
سېتىۋېلىش ئورنى
مەخمۇت سۇلايمان
قارا دەيدۇ
پلاستىنكا: يۇلتۇزۇم
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1993
مەخمۇت سۇلايمان ھەققىدە:
مەخمۇت سۇلايمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mexmut Sulayman) بولسا 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. قەشقەردەك سەنئەتنىڭ ماكانى بولغان بۇ ئەزىزانە يۇرتتا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان مەخمۇت سۇلايمان 13 يېشىدا دىيارىمىزدىكى سەنئەتنىڭ ئوچىقى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ بالىت ئۆگەندى. كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق مەھمۇتنىڭ قەلبى بالىتتىن بەكرەك ناخشا-مۇزىكىغا تەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تەلپۈنۈش بىلەن ئۇ پىئانىنونى ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇستازلىرىنىڭ تە ...
داۋامى
تۈر:
خەلق ناخشىسى
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
1241

قارا دەيدۇ - ھەققىدە:
سۆزى :خەلقنىڭ مۇزىكىسى:مەخمۇت سۇلايمان
ئۇ مەھەللەڭدىن بۇ مەھەللەڭگە ئويناي دەپ كەلدىم، مەيلىڭ بارمۇ؟ مەيلىڭ يوقمۇ سىناي دەپ كەلدىم. ئۇ مەھەللەڭدىن بۇ مەھەللەڭگە ئويناي دەپ كەلدىم، مەيلىڭ بارمۇ؟ مەيلىڭ يوقمۇ سىناي دەپ كەلدىم. قارا دەيدۇ قارا دەيدۇ قارا مەندە يوق، قارامۇقنىڭ قاراسىدەك گۇناھ مەندە يوق. قارا دەيدۇ قارا دەيدۇ قارا مەندە يوق، قارامۇقنىڭ قاراسىدەك گۇناھ مەندە يوق. بارغىن دەيدۇ يانغىن دەيدۇ مەيلىم ئۆزەمنىڭ، سەكسەن قامچا ئۇرغان بىلەن يارىم ئۆزەمنىڭ. بارغىن دەيدۇ يانغىن دەيدۇ مەيلىم ئۆزەمنىڭ، سەكسەن قامچا ئۇرغان بىلەن يارىم ئۆزەمنىڭ. قارا دەيدۇ قارا دەيدۇ قارا مەندە يوق، قارامۇقنىڭ قاراسىدەك گۇناھ مەندە يوق. قارا دەيدۇ قارا دەيدۇ قارا مەندە يوق، قارامۇقنىڭ قاراسىدەك گۇناھ مەندە يوق.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...