
سېتىۋېلىش ئورنى
مەخمۇت سۇلايمان
سۆيگىنىمگە
پلاستىنكا: سالام دوستلار
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1989
مەخمۇت سۇلايمان ھەققىدە:
مەخمۇت سۇلايمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mexmut Sulayman) بولسا 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. قەشقەردەك سەنئەتنىڭ ماكانى بولغان بۇ ئەزىزانە يۇرتتا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان مەخمۇت سۇلايمان 13 يېشىدا دىيارىمىزدىكى سەنئەتنىڭ ئوچىقى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ بالىت ئۆگەندى. كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق مەھمۇتنىڭ قەلبى بالىتتىن بەكرەك ناخشا-مۇزىكىغا تەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تەلپۈنۈش بىلەن ئۇ پىئانىنونى ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇستازلىرىنىڭ تە ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
319

سۆيگىنىمگە - ھەققىدە:
سۆزى: مەخمۇت سۇلايمان مۇزىكىسى: مەخمۇت سۇلايمان
ئىشەنگىن مېھرىبان سۆيگىنىم ماڭا، سېنى بىر ئۆمۈر ياشايمەن يەنە. كۈيلەيمەن دىلىمدىن مۇھەببىتىم دەپ، ھاياتىم ماماتىم ئاتىدىم ساڭا. كۈيلەيمەن دىلىمدىن مۇھەببىتىم دەپ، ھاياتىم ماماتىم ئاتىدىم ساڭا. بىلمەيمەن كۈلمىدىم يۈرەكىم يارا، سىنىڭسىز بۇ دۇنيا كۆڭۈلسىز ماڭا. كۆڭلۈڭنى بەر ماڭا جان ۋاپادارىم، بىلمەيمەن قاچاندىن كۆيىمەن ساڭا. كۆڭلۈڭنى بەر ماڭا جان ۋاپادارىم، بىلمەيمەن قاچاندىن كۆيىمەن ساڭا. تەلمۈرۈپ كۆزۈڭگە قارىسام ئاستا، كۆزۈمدىن بۇقۇلداپ ئاقىدۇ ياشلار. قەلبىمدە سۆيگىنىم كۆيگىنىم سەندە، يىغلىسام سۇ بۇلۇپ ئېرىيدۇ تاشلار. قەلبىمدە سۆيگىنىم كۆيگىنىم سەندە، يىغلىسام سۇ بۇلۇپ ئېرىيدۇ تاشلار.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...