
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
سىزنى سېغىنسام
پلاستىنكا: ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2008
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.
مەكتەپ ھاياتى
1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
300

سىزنى سېغىنسام - ھەققىدە:
سۆزى: ئابدۇخېلىل ئابدۇكېرىمنىڭ مۇزىكىسى: ئابلىكىم ئابلەتنىڭ ئاككوردلاشتۇرغۇچى: ئابلىكىم ئابلەت
بىر قاراشتا يۈرەكنى ئېلىپ كەتتىڭىز بارچە قايغۇ-ئەلەمنى سېلىپ كەتتىڭىز بەلكىم يەنە بۇھالىمنى بىلىپ يەتتىڭىز چارىلەردىن يىراقمەن سىزنى سېغىنسام بەلكىم يەنە بۇھالىمنى بىلىپ يەتتىڭىز چارىلەردىن يىراقمەن سىزنى سېغىنسام ♬♬♬♬♬ ھىدىڭىزنى چىمەنلەر قاچۇردى مەندىن دەستە بىرىپ مەن ئۈچۈن قايغۇ ئەلەمدىن سەۋدالىقىم ئازارى ئۆتكەندە جاندىن گويا قايناق بۇلاقمەن سىزنى سېغىنسام سەۋدالىقىم ئازارى ئۆتكەندە جاندىن گويا قايناق بۇلاقمەن سىزنى سېغىنسام سىزنى سېغىنسام سىزنى سېغىنسام گويا قايناق بۇلاقمەن سىزنى سېغىنسام ♬♬♬♬♬ خۇشاللىقى دۇنيانىڭ سىز بىلەن كەتتى ئەركە يۈرەك ئاھۇدەك كۆز بىلەن كەتتى بىچارىمەن دەرتلىرىم ساماغا يەتتى يېنىپ ئۆچمەس چىراق مەن سىزنى سېغىنسام بىچارىمەن دەرتلىرىم ساماغا يەتتى يېنىپ ئۆچمەس چىراق مەن سىزنى سېغىنسام سىزنى سېغىنسام سىزنى سېغىنسام چارىلەردىن يىراقمەن سىزنى سېغىنسام سىزنى سېغىنسام سىزنى سېغىنسام يېنىپ ئۆچمەس چىراقمەن سىزنى سېغنسام چارىلەردىن يىراقمەن سىزنى سېغىنسام سىزنى سېغىنسام سىزنى سېغىنسام
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...