
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
بالىلىقىم
پلاستىنكا: شېرىن ئەسلىمە
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2012
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.
مەكتەپ ھاياتى
1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
359

بالىلىقىم - ھەققىدە:
سۆزى: ئابدۇللا ئابدۇرېھىم مۇزىكىسى: گۈلناز تۇرسۇن
بالىلىقىم قايان كەتتى كۆرەي دېسەم ماڭلىيىدىن تۇتۇپ بىر رەت سۆيەي دېسەم بالىلىقىم قايان كەتتى كۆرەي دېسەم ماڭلىيىدىن تۇتۇپ بىر رەت سۆيەي دېسەم قايان كەتتى بالىلىقىم، سەبىيلىكىم… بېشىمدا غەملەر تولا كۈن، كۈلەي دېسەم كېلەر يىراق ئېڭىزلاردىن شەپىلىرى ھاياتلىقتىن مىڭ رەت كېچىپ ئۆلەي دېسەم ھەممىدىنمۇ ئىللىق ئىكەن ئانام باغرى ھازىر قېنى ئەللىيىگە كۆنەي دېسەم… ♩♩♩ جاپالارنىڭ قۇلى بولغان ئاتام قېنى ئارقىسىدىن ئەگىشىپ بىر يۈرەي دېسەم نە نەلەردە يۈرىدىكىن قېرىنداشلار قولىدىن تۇتۇپ، قوللىرىدىن سۆرەي دېسەم ♩♩♩ تۆمۈر ئىكەن دەرۋازىسى تۇرۇپ قالدىم مەكتىپىمگە ئانا دەپ كىرەي دېسەم ♩ جاپاكەش بۇ كۆڭۈللەرنىڭ ئارامى يوق سىنىڭ ئۈچۈن بىردەم خىيال سۈرەي دېسەم بىلىپ بىلمەي چاچلىرىمغا ئاقلار كىرىپتۇ بالىلار بىلەن يەنە ئويناپ كۈلەي دېسەم… بىلىپ بىلمەي چاچلىرىمغا ئاقلار كىرىپتۇ بالىلار بىلەن يەنە ئويناپ كۈلەي دېسەم… بالىلىقىم قايان كەتتىڭ كۆرەي دېسەم ئابدۇللا ئانسامبىلى
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...