ئىنتىزار
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

ئىنتىزار

پلاستىنكا: يىگىت ئىشقى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1998

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 409
ئىنتىزار - ھەققىدە:
سۆزى: ئىبرات
مۇزىكىسى: روزى ئابدۇۋەلى 
قاراپ پەقەت تويماي ئۆتتۈم كۆزۈڭگە،
يۈرەك-باغرىم سۇ بولىدۇ سۆزۈڭگە.
بۇ ئالەمدىن تاپالمايمەن ئۆزۈمنى،
ئەگەر ياقسام يۈزلۈرۈمنى يۈزۈڭگە.

نىگاھىڭدۇر مىنى ساڭا قاراتقان،
سەن ئەمەسمۇ يۈرۈگۈمنى ياراتقان.
ۋۇجۇدۇمغا ھارارەتلەر تاراتقان،
قۇربان بولاي قاشىڭ بىلەن كۆزۈڭگە.

ۋىسالىڭغا يىتىپ جاندىن كىچەي مەن،
ئۇ ئالەمگە سىنىڭ بىلەن كىتەي مەن.
يۈرۈگۈمنى ئىككى قوللاپ سۇناي مەن،
تۇمار قىلىپ ئېسىۋالغىن بويۇڭغا…
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...