ئامرىقىم
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

ئامرىقىم

پلاستىنكا: يىگىت ئىشقى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1998

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: خەلق ناخشىسى
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 412
ئامرىقىم - ھەققىدە:
سۆزى: خەلق
مۇزىكىسى: خەلق 
ئامرىقىم كۆڭۈل شادى،
ساڭا بىر گىپىم بار ئىدى.
كۆڭلۈمگە ئارام يوقتەك،
ئۇنى ئېيتمىسام زادى.

كۆردۈم سېنى تومۇزدا،
ئىش قاينىغان ئېتىزدا.
يەلكەن بولۇپ ئۈزۈپسەن،
ئاق ئالتۇنلۇق ئېڭىزدا.

يۈرۈگۈڭنى كۆردۈم مەن،
پىشانەڭدىكى تەردىن.
ئۆمرۈڭگە بولۇپ ھەمدەم،
مەن ساڭا كۆڭۈل بەردىم.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...