كېچە
مەخمۇت سۇلايمان

كېچە

پلاستىنكا: سالام دوستلار

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1989

مەخمۇت سۇلايمان ھەققىدە:
مەخمۇت سۇلايمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mexmut Sulayman) بولسا 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. قەشقەردەك سەنئەتنىڭ ماكانى بولغان بۇ ئەزىزانە يۇرتتا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان مەخمۇت سۇلايمان 13 يېشىدا دىيارىمىزدىكى سەنئەتنىڭ ئوچىقى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ بالىت ئۆگەندى. كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق مەھمۇتنىڭ قەلبى بالىتتىن بەكرەك ناخشا-مۇزىكىغا تەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تەلپۈنۈش بىلەن ئۇ پىئانىنونى ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇستازلىرىنىڭ تە ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 283
كېچە - ھەققىدە:
سۆزى: مەخمۇت سۇلايمان
مۇزىكىسى: مەخمۇت سۇلايمان 
بۇ كېچە ئايدىڭ كېچە يار
بۇ كېچە سالقىن كېچە يار
بۇ كېچە گۈزەل كېچە يار
ئىككىمىز يۈرگەن كېچە

خۇشپۇراق گۈللەر ئارا
چىمبۇلاق كۆللەر ئارا
بۇ كېچە ئايدىڭ كېچە يار
بۇ كېچە يالغۇز كېچە يار
بۇ كېچە غەمكىن كېچە يار
بۇ كېچە سەرسان كېچە
سېغىنىپ كۈتكەن كېچە

قاپقارا تاغلار ئارا
زىمىستان چۆللەر ئارا
بۇ كېچە يالغۇز كېچە يار
بۇ كېچە غەمكىن كېچە يار
بۇ كېچە سەرسان كېچە
بۇ كېچە يالغۇز كېچە يار
بۇ كېچە غەمكىن كېچە يار
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...