
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
قوشماق
پلاستىنكا: كۆكلەمدىكى يۈرەك
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2012
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.
مەكتەپ ھاياتى
1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
333

قوشماق - ھەققىدە:
سۆزى: مۇختار بۇغرا مۇزىكىسى: ھېكىم ھەسەن
بۇ تۇرمۇشتا كۆپتۇر قوشكېزەك، قوشكېزەكتۇر مۇھەببەت-نەپرەت. بۇ تۇرمۇشتا كۆپتۇر قوشكېزەك، قوشكېزەكتۇر مۇھەببەت-نەپرەت. باھارنىڭمۇ قار-جۇدۇنى بار، مەدھىيەگە ھەمرادۇر غەيۋەت. باھارنىڭمۇ قار-جۇدۇنى بار، مەدھىيەگە ھەمرادۇر غەيۋەت. ئاھ، دۇنيا، چۈشەنمەك تەس ئىنسان خۇيىنى پەيلىنى. ئاھ، ئىنسان، چۈشەنگەيسەن بىلگەيسەن جاھان يولىنى. گاھى قاتتىق ۋە گاھى تاتلىق، قوشماقلارغا تولغان بۇ تۇرمۇش. گاھى قاتتىق ۋە گاھى تاتلىق، قوشماقلارغا تولغان بۇ تۇرمۇش. بەخت-سائادەتكە باشلار، ھاياتلىقتا توغرا يول تۇتۇش. سائادەتكە باشلار، سائادەتكە باشلار، ھاياتلىقتا توغرا يول تۇتۇش. ئاھ، دۇنيا، چۈشەنمەك تەس ئىنسان خۇيىنى پەيلىنى. ئاھ، ئىنسان، چۈشەنگەيسەن بىلگەيسەن جاھان يولىنى. ئاھ، دۇنيا، چۈشەنمەك تەس ئىنسان خۇيىنى پەيلىنى. ئاھ، ئىنسان، چۈشەنگەيسەن بىلگەيسەن جاھان يولىنى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...