاپاي جىسمىڭنى. گىياھلار رەڭگى ئۈچۈن تالاشسا، يۇلتۇزمۇ نۇر ئۈچۈن تىلەر ئىسمىڭنى. ھۆرلۈكنىڭ لۇغىتىدىن ئاختۇرۇپ، ئەي ئەركەم ئىزدەپ تاپاي جىسمىڭنى. شاماللاردىن ئىسمىڭنى ئاڭلاپلا قالسا، زوقى كېلىپ قۇشلارمۇ قىلار تەنتەنە. گەر خالىساڭ ئىسمىڭ ئەركەم بولسۇن، بولسۇن شۇنداق ئاتاش بىزگە ئەنئەنە. شاماللاردىن ئىسمىڭنى ئاڭلاپلا قالسا، زوقى كېلىپ قۇشلارمۇ قىلار تەنتەنە. گەر خالىساڭ ئىسمىڭ ئەركەم بولسۇن، بولسۇن شۇنداق ئاتاش بىزگە ئەنئەنە. شاماللاردىن ئىسمىڭنى ئاڭلاپلا قالسا، زوقى كېلىپ قۇشلارمۇ قىلار تەنتەنە. گەر خالىساڭ ئىسمىڭ ئەركەم بولسۇن، بولسۇن شۇنداق ئاتاش بىزگە ئەنئەنە. ئەركەمسەن، ئەركەمسەن، ئەركەمسەن، ئەركەمسەن…
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...