
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
كۆكلەمدىكى يۈرەك
پلاستىنكا: كۆكلەمدىكى يۈرەك
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2012
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.
مەكتەپ ھاياتى
1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
376

كۆكلەمدىكى يۈرەك - ھەققىدە:
سۆزى: مۇختار بۇغرا مۇزىكىسى: ھېكىم ھەسەن
ئەي يۈرەك ئاتا قىل گۈلگە سۆيگۈ، شۇ گۈل بوينىنى بىر سوزۇپ باقسۇن. ئەي يۈرەك شامالنى قويغىن مەيلىگە، شامالمۇ غۇنچىنى بىر ئۈزۈپ باقسۇن. ئەي يۈرەك ئاتا قىل گۈلگە سۆيگۈ، شۇ گۈل بوينىنى بىر سوزۇپ باقسۇن. ئەي يۈرەك شامالنى قويغىن مەيلىگە، شامالمۇ غۇنچىنى بىر ئۈزۈپ باقسۇن. ئەي شوخ يۈرەك گۈللەرنىڭ دۈشمىنى ئەمەس، شۇ گۈلدىن ئۆزىگە ئىپار ياسايدۇ. تەبىئەت قوينىدا مەشۇقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىنىڭ يۈرىكى باھار ياسايدۇ. تەبىئەت قوينىدا مەشۇقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىنىڭ يۈرىكى باھار ياسايدۇ. ئەي يۈرەك تومۇرۇم تۇتاشقان ئانا ۋەتەنگە، تەپتىڭدىن ئېرىيدۇ توڭلىغان تۇپراق. ئەي يۈرەك تومۇرۇم تۇتاشقان ئانا ۋەتەنگە، تەپتىڭدىن ئېرىيدۇ توڭلىغان تۇپراق. ئەي يۈرەك مەدەتكار ساڭا كۆكلەمدە، ئاستىڭدا يىلتىزلار ئۈستىڭدە ياپراق. ئەي يۈرەك مەدەتكار ساڭا كۆكلەمدە، ئاستىڭدا يىلتىزلار ئۈستىڭدە ياپراق. ئەي يۈرەك مەدەتكار ساڭا كۆكلەمدە، ئاستىڭدا يىلتىزلار ئۈستىڭدە ياپراق. ئەي يۈرەك مەدەتكار ساڭا كۆكلەمدە، ئاستىڭدا يىلتىزلار ئۈستىڭدە ياپراق. ئاستىڭدا يىلتىزلار ئۈستىڭدە ياپراق. ئاستىڭدا يىلتىزلار ئۈستىڭدە ياپراق.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...