
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
سەھرا
پلاستىنكا: ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2008
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.
مەكتەپ ھاياتى
1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
305

سەھرا - ھەققىدە:
سۆزى: ئۈمىتۋار مۇزىكىسى: كېرەمجان مۇھەممەت ئېلى
دادا، قەلبىم ئىنتىلەر ئۆركەشلىگەن دەرياغا، مەن شەھەردە چارچىدىم، ئېلىپ كېتىڭ سەھراغا. قىزىم، مەيلى كۆڭلىڭىز، چىقايلى بىز سەپەرگە، شادلىق ئېلىپ كىلەيلى چارچىغان شەھەرگە. قارا دادا! يايلاقلار پادىلارنىڭ جەننىتى، ئەركىن خۇشال ناخشىسى زوقلاندۇرار ھەممىنى. مېھىر بېرىڭ چىن دىلدىن يۇرت تۈۋرىكى تاغلارغا، پاك زىمىننى چۈشىنىڭ كېلىپ دوستۇم سەھراغا، سەھراغا. ******* مۇزىكا ******* قاراڭ قىزىم، بۇلاقلار ھاياتلىقنىڭ ئەلچىسى، ھاياتلىقنىڭ ئەلچىسى، يېشىل ئورمان كۆك ئاسمان پاكىزلىقنىڭ بەلگىسى، پاكىزلىقنىڭ بەلگىسى. جېنىم دادا، سامادا چاقناپ تۇرار تولۇن ئاي، تاڭ ئاتىدۇ ھەر كېچە يۇلتۇز ساناپ بولالماي. مېھىر بىرىڭ چىن دىلدىن يۇرت تۈۋرىكى تاغلارغا، پاك زىمىننى چۈشىنىڭ كېلىپ دوستۇم سەھراغا، سەھراغا.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...