
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
ئېيتماڭ
پلاستىنكا: ئېيتماڭ
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2022
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.
مەكتەپ ھاياتى
1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
431

ئېيتماڭ - ھەققىدە:
ناخشىدا: ئابدۇللا ئابدۇرېھىم شېئىرى: ئىلھامجان مۇھەممەد مۇزىكىسى: ئەسقەر مۇختەر ئاكوردلاشتۇرغۇچى: ئەسقەر مۇختەر مىللىي چالغۇدا: ئەسقەر مۇختەر ئۈنۈملىگۈچى: كېرىمجان مەمەتئىلى ئاۋاز ئالغۇچى: مەردان ئابلىكىم
كۆرسىڭىز ئازابنى ھېچ دىلى ئاۋارىغا ئېيتماڭ سۇ ئىچىپ قانغاننى بەس، سۇغا زارىغا ئېيتماڭ بىردە تەتۈر، بىردە ئوڭ ئايلىنار چەرخى پەلەك كۆڭلىڭىز بولسىمۇ ئەگەر ، كىشنىڭ يارىغا ئېيتماڭ كۆڭلىڭىز بولسىمۇ ئەگەر ، كىشنىڭ يارىغا ئېيتماڭ مۇزىكا كىم ۋاپا كۆرسە جاھاندىن، باغلىرىنى گۈل قىلىپ شۇ شېرىن چۈشلەرىنى ئۇيقۇدىن بىدارىغا ئېيتماڭ پەسلى ياز سۇلتانى گۈلنى، ياغسا قار چەيلەپ ئۆتەر پەسلى ياز سۇلتانى گۈلنى، ياغسا قار چەيلەپ ئۆتەر شۇ بەستى-قامىتىڭىزنى، تۇرقى ئەبگارىغا ئېيتماڭ مۇزىكا كىم بىلىدۇ ئەتە سىز ئويغىنىسىز كىم بولۇپ ماختىنىپ بۇ ھالىڭىزنى غېرىب بىچارىغا ئېيتماڭ ئوخشىماس ھەركىم كۆرگىنى، ھەركىم بېشدىن ئۆتكىنى ئوخشىماس ھەركىم كۆرگىنى، ھەركىم بېشدىن ئۆتكىنى گەر خۇشال بولسىڭىز كۆڭلى ۋەيرانىغا ئېيتماڭ گەر خۇشال بولغان بولسىڭىز كۆڭلى ۋەيرانىغا ئېيتماڭ گەر خۇشال بولغان بولسىڭىز كۆڭلى ۋەيرانىغا ئېيتماڭ
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...