سېنى ئويلايمەن
مەخمۇت سۇلايمان

سېنى ئويلايمەن

پلاستىنكا: سالام دوستلار

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1989

مەخمۇت سۇلايمان ھەققىدە:
مەخمۇت سۇلايمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mexmut Sulayman) بولسا 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. قەشقەردەك سەنئەتنىڭ ماكانى بولغان بۇ ئەزىزانە يۇرتتا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان مەخمۇت سۇلايمان 13 يېشىدا دىيارىمىزدىكى سەنئەتنىڭ ئوچىقى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ بالىت ئۆگەندى. كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق مەھمۇتنىڭ قەلبى بالىتتىن بەكرەك ناخشا-مۇزىكىغا تەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تەلپۈنۈش بىلەن ئۇ پىئانىنونى ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇستازلىرىنىڭ تە ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 361
سېنى ئويلايمەن - ھەققىدە:
سۆزى: غىياس باي
مۇزىكىسى: مەخمۇت سۇلايمان 
خالىس مەنزىللەردە يۈرگىنىمدە ھەم،
بىر ئىشقا بەنت بولۇپ تۇرغىنىمدا ھەم.
خالىس مەنزىللەردە يۈرگىنىمدە ھەم،
بىر ئىشقا بەنت بولۇپ تۇرغىنىمدا ھەم.
يار باشىم ھەر تامان ئۇرغانىمدا ھەم،
دوستۇ-دۈشمەنلەرنى كۆرگىنىمدە ھەم.
سېنى ئويلايمەن سېنى ئويلايمەن.

سېنى ئويلىماستىن ئۆتكەن دېڭىم يوق،
ئىشقىڭ بىلەن ۋاي مەن زىرىككىنىم يوق.
سېنى ئويلىماستىن ئۆتكەن دېڭىم يوق،
ئىشقىڭ بىلەن ۋاي مەن زىرىككىنىم يوق.
دەردىم بار لىكىن بىر مەلھىمىم يوق،
چۈنكى سەندن باشقا دىلدا غېمىم يوق.
دەردىم با لىكىن بىر مەلھىمىم يوق،
چۈنكى سەندن باشقا دىلدا غېمىم يوق.
سېنى ئويلايمەن ھەي سېنى ئويلايمەن.
سېنى ئويلايمەن ھەي سېنى ئويلايمەن.
سېنى ئويلايمەن سېنى ئويلايمەن.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...