
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
مۇئەللىم
پلاستىنكا: كۆكلەمدىكى يۈرەك
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2012
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.
مەكتەپ ھاياتى
1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
929

مۇئەللىم - ھەققىدە:
سۆزى: مۇختەر بۇغرا مۇزىكىسى: ھېكىم ھەسەن
مۇئەللىم، شام چىراغ روھ دۇنياسىغا، مۇئەللىم، نۇرىڭىز بەردى ھارارەت. مۇئەللىم، ئەجرىڭىز پەن قىياسىغا، ئۆرلەشتە مەڭگۈلۈك قۇدرەت-جاسارەت. خىلۋەتتە كۆز ئاچقان نامسىز بۇلاقتەك، چاڭقىغان يۈرەككە بەردىڭىز زەم-زەم. مېھرىڭىز يېلىنجاپ تۇرغان چىراغدەك، چۆمۈلدى نۇرلارغا جىمىكى ئالەم. بۇ ئالەم گۈزەللىك ئانىسى ئىكەن، بۇ ئالەم مىسالى چېلىشىش مەيدانى. بۇ ئالەم گۈزەللىك ئانىسى ئىكەن، بۇ ئالەم مىسالى چېلىشىش مەيدانى. سەبىيلەر تېنىگە سانجىلسا تىكەن، بولدىڭىز مۇستەھكەم پولات قورغانى. مۇئەللىم، سۆلەتلىك ئەمەس ھۆسنىڭىز، مۇئەللىم، مەكتەپتە سىز ئاددىي ئادەم. مۇئەللىم، ئالەمدەك كەڭرى كۆكسىڭىز، سىز بۈيۈكلۈك تەختىدە تەنھا، مۆھتەرەم. كەچۈرگەچ بېشىڭىز نى نى قىسمەتنى، قارايسىز دۇنياغا شۇڭا ئۆزگىچە. تونۇتۇپ بارىسىز تارىخ ھېكمەتنى، يۇلتۇزدەك كۆزىڭىز تا يۇمۇلغىچە. بۇ ئالەم گۈزەللىك ئانىسى ئىكەن، بۇ ئالەم مىسالى چېلىشىش مەيدانى. بۇ ئالەم گۈزەللىك ئانىسى ئىكەن، بۇ ئالەم مىسالى چېلىشىش مەيدانى. بۇ ئالەم مىسالى چېلىشىش مەيدانى. سەبىيلەر تېنىگە سانجىلسا تىكەن، بولدىڭىز مۇستەھكەم پولات قورغانى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...