قەدرىگە يەت بىلگەنلەرنىڭ
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

قەدرىگە يەت بىلگەنلەرنىڭ

پلاستىنكا: تۇنجى سۆيگۈ

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2000

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 400
قەدرىگە يەت سېنىڭ قەدرىڭ بىلگەنلەرنىڭ،
ھالىن سورىما ئورنى ئاسمان بولغانلارنىڭ.
قەدرىگە يەت سېنىڭ قەدرىڭ بىلگەنلەرنىڭ،
ھالىن سورىما ئورنى ئاسمان بولغانلارنىڭ.
دەردىگە يەت مەيۈس مىسكىن دەرتمەنلەرنىڭ،
ئىگىلەنگە ئىگىلۇر كېرىلگەنگە كېرىل.
ئىگىلەنگە ئىگىلۇر كېرىلگەنگە كېرىل.

نائىنساپنىڭ سالامىدا مەنا يوقتۇر،
ھەرنە مەردان بىلەن يۈرگىن كۆڭۈل توقتۇر.
نائىنساپنىڭ سالامىدا مەنا يوقتۇر،
ھەرنە مەردان بىلەن يۈرگىن كۆڭۈل توقتۇر.
ئۇچرىغانغا تازىم ئىتىش ھاجەت يوقتۇر،
ئىگىلەنگە ئىگىلۇر كېرىلگەنگە كېرىل.
ئىگىلەنگە ئىگىلۇر كېرىلگەنگە كېرىل.

ئەڭ بىۋاپا ھەمراھ بىلسەڭ دۆۋلەت پۇلدۇر،
ئەڭ زەربىلىك يەنە بىلسەڭ زەھەر تىلدۇر.

ئىككىسىنىڭ ئاپەتىدىن يىراق يۈرگىن،
ئىگىلەنگە ئىگىلور كېرىلگەنگە كېرىل.
ئۇ باقمىسا سەنمۇ ئاڭا باقماي ئۆتكىن،
كۆڭۈل ئالسا سەنمۇ كۆڭۈل ئېلىپ ئۆتكىن،
ئىگىلەنگە ئىگىلۇر كېرىلگەنگە كېرىل
ئىگىلەنگە ئىگىلۇر كېرىلگەنگە كېرىل
ئىگىلەنگە ئىگىلۇر كېرىلگەنگە كېرىل
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...