
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
سورىما
پلاستىنكا: سورىما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2021
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.
مەكتەپ ھاياتى
1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
653

سورىما - ھەققىدە:
سۆزى: مۇتەللىپ قاۋۇل مۇزىكىسى: ئەسقەر مۇختار ئاككوردلاشتۇرغۇچى: ئەسقەر مۇختار، كېرىم مەمەت ئۈن ئالغۇچى: يارقېن ياسىن كىرىشتۈرگۈچى: يارقېن ياسىن ناخشىچى: ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
دوستۇما مەندىن «نىچۈن رەڭگىڭ سامان» دەپ سورىما «نە ئازار يەتتى ساڭا، دەردىڭ يامان» دەپ سورىما كۆزلىرىڭ نۇردىن يىراق، ئۈستى-بېشىڭ دەرۋىش سىياق «ئاھ ئۇرۇپ يالغۇز-ياياق ماڭدىڭ قايان» دەپ سورىما … ئىشقىدا توۋلاپ غەزەل ماڭدىم دېسەم بىر يار ئۈچۈن «سېنى مەست قىلغان ئۆزى، قايسى جانان»دەپ سورىما ئاشىقى مەجنۇن قىلىپ ئىشقىڭدا سەرسان ئەيلىگەن «ئېيتقىنا مەن بىر بىلەي، قايسى نادان» دەپ سورىما … مەن گويا نەۋائىيدەك مەيخورغا ئايلاندىم بۈگۈن «نە سەۋەپ ئاشىق ئۈچۈن تاردۇر جاھان» دەپ سورىما ئول پەرى بىر كۈن ماڭا ۋىسال شارابى بەرگۈچە «قۇپقۇرۇق سۆيگۈ پىيالەڭ تولغاي قاچان» دەپ سورىما
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...