يول بولسۇن
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

يول بولسۇن

پلاستىنكا: شېرىن ئەسلىمە

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2012

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: خەلق ناخشىسى
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 398
يول بولسۇن - ھەققىدە:
سۆزى: خەلق
مۇزىكىسى: خەلق 
مەن سېنى پاناھ تارتىپ ئۆرگىلەي ئايۋانىڭدا ياتايمۇ،

بۇ تۆت كۈنلۈك ئالەمدە سېنىڭ دەردىڭنى تارتايمۇ.

يول بولسۇن ئۇكىجان يول بولسۇن، باسقان ئىزىڭىز گۈل بولسۇن.

باردىم دەريا كەچكىلى، ئولتۇردۇم سۇ ئىچكىلى،

مەن يارنى سېغىنغاندا قاناتىم يوقكەن ئۇچقىلى.
مەن يارنى سېغىنغاندا قاناتىم يوقكەن ئۇچقىلى.
يول بولسۇن ئۇكىجان يول بولسۇن، باسقان ئىزىڭىز گۈل بولسۇن.
يول بولسۇن ئۇكىجان يول بولسۇن، باسقان ئىزىڭىز گۈل بولسۇن.

ئاتلىرىڭىز ئامانمۇ؟ بىدە يەمدۇ سامانمۇ؟
ئاتلىرىڭىز ئامانمۇ؟ بىدە يەمدۇ سامانمۇ؟
خەق ئوينىسا ھېچ گەپ يوق، بىز ئوينىساق يامانمۇ؟
خەق ئوينىسا ھېچ گەپ يوق، بىز ئوينىساق يامانمۇ؟
يول بولسۇن ئۇكىجان يول بولسۇن، باسقان ئىزىڭىز گۈل بولسۇن.
يول بولسۇن ئۇكىجان يول بولسۇن، باسقان ئىزىڭىز گۈل بولسۇن.

چىمەن دوپپا كىمنىڭكى؟ بىزنىڭ يارنىڭ ئۆزىنىڭكى.

ئوينىغىلى قويمامتىڭ؟ ئەمدى نۆۋەت بىزنىڭكى.
ئوينىغىلى قويمامتىڭ؟ ئەمدى نۆۋەت بىزنىڭكى.
يول بولسۇن ئۇكىجان يول بولسۇن، باسقان ئىزىڭىز گۈل بولسۇن.
يول بولسۇن ئۇكىجان يول بولسۇن، باسقان ئىزىڭىز گۈل بولسۇن.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...