ئۆرلە ۋەتەن
مەخمۇت سۇلايمان

ئۆرلە ۋەتەن

پلاستىنكا: يۇلتۇزۇم

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1993

مەخمۇت سۇلايمان ھەققىدە:
مەخمۇت سۇلايمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mexmut Sulayman) بولسا 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. قەشقەردەك سەنئەتنىڭ ماكانى بولغان بۇ ئەزىزانە يۇرتتا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان مەخمۇت سۇلايمان 13 يېشىدا دىيارىمىزدىكى سەنئەتنىڭ ئوچىقى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ بالىت ئۆگەندى. كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق مەھمۇتنىڭ قەلبى بالىتتىن بەكرەك ناخشا-مۇزىكىغا تەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تەلپۈنۈش بىلەن ئۇ پىئانىنونى ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇستازلىرىنىڭ تە ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 584
ئۆرلە ۋەتەن - ھەققىدە:
سۆزى: مەخمۇت سۇلايمان
مۇزىكىسى: مەخمۇت سۇلايمان 
ۋەتىنىم ئانام دەپ كۈيلەيمەن سېنى،
ئوغلۇم دەپ جەڭلەرگە ئۈندەيسەن مېنى.
باغرىڭدا مەن يېتىلدىم مەردانە شىردەك،
شۇ گۈزەل جەننەتتەك گۈللىتەي سېنى.
باغرىڭدا مەن يېتىلدىم مەردانە شىردەك،
شۇ گۈزەل جەننەتتەك گۈللىتەي سېنى.
ئۆرلە ۋەتەن گۈللە ۋەتەن ئۆرلە ۋەتەن گۈللە ۋەتەن.

تۇغۇلدۇم دۇنياغا سىنالماق ئۈچۈن،
ئاق سۈتۈڭنىڭ ھۆرمىتىن ياندۇرماق ئۈچۈن.
بالىلىق بۇرچۇم يادىمدا ھەر كۈن،
ياشىنىپ جەننەتتەك كۈلدۈرەي سىنى.
بالىلىق بۇرچۇم يادىمدا ھەر كۈن،
ياشىنىپ جەننەتتەك كۈلدۈرەي سىنى.
ئۆرلە ۋەتەن گۈللە ۋەتەن ئۆرلە ۋەتەن گۈللە ۋەتەن.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...