
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
ئەللىك يېشىم
پلاستىنكا: ئەللىك يېشىم
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.
مەكتەپ ھاياتى
1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
343

ئەللىك يېشىم ئەللىك قىسمەت داۋانىدۇر ئەللىك يېشىم ئەلنىڭ ئەللىك ئارمانىدۇر ئەللىك يېشىم بوۋام باسقان ئۇزاق يولنىڭ داۋان ئاتلاپ كەلگەن ئەللىك كارۋانىدۇر ئەللىك يېشىم بوۋام باسقان ئۇزاق يولنىڭ داۋان ئاتلاپ كەلگەن ئەللىك كارۋانىدۇر ئەللىك يېشىم ئەل كۆركىگە زىننەت بەرگەن كۆمۈلمىگەن ئارزۇلارنىڭ جەۋلانىدۇر ئەللىك يېشىم ئەللىك چۈشنىڭ گۈل غۇنچىسى ياقا يىرتماي توزۇپ كەتكەن خازانىدۇر ئەللىك يېشىم ئەللىك چۈشنىڭ گۈل غۇنچىسى ياقا يىرتماي توزۇپ كەتكەن خازانىدۇر … ئا … ئا … ئا … ئەللىك يېشىم ئەللىك سۆيگۈ رىسالىسى ئاشىقلارغا تەلىم بەرگەن داستانىدۇر ئەللىك يېشىم ئەللىك يارەن ھال-مۇڭدىشى بولغان غېرىپ بىر ئاشىققا ئاستانىدۇر ئەللىك يېشىم ئەللىك يارەن ھال-مۇڭدىشى بولغان غېرىپ بىر ئاشىققا ئاستانىدۇر ئەللىك يېشىم ئەللىك قىسمەت داۋانىدۇر
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...