بۇ كېچە
مەخمۇت سۇلايمان

بۇ كېچە

پلاستىنكا: يۇلتۇزۇم

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1993

مەخمۇت سۇلايمان ھەققىدە:
مەخمۇت سۇلايمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mexmut Sulayman) بولسا 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. قەشقەردەك سەنئەتنىڭ ماكانى بولغان بۇ ئەزىزانە يۇرتتا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان مەخمۇت سۇلايمان 13 يېشىدا دىيارىمىزدىكى سەنئەتنىڭ ئوچىقى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ بالىت ئۆگەندى. كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق مەھمۇتنىڭ قەلبى بالىتتىن بەكرەك ناخشا-مۇزىكىغا تەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تەلپۈنۈش بىلەن ئۇ پىئانىنونى ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇستازلىرىنىڭ تە ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 295
بۇ كېچە - ھەققىدە:
سۆزى: مەخمۇت سۇلايمان
مۇزىكىسى: مەخمۇت سۇلايمان 
بۇ كېچە رەسىمىڭگە قاراپ يەنە،
خىيال سۈرۈپ ئۇيقۇغا چۆكتۈم.
شۇ كېچە ھېدىڭنى پۇراپ يەنە،
كۆزۈڭدىكى بۇلاققا چۆمدۈم.
شۇ كېچە ھېدىڭنى پۇراپ يەنە،
كۆزۈڭدىكى بۇلاققا چۆمدۈم.

خۇشپۇراق گۈللەر ئارا،
چىمبۇلاق چۆللەر ئارا.
خۇشپۇراق گۈللەر ئارا،
چىمبۇلاق چۆللەر ئارا.
بۇ كېچە
بۇ كېچە چۈشۈمدە كۆرۈپ يەنە،
ئويغانغاندا رەسىمىڭنى كۆردۈم.
شۇ كېچە ئېسىمگە كېلىپ يەنە،
ھەسرەت بىلەن مۇڭلىنىپ كۈلدۈم.
شۇ كېچە ئېسىمگە كېلىپ يەنە،
ھەسرەت بىلەن مۇڭلىنىپ كۈلدۈم.

قاپقارا تاغلار ئارا،
زىمىستان چۆللەر ئارا.
قاپقارا تاغلار ئارا،
زىمىستان چۆللەر ئارا.
بۇ كېچە يالغۇر كېچە سەرسان كېچە
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...