گۈزەل
مەخمۇت سۇلايمان

گۈزەل

پلاستىنكا: يۇلتۇزۇم

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1993

مەخمۇت سۇلايمان ھەققىدە:
مەخمۇت سۇلايمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mexmut Sulayman) بولسا 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. قەشقەردەك سەنئەتنىڭ ماكانى بولغان بۇ ئەزىزانە يۇرتتا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان مەخمۇت سۇلايمان 13 يېشىدا دىيارىمىزدىكى سەنئەتنىڭ ئوچىقى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ بالىت ئۆگەندى. كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق مەھمۇتنىڭ قەلبى بالىتتىن بەكرەك ناخشا-مۇزىكىغا تەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تەلپۈنۈش بىلەن ئۇ پىئانىنونى ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇستازلىرىنىڭ تە ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 275
گۈزەل - ھەققىدە:
سۆزى: مەخمۇت سۇلايمان
مۇزىكىسى: مەخمۇت سۇلايمان 
كەل جانىم مېنىڭ يۈركۈمدىن ئوتلار ياندى،
سېنىڭ گۈزەل جامالىڭغا شەيدايى بولدۇم.
كەل جانىم قارا كۆزلىرىمدىن ياشىم تامدى،
سېنىڭ نازۇك بويلىرىڭغا سەۋدايى بولدۇم.
شەيدايى بولدۇم ۋەيرانە بولدۇم،
شەيدايى بولدۇم ۋەيرانە بولدۇم.

كۆزلەرىڭ گۈزەل سۆزلەرىڭ گۈزەل،
سېنىڭ ئۈچۈن كۆيۈپ ياندى بۇ قەلبىم گۈزەل.
كۆزلەرىڭ گۈزەل سۆزلەرىڭ گۈزەل،
سېنىڭ ئۈچۈن كۆيۈپ ياندى بۇ قەلبىم گۈزەل.

كەل يوشۇرما يۈرەك سىرىڭنى،
كەل كەل قاچۇرما نازۇك بويۇڭنى.
كەل يوشۇرما شىرىن سۆزۈڭنى،
كەل كەل قاچۇرما خۇمار كۆزۈڭنى.
ۋەيرانە بولدۇم!!!

كۆزلەرىڭ گۈزەل سۆزلەرىڭ گۈزەل،
سېنىڭ ئۈچۈن كۆيۈپ ياندى بۇ قەلبىم گۈزەل.
كۆزلەرىڭ گۈزەل سۆزلەرىڭ گۈزەل،
سېنىڭ ئۈچۈن كۆيۈپ ياندى بۇ قەلبىم گۈزەل.

كەل يوشۇرما يۈرەك سىرىڭنى،
كەل كەل قاچۇرما نازۇك بويۇڭنى.
كەل قاچۇرما شىرىن سۆزۈڭنى،
كەل كەل قاچۇرما خۇمار كۆزۈڭنى.
ۋەيرانە بولدۇم!!!

كۆزلەرىڭ گۈزەل سۆزلەرىڭ گۈزەل،
سېنىڭ ئۈچۈن كۆيۈپ ياندى بۇ قەلبىم گۈزەل.
كۆزلەرىڭ گۈزەل سۆزلەرىڭ گۈزەل،
سېنىڭ ئۈچۈن كۆيۈپ ياندى بۇ قەلبىم گۈزەل.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...