ئەسلەرسەنمۇ
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

ئەسلەرسەنمۇ

پلاستىنكا: شېرىن ئەسلىمە

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2012

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 349
ئەسلەرسەنمۇ - ھەققىدە:
سۆزى: ئاشىق خۇدا بەردى
مۇزىكىسى: نادىر
تېكىست كىرگۈزگۈچى: ئابدۇراخمان 
سېنى ئويلاپ ئۆتتى كۈنۈم،
سەنمۇ مېنى ئويلارسەنمۇ؟
ھەر بىر سۆزۈڭ بىر مۇڭ غەزەل،
سەن ھەم مېنى ئەسلەرسەنمۇ؟

قولۇڭ تۇتۇپ ئۆتەلمىدىم،
ۋىسالىڭغا يىتەلمىدىم،
ھېچ بىر سۆزۈم ئېيتالمىدىم،
بۇ كۆڭلۈمنى بىلگەيسەنمۇ؟

جاندىن كەچتىم جانىم بىلەن،
سەنسىز تارتقىنىم بولدى ئەلەم،
سەن يۈرەگىم سەن مەھبۇبەم،
مەن غېرىپتىن كەچكەيسەنمۇ؟

جاندىن كەچتىم جانىم بىلەن،
سەنسىز تارتقىنىم بولدى ئەلەم،
سەن يۈرەگىم سەن مەھبۇبەم،
مەن غېرىپتىن كەچكەيسەنمۇ؟

ئەپسۇس دەيمەن باغرىم ئەلەم،
زىرىكىمەن يالغۇزلۇقتىن،
ساڭا يىتەلمىگەنىمدىن،
ياكى سەنمۇ كۈلەرسەنمۇ؟

شىرىن ئەسلىمە قالدى گۈزەل،
سەنمۇ ئۇنى ئىزلەرسەنمۇ؟
ئويلاپ يۈرەگىم قېينىلار،
سەنمۇ مىنى ئويلارسەنمۇ؟

جاندىن كەچتىم جانىم بىلەن،
سەنسىز تارتقىنىم بولدى ئەلەم،
سەن يۈرەگىم سەن مەھبۇبەم،
مەن غېرىپتىن كەچكەيسەنمۇ؟

جاندىن كەچتىم جانىم بىلەن،
سەنسىز تارتقىنىم بولدى ئەلەم،
سەن يۈرەگىم سەن مەھبۇبەم،
مەن غېرىپتىن كەچكەيسەنمۇ؟

جاندىن كەچتىم جانىم بىلەن،
سەنسىز تارتقىنىم بولدى ئەلەم،
سەن يۈرەگىم سەن مەھبۇبەم،
مەن غېرىپتىن كەچكەيسەنمۇ؟

جاندىن كەچتىم جانىم بىلەن،
سەنسىز تارتقىنىم بولدى ئەلەم،
سەن يۈرەگىم سەن مەھبۇبەم،
مەن غېرىپتىن كەچكەيسەنمۇ؟

ئابدۇللا خىزمەت ئىشخانىسى ئەسىرى
ئابدۇللا ئانسامبىلى
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...