ۋەتىنىم سەن جاندىن ئەزىز
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

ۋەتىنىم سەن جاندىن ئەزىز

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2008

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 1042
ۋەتىنىم سەن جاندىن ئەزىز - ھەققىدە:
سۆزى: ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
مۇزىكىسى: كىرەمجان مەمتېلى 
تارىخىڭ باردۇ، شانۇ-شەۋكەتلىك،
تۇپرىقىڭ باردۇر بالۇ-بەركەتلىك.
ئۆزەڭلا بەرگەن ئۇشبۇ ئەركەكلىك،
ۋەتىنىم سەن جان-جاندىن ئەزىز.

ئ‍اتىلار باسقان شۇ ئۇزۇن يوللار،
زەپەرلەر كۈيى ياڭرىغان يىللار.
شۇڭا غورۇردا سايرايدۇ تىللار،
ۋەتىنىمسەن جان-جاندىن ئەزىز.

شەيتانلار توپا سالسا ئېشىمغا،
كۆزىنى ئالايىتسا تاغۇ-تېشىمغا.
يەنە جاپالار-جۇدۇنلار ئارا،
ۋەتىنىمسەن جان-جاندىن ئەزىز.

تۆھمەتلەر بىلەن ئاق بولسا قارا،
جانلار قىينىلىپ دىل بولسا يارا.
نىمىلەر كەلسە كەلسۇن بېشىمغا،
ۋەتىنىمسەن جان-جاندىن ئەزىز.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...