سۆيگۈ رىشتى
مەخمۇت سۇلايمان

سۆيگۈ رىشتى

پلاستىنكا: يۇلتۇزۇم

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1993

مەخمۇت سۇلايمان ھەققىدە:
مەخمۇت سۇلايمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mexmut Sulayman) بولسا 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. قەشقەردەك سەنئەتنىڭ ماكانى بولغان بۇ ئەزىزانە يۇرتتا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان مەخمۇت سۇلايمان 13 يېشىدا دىيارىمىزدىكى سەنئەتنىڭ ئوچىقى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ بالىت ئۆگەندى. كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق مەھمۇتنىڭ قەلبى بالىتتىن بەكرەك ناخشا-مۇزىكىغا تەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تەلپۈنۈش بىلەن ئۇ پىئانىنونى ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇستازلىرىنىڭ تە ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 503
سۆيگۈ رىشتى - ھەققىدە:
سۆزى: مەخمۇت سۇلايمان
مۇزىكىسى: مەخمۇت سۇلايمان 
قاردا قارلىق تاشلىدۇق سىز بولۇڭ سەگەك،
يامغۇردا مەشرەپ باشلىدۇق 30 ئەركەك.
قاردا قارلىق تاشلىدۇق سىز بولۇڭ سەگەك،
يامغۇردا مەشرەپ باشلىدۇق 30 ئەركەك.

بىز ئوينايمىز ئۆرگىلىپ يار ئوينايدۇ چۆرگىلىپ،
خۇشال خۇرام يايرىسۇن بۇ ئوتلۇق يۈرەك.
بىز ئوينايمىز ئۆرگىلىپ يار ئوينايدۇ چۆرگىلىپ،
بىز ئوينايمىز ئۆرگىلىپ يار ئوينايدۇ چۆرگىلىپ،
خۇشال خۇرام يايرىسۇن بۇ ئوتلۇق يۈرەك.
قاردا قارلىق تاشلىدۇق سىز بولۇڭ سەگەك،
يامغۇردا مەشرەپ باشلىدۇق 30 ئەركەك.
بىز ئوينايمىز ئۆرگىلىپ يار ئوينايدۇ چۆرگىلىپ،
خۇشال خۇرام يايرىسۇن بۇ ئوتلۇق يۈرەك.
بىز ئوينايمىز ئۆرگىلىپ يار ئوينايدۇ چۆرگىلىپ،
خۇشال خۇرام يايرىسۇن بۇ ئوتلۇق يۈرەك.

شۇڭا بۇنداق بەزمىدە سىز ئويناڭ زىرەك،
لاۋىلدىسۇن سۆيگۈدە بۇ بىر جۈپ يۈرەك.
شۇڭا بۇنداق بەزمىدە سىز ئويناڭ زىرەك،
لاۋىلدىسۇن سۆيگۈدە بۇ بىر جۈپ يۈرەك.
بۇ كۆڭۈلنىڭ پاكلىغى مۇھەببەتنىڭ شەرتى،
بۇ كۆڭۈلنىڭ پاكلىغى مۇھەببەتنىڭ شەرتى،
شۇنداق گۈزەل سەينا بىزلەرگە كىرەك.
بۇ كۆڭۈلنىڭ پاكلىغى مۇھەببەتنىڭ شەرتى،
بۇ كۆڭۈلنىڭ پاكلىغى مۇھەببەتنىڭ شەرتى،
شۇنداق گۈزەل سەينا بىزلەرگە كىرەك.

شۇڭا بۇنداق بەزمىدە سىز ئويناڭ زىرەك،
لاۋىلدىسۇن سۆيگۈدە بۇ بىر جۈپ يۈرەك.
بۇ كۆڭۈلنىڭ پاكلىغى مۇھەببەتنىڭ شەرتى،
شۇنداق گۈزەل سەينا بىزلەرگە كىرەك.
بۇ كۆڭۈلنىڭ پاكلىغى مۇھەببەتنىڭ شەرتى،
شۇنداق گۈزەل سەينا بىزلەرگە كىرەك.
شۇنداق گۈزەل سەينا بىزلەرگە كىرەك.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...