
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
گۈلشەندىكى نىدا
پلاستىنكا: شېرىن ئەسلىمە
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2012
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.
مەكتەپ ھاياتى
1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
531

گۈلشەندىكى نىدا - ھەققىدە:
شېئىرى: قاسىم سىدىق مۇزىكىسى: نۇرمۇھەممەت روزى ئاككوردلاشتۇرغۇچى: ئابلەت ئابلىكىم
تاڭ ساباسى يەلپۈسە لەرزان نازلايدۇ گۈللەر گۈل بىلەن تەڭ مەستانىدۇر شەيدا كۈڭۈللەر … زەپ سېغىنغاچ مەشۇق سىنى يۇلتۇزلۇق تۈنلەر كەپتەر بۇلۇپ بىر ئاشىغىڭ بۇقۇلدار ئۈنلەر زەپ سېغىنغاچ مەشۇق سىنى يۇلتۇزلۇق تۈنلەر تۈنلەر تۈنلەر يۇلتۇزلۇق تۇنلەر گۈللەر گۈللەر پۇرىسا گۈللەر تەنھالىقتا بىر ئاشغىڭ بۇقۇلداپ ئۈنلەر ♬♬♬ گۈل بەرگىدە سەھەر پەيتى پارلايدۇ شەبنەم گۈلگە قاراپ يارنى ئەسكە ئالىمەن ھەردەم گۈلگە قاراپ يارنى ئەسكە ئالىمەن ھەردەم بوپ قالغانمۇ جانۇ-جىسمىم گۈلگە مۇجەسسەم ھىدلىرىڭنى گۈل ھىدىدىن ھىدلىدىم سەنەم گۈللەر گۈللەر جىلۋىگەر گۈللەر قۇچاغىمدا يار بولمىغاچ كۆكسۈمدە چۆللەر ♬♬♬ باسالمىدى ئوتلىرىڭنى ئىپارۇ-ئەنبەر قەيەرلەردە قارارگاھىڭ گۈل يۈزلۈك دىلبەر ئەي… سىنى ئىزدەپ تاپالمىدىم سەھرايۇ شەھەر كۆرسەت ۋىسال بەرگىن بىر خەۋەر سىنى ئىزلەپ تاپالمىدىم سەھرايۇ شەھەر كۆرسەت ۋىسال بەرگىن بىر خەۋەر زەپ سېغىنغاچ مەشۇق سىنى يۇلتۇزلۇق تۈنلەر كەپتەر بۇلۇپ بىر ئاشىغىڭ بۇقۇلدار ئۈنلەر تۈنلەر تۈنلەر يۇلتۇزلۇق تۈنلەر كۈنلەر كۈنلەر بۇ ئۇزۇن كۈنلەر تەنھالىقتا بىر ئاشىغىڭ بۇقۇلدار ئۈنلەر تەنھالىقتا بىر ئاشىغىڭ بۇقۇلدار ئۈنلەر
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...