
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
كەچۈر ئۆزۈم
پلاستىنكا: كەچۈر ئۆزۈم
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2024
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.
مەكتەپ ھاياتى
1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
923

كەچۈر ئۆزۈم - ھەققىدە:
ناخشىدا: ئابدۇللا ئابدۇرېھىم سۆزى: ئابدۇرىشىت بارات ئويغاق مۇزىكىسى: ئەسقەر مۇختەر ئاككوردلاشتۇرغۇچى: ئەسقەر مۇختەر
كەچۈر «ئۆزۈم»، سېنى ئۇنتۇپ كەتكىنىمنى ئازاپلاردا يۈرەگىمنى داغلاپتىمەن «ھالىڭ نىچۈك؟» دېمەپتىمەن ھازىرغىچە سېنى گويا قورام تاشتەك چاغلاپتىمەن سېنى گويا قورام تاشتەك چاغلاپتىمەن مۇزىكا گاھى جۇدۇن، گاھى داۋان، گاھى چۆلدە گاھى ئىسسىق تومۇزدا قاقلاپتىمەن تۇرمۇشنى دەپ، دوست-يارەن دەپ، دۇنيانى دەپ غەملەرنى يەپ ھېرىپتىمەن، چارچاپتىمەن غەملەرنى يەپ ھېرىپتىمەن، چارچاپتىمەن مۇزىكا ئاسرىماستىن سېنى ئۆزۈم بىرەر قېتىم ئۆزگىلەرنى سېنىڭدىن بەك ئاسراپتىمەن ئەي … جانەي … كەچۈر «ئۆزۈم»، بىلگەن چاغدا قەدرىڭنى مەن ھالسىزلىنىپ مۇشۇ ھالغا كېلىپ قاپتىمەن، جانەي كەچۈر «ئۆزۈم»، مىنى كەچۈر! كەچۈر «ئۆزۈم»، مېنى كەچۈر كەچۈر «ئۆزۈم»، سېنى ئۇنتۇپ قالغىنىمنى جانلىرىڭغا تۈمەن جاپا سالغىنىمنى كەچۈر «ئۆزۈم»، سېنى ئۇنتۇپ قالغانلىرىمنى جانلىرىڭغا تۈمەن جاپا سالغانلىرىمنى جانلىرىڭغا تۈمەن جاپا سالغانلىرىمنى كەچۈر «ئۆزۈم»، مېنى كەچۈر، كەچۈر مېنى!
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...