
سېتىۋېلىش ئورنى
مۇقام ئانسامبىلى
ئىراق مۇقامى
پلاستىنكا: ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2002
مۇقام ئانسامبىلى ھەققىدە:
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىدىن ئىبارەت دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بۇ مەنىۋى تەۋەررۈكنى، بىباھا گۆھەرنى ساقلاپ قىلىش، يىراق ئۆتمۈشنىڭ مالىمانچىلىقىدا يوقىلىپ كەتكەن ئاھاڭلىرىنى تولۇقلاش، ئۇنى رەتلەش ۋە نەشر قىلىش، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش يولىدىكى ئىزدىنىش، ئۇنىڭ مۇزىكا قۇرۇلمىسى، ئورۇنلاش ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلارنىڭ مەزمۇنى ھەققىدىكى تەتقىقات توختاپ قالمىدى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئەڭ دەسلەپ 1951-يىلى پولات سىمغا ئۈنگە ئېلىندى.
بۇ جەرياندا ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئەڭ ئاخىر ...
داۋامى
تۈر:
مۇقام
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
672

ئىراق مۇقامى - ھەققىدە:
ئىراق مۇقامى (چۆلى ئىراق، ئىراق چۆلى) چوڭنەغمە قىسمى 186 مىسرا، داستان قىسمى ئۈچ داستان 76 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئۈچ مەشرەب 60 مىسرا جەمئىي بولۇپ 322 مىسرا
چوڭ نەغمە مۇقەددىمە كىرمەگەيمەن جەننەتۇل مەئۋاغە دىلبەر بولماسا، شىشەپۇشى تۈشمەگەي دەرياغا گەۋھەر بولماسا. يېشىمى: دىلبەر بولمىسا، جەننەتتەك جايغىمۇ كىرمەيمەن، گۆھەر بولمىغان دەرياغا غەۋۋاسمۇ چۇشمەيدۇغۇ. خالۇ خەتتىنىڭ سىپاھىدىن جەھانگىر ئولدى يار، ۋەرنە، شاھ ئىقلىمنى ئالغايمۇ لەشكەر بولماسا. يېشىمى: يار ئۆزىنىڭ خال ۋە مىيىق لەشكەرلىرى بىلەن جاھانگىر بولدى، لەشكىرى بولمىغان شاھ بىرەر مەملىكەتنى قانداقمۇ ئالالىسۇن؟ بولمادى مەئلۇم ھىكمەت ئەھلىغە سەيرى قەمەر، ئاسمانى نىلگۇن سەھنىدە ئەختەر بولماسا. يېشىمى: نىل رەڭ ئاسمان سەھنىسىدە يۇلتۇزلار بولمىغىنىدا ئىدى، ئاينىڭ دەۋر قىلىپ ئايلىنىشىنى دانىشمەنلەر بىلەلمىگەن بولاتتى. تاپماغاي ئەردى رەۋاجى قىسسەئى ئابىھەيات، زۇلمەت ئىچرە نەچە يىل خىزرۇ سكەندەر بولماسا. يېشىمى: ئەگەر خىزىر پەيغەمبەر بىلەن ئىسكەندەر ئابىھايات ئىستەپ، زۇلمەتتە نەچچە يىللاپ يۈرمىگەن بولسا، ئابىھايات توغرىسدىكى قىسسە بۇ قەدەر تەسىرلىك بولۇپ تارقالمىغان بولاتتى. سوھبەتى ساھىبدىلان گەرم ئولدى، زاھىد تۇرماغىل، خىرمەنى ئاتەشكە كىم كىرگەي سەمەندەر بولماسا، يېشىمى: زاھىت ئاقكۆڭۈللەرنىڭ سۆھبىتى قىزىپ كەتتى، بىر چەتتە قاراپ تۇرما، ئەگەر سەمەندەر بولمىسا، ئوتنىڭ ئىچىگە كىم كىرەلەيدۇ؟ ھۇبى بۇ ژۇلىدە مولاردىن چۇ دىلگىر ئولماڭىز، زاھىر ئولماس زىينەتى شەھرى قەلەندەر بولماسا، يېشىمى: چېچى يەلكىسىگە چۈشۈپ تۇرغانلارنىڭ «ھۇ ئاللاھ» سېلىشلىرىدىن خاپا بولماڭ، چۈنكى قەلەندەر بولمىسا، شەھەرنىڭ زىننىتى گەۋدىلەنمەيدۇ. نەقىشبەندىيلەرگە نەقشى بورىيايى بەسدۇرۇر، ئەتلەسى گەردۇن ئەگەر بالىنۇ بىستەر بولماسا. يېشىمى: نەقىشىبەدىيلەرگە ئاسماننىڭ كۆرپە – ياستۇقلىرى بولمىسىمۇ، بىر پارچە بورا بولسىلا كۇپايە. ئەژدەھايى بىيشەنى ھەيبەتدە كىم قىلغاي خەراب، دۇلدۇل ئۈزرە نەئرەئى ئاۋازى ھەيدەر بولماسا. يېشىمى: ئەگەر دۇلدۇل ئۈستىدە ھەيۋەت بىلەن نەرە تارتىپ تۇرغان شىرى ھەيدەر بولمىغىنىدا، جاڭگالدىكى ئەجدىھانى كىم خاراب قىلالايتتى؟ ئەي زەلىلىي، كەچەيۈ گۈندۈز ئىشىم دىيۋانەلىك، تا جۇنۇن ئىقلىمدىن مۇلكى مۇسەخخەر بولماسا. يېشىمى: ئەي زەلىلىي، تاكى جۇنۇن ئىقلىمدىن بىرەر مەملىكەتنى ئىشغال قىلغىمىچە، مەجنۇنلۇق دائىمىي ئىشىم بولىدۇ. تەئەززە ئوتمۇ ھەم بار، گۇلمۇ ھەم بار يارنىڭ رۇخسارىدا، يارمۇ ھەم بار، ئوقمۇ ھەم بار ئول كۆزى خۇنخارىدا. يېشىمى: يارنىڭ رۇخسارىدا، ئوتمۇ بار ھەم گۈلمۇ بار، قانخور كۆزىدە يامۇ بار ھەم ئوقمۇ بار. زەئفەران ھەم، مۇشىك ھەم، ئەنبەرمۇ ھەم، سۇنبۇلمۇ ھەم، جانمۇ ھەم، ئىيمانمۇ ھەم ئول لەئلى شەكەر بارىدا. يېشىمى: ئاشۇ شېكەر تۆكۈلۈپ تۇرغان لېۋىدە، زەپەرمۇ، ئىپارمۇ، ئەنبەرمۇ، سۇنبۇلمۇ، جانمۇ، ئىمانمۇ ھەممىسى بار. زۇلمى ھەم، رەھمەتمۇ ھەم، فۇرقەتمۇ ھەم، ئىششرەتمۇ ھەم، زەھر ھەم، شەكەرمۇ ھەم، ئول ۋەسل ئىشرەتزارىدا. يېشىمى: ۋەسلىنىڭ ئىشرەتزارىدا، زۇلۇممۇ، شەپقەتمۇ، پىراقمۇ، ئىشرەتمۇ، زەھەرمۇ، شېكەرمۇ تېپىلىدۇ. مەن ئەرۈرمەن ئىشقىدا ھەيران، تۈمەن ھەسرەت بىلە، بىئەدەد ئاسىغلىق زۇلغىنىڭ ھەر تارىدا. يېشىمى: مەن ئۇنىڭ ئىشق – مۇھەببىتىنىڭ دەردىدە، تۈمەن ھەسرەت چېكىمەن، لېكىن چېچىنىڭ ھەربىر تېلىغا بىھبساب دەردسىزلىكىنىڭ ئېسىقلىق تۇرغىنىغا ھەيرانمەن. سەرنىۋىشتىمدۇر مەنىڭ ئوتىدا كۆيمەك سۇبھۇ شام، گۇللارى ئەل ئىلكىدە، جانۇ دىلىمدۇر خارىدا. يېشىمى: مېنىڭ پېشانەمگە پۈتۈلگىنى كېچە – كۈندۈز ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيۈشتۈر؛ ئۇنىڭ گۇلى باشقىلارنىڭ قولىدا – يۇ، جېنىم بىلەن دىلىم بولسا، ئۇنىڭ تىكىنىدە. زەئفەران يۈز مەندەدۇر، ئەلنىڭ دىماغى تازەدۇر، مۇشكۇ ئەنبەر سۇنبۇلىدىن بىخەبەر ھەر سارىدا. يېشىمى: مېنىڭ يۈزۈم دەرد – ئەلەمدىن زەپىران، ئەمما، ئۇنىڭ ئىپار – ئەنبەر چېچىدىن خەۋرىدىمۇ بولمىغان باشقا جايلاردىكى كىشىلەرنىڭ كۆڭلى بولسا، خوشالدۇر. ئەلگە راھەت، نازۇ نىئمەتدۇر ئەزەل قەسسامىدىن، كۆيمەكۇ ئۆلمەك ساڭاكىم بولماغاچ گۇل نارىدا. يېشىمى: راھەت بىلەن نازۇ نېمەت ئەزەل تەقسىماتچىسى تەرىپىدىن باشقىلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن. ئەمما ئۇنىڭ دوزىخىدا گۈل بولمىغانلقىتىن، كۆيۈپ ئۆلۈش ساڭا نېسىپ قىلىنغاندۇر. كۈلغە پاتتىم، ئوتغا تۈشتۈم، بىلمەدىم نە نەۋئ مەن، غەرق ئولۇپ بولدۇم فەنا ئىكى كۆزۈم خۇنخارىدا. يېشىمى: مەن زادى نېمە بولدۇم ھېچ بىلمىدىم؛ كۈلگە مىلەندىم، ئوتقا چۈشتۈم، ئىككى كۆزۈمدىن ئاققان قانلىق ياشقا غەرق بولۇپ كەتتىم. مۇلمۇ ھەم، ساغەرمۇ ھەم بار، ھەم نەباتۇ لەئلىدە، تازە گۇلدەك ماھى بەدرى مىھرى پۇر ئەنۋارىدا. يېشىمى: ئۇنىڭ لېۋىدە مەيمۇ، قەدەھمۇ ھەم ناۋاتمۇ بار؛ گۈلدەك پاك يۈزىدە، تولۇن ئاي بىلەن قوياشنىڭ نۇرى بار. بۇ مەنىڭ كۆڭلۈم مۇسەلسەل زۇلفىنىڭ تارىغا بەند، بەلكى چىرماشتى تەنىمگە ئىشق ئوتى ھەر سارىدا. يېشىمى: كۆڭلۈم ئۇنىڭ چاچلىرىنىڭ زەنجىردەك تالالىرىغا باغلىنىپ قالدى، بەلكى ئۇنىڭ ئىشق ئوتى تەرەپ – تەرەپتىن تېنىمگە چىرماشتى. ئەيشى راھەت ئەلگە، دەردىن جانغا ئال، گۇمنامكىم، مۇئتەبەردۇر دەردۇ مىھنەت ئىشقنىڭ بازارىدا. يېشىمى: ئەي گۇمنام، راھەتلىك ياشام ئەلگە بولسۇن، ئۇنىڭ دەردىنى جېنىڭغا سېتىۋالغىنكى، ئىشق – مۇھەببەت بازارىدا، دەرد – ئەلەم دېگەن ئەتىۋارلىق نەرسىدۇر. تەئەززە چۈشۈرگىسى ئەيشى راھەت ئەلگە، دەردىن جانغا ئال، گۇمنامكىم، مۇئتەبەردۇر دەردۇ مىھنەت ئىشىقنىڭ بازارىدا. يېشىمى: راھەتلىك ياشام ئەلگە بولسۇن، ئەي گۇمنام، ئۇنىڭ دەردىنى جېنىڭغا سېتىۋالغىنكى، ئىشق – مۇھەببەتنىڭ بازارىدا، دەرد – ئەلەم دېگەن ئەتىۋارلىق نەرسىدۇر. نۇسخە نىگارا، ئىشتىياقىڭدا زەئىفۇ ناتەۋان بولدۇم، ھەمىشە دەر – بەدەر ئالەم ئارا بىخانۇمان بولدۇم. يېشىمى: ئەي نىگار، ئىشتىياقىڭدا زەئىپ ۋە كۈچسىز بولۇپ قالدىم؛ جاھاندا ھەمىشە ئىشىكمۇ – ئىشىك يۈرىدىغان، ئۆي – ماكانسىز بىر ئاققۇن بولۇپ قالدىم. نەتەي ئاۋارە بولماي بىر سەنىڭدەك غەمگۇزارىم يوق، كۆيۈپ فۇرقەت ئوتىدا مۇبتەلائى لامەكان بولدۇم. يېشىمى: سەندىن باشقا غەمگۇزارىم بولمىسا، پىراق ئوتىدا كۆيۈپ، ماكانسىزغا ئايلىنىپ قالغان تۇرسام، سەرگەردان بولماي قانداق قىلاتتىم، ئەمىسە؟ قادالدى كىرفىكىڭنىڭ نەشتەرى بۇ خەستە جانىمغا، غەمۇ مىھنەت ئىچىدە دەرد تارتىپ زەئفەران بولدۇم. يېشىمى: كىرپىكىڭنىڭ نەشتىرى خەستە جېنىمغا سانچىلدى، غەم ۋە جاپا ئىچىدە دەرد تارتىپ، يۈزۈم زەپىران بولدى. خىرامان ناز ئىلەكىم تازە گۇلدەك ئاچىلىپ چىقساڭ، جەمالىڭ شەۋقىنى ئول دەم كۆرۈپۇ شادمان بولدۇم. يېشىمى: يېڭىلا پورەكلىگەن گۈلدەك ئېچىلىپ، ناز – ئىستىغىنا بىلەن لەرزان يۈرۈپ چىققىنىڭدا، جامالىڭنىڭ پەيزىنى كۆرۈپ، بەكمۇ خۇشال بولدۇم. ساڭا بۇ ئەرزى ھالىمنى بەيان ئەيلەرگە يوق تاقەت، تۇتۇپ غەم لەشكەرى قويماس ياقامنى، بىزەبان بولدۇم. يېشىمى: غەم لەشكەرى ياقامنى مەھكەم بوغۇۋالغاچقا، ئۈن چىقىرالماي قالدىم. شۇ تاپتا، ساڭا بۇ ئەرز – ئەھۋالىمنى بايان قىلغىدەك كۈچمۇ قالمىدى. نەتەي، بىچارەئى غەمگىن قىلىپدۇر دەرد ئىلە ھىجران، سارىخ رۇخسارە ھەجرىڭ ئوتىدىن بەرگى خەزان بولدۇم. يېشىمى: ھىجران بىلەن دەرد مېنى غەمكىن، بىچارە قىلىپ قويدى. جۇدالىقنىڭ ئوتىدىن چىرايىم سارغىيىپ، كۈزدىكى غازاڭ بولۇپ قالدىم، قانداق قىلارمەن؟ جەمالىڭ ھەسرەتىدە ئۆرتەنۈر شامۇ سەھەر جانىم، بولۇپ مەجنۇن كەبى ئالەمدە رۇسۋايى جەھان بولدۇم. يېشىمى: جامالىڭنىڭ ھەسرىتىدە جېنىم تۈندىن تاڭغىچە ئۆرتىنىدۇ؛ بۇ ئالەمدە مەجنۇنغا ئوخشاش جاھاننىڭ رەسۋاسىغا ئايلىنىپ قالدىم. فىراقىي، خەستەدىل ئاشۇفتە بولدى ئايرىلىپ سەندىن، فىراقىڭ دەردىگە مەھرەم، جەفاغا ھەمزەبان بولدۇم. يېشىمى: فىراقىي سەندىن ئايرىلىپ قالغانىدن كېيىن، دىلى سۇندى، پەرىشان بولدى؛ پىراقىڭ دەردى بىلەن سىرداش، جاپايىڭ بىلەن سۆھبەتداش بولۇپ قالدى. نۇسخە چۈشۈرگىسى فىراقىي، خەستە دىل ئاشۇفتە بولدى ئايرىلىپ سەندىن، فىراقىڭ دەردىگە مەھرەم، جەفاغا ھەمزەبان بولدۇم، يېشىمى: فىراقىي سەندىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، دىلى سۇندى، پەرىشان بولدى؛ پىراقىڭ دەردى بىلەن سىرداش، جاپايىڭ بىلەن سۆھبەتداش بولۇپ قالدى. مۇستەھزاد ساقىيا، جامىمنى ساف ئەيلە مەيى ئەنۋاردىن، ئەيلەگىل كۆڭلۈمنى خالىي جۇملەئى ئەغياردىن. يېشىمى: ئەي ساقىي، قەدىھىمنى نۇر شارابى بىلەن پاك قىلغىن، كۆڭلۈمنى پۈتكۈل رەقىبلەردىن خالىي قىلغىن. مەست ئەيلەپ ھۇشۇم ئال، قىلغىل خۇمارىدى خەلاس، ھەم خۇمارى ئۆزلۈكىدىن ئىت ھەم پەردەئى پىنداردىن. يېشىمى: مەست قىلىپ ھۇشۇمنى يوقات، خۇماردىن خالاس قىل. ھەم ئۆزلۈك خۇمارىدىن ھەم كىبىر پەردىسىدىن قۇتۇلدۇرغىن. ھەجرنىڭ ئەندۇھىدىن بولدى كۆزۈم يىغلاپ بەسىر، كاشكى بولغاي ئەدى بىينا كۆزۈم دىيداردىن. يېشىمى: ھىجران قايغۇسىدا كۆپ يىغلاپ، كۆزۈم تۇتۇلدى؛ كاشكى ئۇنىڭ دىدارىغا مۇيەسسەر بولسام، بۇ ھالدا، كۆزۈم روشەنلەشكەن بولاتتى. گەر بەھار ئۆتكەچ تولا سارغارسا يافراقلار نە تاڭ، سارغارىپ يۈز غەم بىلەن بولسە جۇدا غەمخاردىن. يېشىمى: باھار ئۆتكەندىن كېيىن، ياپراقلارنىڭ سارغىيىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، چۈنكى غەمخورىدىن ئايرىلغان كىشىنىڭمۇ چىرايى غەم بىلەن سارغىيىپ كېتىدۇ ئەمەسمۇ؟ ۋەسل قەردىن بىلمەگەنگە ھەجر ئوتى پاداش ئەمىش، بولما نەۋمىد، ئەي زۇھۇرىي، بۇرنا سۆيگەن ياردىن. يېشىمى: ئەي زۇھۇرىي، ھىجران ئوتى ئازابى ۋىسالنىڭ قەدرىنى بىلمىگەنلەر ئۈچۈن مۇكاپاتمىش. شۇڭا سۆيگەن يارىڭدىن ئۈمىدسىزلەنمە. جۇلا ئەي پەرى رۇخسارلار، بىزگە نىگاھ ئەيلەپ ئۆتۈڭ، بىر نەزەر بىرلە گەدانى پادىشاھ ئەيلەپ ئۆتۈڭ. يېشىمى: ئەي پۈرى يۈزلۈك، ماڭىمۇ نەزەر سېلىپ ئۆتۈڭ؛ «لەپپىدە» بىر قاراپ قويۇش بىلەن، مەن گاداينى پادىشاھ ئەيلەپ ئۆتۈڭ. گەرچە ئۆتكەندە كىرەرسىز كۆپ كىشىنىڭ قانىنا، بۇ گەدا كۆڭلى ئۈچۈن مۇنچە گۇناھ ئەيلەپ ئۆتۈڭ. يېشىمى: دەرۋەقە ھەر ئۆتكىنىڭىزدە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قېنىغا كىرىسىز (خەقلەر نامەھرەم كۆزى بىلەن سىزگە قارايدۇ)، مەن گاداينىڭ كۆڭلى ئۈچۈن، مۇنچىلىك گۇناھنى قىلىپ ئۆتۈڭ. خارلىق ھەددىن ئاشۇرماڭ، چۈنكى ئىززەت يولدادۇر، ئاتىڭىز نەئىلىندە بىزنى خاكى راھ ئەيلەپ ئۆتۈڭ. يېشىمى: خارلاشنى چېكىدىن ئاشۇرىۋەتمەڭ، چۈنكى قاتتىقلىق دېگەنمۇ ئۆز يولىدا بولغىنى تۈزۈك. مېنى ھېچ بولمىسا، ئېتىڭىزنىڭ تۇۋىقى ئاستىدىكى يول توپسىچىلىك كۆرۈپ ئۆتۈڭ. ھەر قاچان جان بەرسەم ئول قەددۇ ئاغىز يادى بىلە، ئەي مۇھىبلار، تۇربەتىم ئۈستىدە ئاھ ئەيلەپ ئۆتۈڭ. يېشىمى: ئەي دوستلار، ناۋادا ئۇنىڭ قەددى – قامىتى ۋە لېۋىنى ئەسلەش بىلەن ئۆلۈپ كېتىپ قالسام، قەبرەم يېنىدىن ئۆتكەندە، بىر «ئاھ» ئۇرۇپ قويۇڭلار. ھەر نەچەكىم، سىزگە زەھمەتتۇر، زەكاتى ھۇسىن ئۈچۈن، ئىلتىفاتى لۇتفىي سارى گاھى گاھ ئەيلەپ ئۆتۈڭ. يېشىمى: سىزگە ھەرقانچە زەخمەت يەتسىمۇ، ھۆسنىڭىزنىڭ زاكىتى ئۈچۈن، لۇتفىيغا ئاا – سىرا تاشلاپ ئۆتۈڭ. سەنەم بىرىنچى ئاھاڭ باغدا بىر گۇل بار ئەدى، شاخىدا بۇلبۇل سايرادى، ئەجەب خۇدانىڭ تەقدىرى يارنى مەندىن ئايرىدى. يېشىمى: باغدا بىرگۈل بار ئىدى، شېخىدا بۇلبۇل سايرىدى، ئاللاھنىڭ تەقدىرى ئەجەبمۇ يارنى مەندىن ئايرىۋەتتى. بۇلبۇل دەگەن بىر قۇشتۇر، سايراسا ئۇنى خۇشتۇر، بەش گۇنلۈك شۇ ئالەمدە يار بىلەن كۆڭۈل خۇشتۇر. يېشىمى: «بۇلبۇل» دېگەن بىر قۇشتۇر، سايرىسا ئۈنى خۇشتۇر، تۆت كۈنلۈك شۇ ئالەمدە يار بىلەن كۆڭۈل خۇشتۇر. ئىزدەمەس كۆڭلۈم مەنىڭ بار ئىزلەگەننىڭ يارى بول، كىم سەنى يارىم دەسە، بارىب شۇنىڭ گۇلزارى بول. يېشىمى: مېنىڭ كۆڭلۈم يار ئىزدىمەيدۇ، چۈنكى مېنىڭ يارىم بار؛ سەن ئىزدىگەن، كۆيگەن ئادەمنىڭ يارى بول، كىم سېنى «يارىم» دېسە، سۆيسە، ئاندىن بېرىپ شۇنىڭ گۈلزارى بولساڭ بولىدۇ. خۇش بەخىت – سەئادەتتۇر، كىشى جانانىغا يەتسە، چەكىپ جەۋرۇ – جافالارنى كۆزى مەستانەغە يەتسە، يېشىمى: ئىنسان جەبىر – جاپالارنى چەكسىمۇ، كۆزى سۆيگەن يارىنى كۆرسە، ئاخىردا ئۇ جانانىنىڭ ۋىسالىغا يەتسە، بۇ – خۇش بەخت – سەئادەتتۇر. ئىككىنچى ئاھاڭ ئەي يۈزى نەسرىن، قامەتى شەمشاد، نەچە قىلۇرسەن جانىمە بىيداد. يېشىمى: ئەي يۈزى نەسرىن، قامىتى شەمشادقا ئوخشايدىغان يار، جېنىمغا نېمانچە زۇلۇم سالىسەن؟ سەن كەبى پۇركار، شىۋەسى بىسيار، بىلمەدى، ئەي يار، ھىچبىر كىشى ياد. يېشىمى: ئەي يار، سەندەك تەجرىبىلىك، خۇلقلۇق ۋە ناز – ئىستىغنالىق ئىنساننى تېخى ھېچ كىشى بىلىپ يەتمىدى. جەۋرىدە نادىر، زۇلۇمدا ماھىر، ئىشۋەدە قادىر، غەمزەدە ئۇستاد. يېشىمى: جاپا سېلىشتا نادىر، زۇلۇم قىلىشقا ماھىر، ناز – خۇلق قىلىشقا قادىر، غەمزىگە ئۇستا. يارنىڭ غەمىدىن، ھەجر ئەلەمىدىن، سەبر كەمىدىن نالەيۇ فەرياد. يېشىمى: يارنىڭ غېمىدىن ئايرىلىش ئازابىدىن، سەۋر – تاقەتنىڭ كەملىكىدىن داد – پەرياد! بابۇرى بىدىل، ئەي بۇتى قاتىل، جەۋرۇڭغا مايىل، زۇلمۇڭغا مۇئتاد. يېشىمى: ئەي مۇتلەق گۈزەل سەنەم، شەيدا ئاشىنىڭ بابۇر جەبرىڭگە خۇشتار، زۇلمۇڭغا كۆنۈك. چوڭ سەلىقە بۇ ئەلدە باردۇر ئىكى مەھىپەيكەر، بىرى قەندۇ بىرىسى شەھدۇ شەكەر. يېشىمى: بۇ ئەلدە ئىككى ئاي يۈزلۈك بار: بىرى قەندەك، يەنە بىرى ھەسەل بىلەن شېكەردەك. بىرىنىڭ ئارەزى خۇرشىدى تابان، بىرىنىڭ كۆزلەرى كۇففارى خەيبەر. يېشىمى: بىرىنىڭ رۇخسارى نۇرلۇق قۇياشتەك؛ يەنە بىرىنىڭ كۆزلىرى خەيبەر كۇپپارلىرىنىڭكىدەك قاپقارا. بىرىنىڭ زۇلفۇ خالى دانەيۇ دام، بىرىنىڭ قامەتى سەرۋۇ سەنەۋبەر. يېشىمى: بىرىنىڭ چېچى گوياكى توزاق، مېڭى نوقۇت دانىسىدەك چوڭ؛ يەنە بىرىنىڭ قامىتى سەرۋى بىلەن سەنەۋبەردەك گۈزەل. بىرىنىڭ لەبلەرى ياقۇتى سىيراپ، بىرىنىڭ تىشلارى پاكىزە گەۋھەر. يېشىمى: بىرىنىڭ لېۋى سۈزۈك ياقۇت؛ يەنە بىرىنىڭ چىشلىرى پاكىزە گۆھەر. بىرىنىڭ غەبغەبىدۇر سىيبى سىيمىن، بىرىنىڭ ئىكى بادامى مۇقەششەر. يېشىمى: بىرىنىڭ مەڭزى ئاق ئالمىدەك چىرايلىق؛ يەنە بىرىنىڭ ئىككى قاپىقى بادەمدەك يارىشىملىق. بىرى سۇلتانى ئىقلىمى مەلاھەت، بىرى ھۇسىن ئەلىدە خاقانى قەيسەر. يېشىمى: بىرى گۈزەللىك ئىقلىمىنىڭ سۇلتانى؛ يەنە بىرى ھۆسىن ئېلىنىڭ بۈيۈك خاقانى. بىرىنىڭ غەمزەسى جەرراھى ئۇستاد، بىرىنىڭ كىرفىكى ئالماسۇ خەنجەر. يېشىمى: بىرىنىڭ غەمزىسى ئۇستا جەرراھنىڭ پىچىقىدەك ئۆتكۈر؛ يەنە بىرىنىڭ كىرپىكى ئالماس ۋە خەنجەردەك كەسكۈر. بىرىنىڭ ئىكى قاشىدۇر ياڭى ئاي، بىرىنىڭ تەلئەتىدۇر ئەيدى ئەكبەر. يېشىمى: بىرىنىڭ ئىككى قېشى خۇددى يېڭى چىققان ئاي؛ يەنە بىرىنىڭ رۇخسارى – تەلەتى بايرام چىراي. بىرىگە چاكارۇ بەندە ئاتايى، بىرىگە خادىمۇ دائىمىي كەمتەر. يېشىمى: ئاتايى بىرىگە چاكار ۋە قۇل؛ يەنە بىرىگە ھەمىشە بولىدۇ پۇت – قول. كىچىك سەلىقە بىرىنچى ئاھاڭ دەھرنىڭ شەكلىنى كۆركىم، بولدى ھالى ئۆزگەچە، بىلمان، ئايا، بارمۇدۇر ئانىڭ خەيالى ئۆزگەچە. يېشىمى: جاھاننىڭ قىياپىتىگە قارا، ئەھۋالى ئۆزگىرىپ كەتتى؛ يا ئۇنىڭ باشقىچە خىيالى بارمىدۇ، بۇنى بىلەلمىدىم. تەقۋا ئەيلەپ دەير ئارا يول تاپمادۇق، كەل، ئەي رەفىق، مەست ئولۇپ مەيخارەلەر يەڭلىغ بارالى ئۆزگەچە. يېشىمى: تەقۋادارلىق قىلىوپ، مەيخانىغا يېقىن بولمىدۇق. ئەي دوست، كەل، مەست بولۇپ، مەيخورلاردەك باشقىچە يول تۇتايلى. ئەي مۇسەۋۋىر، سەھۋ ئەيلەپ قىلما تەسۋىردىن خەيال، كۆزۇ قاشى ئۆزگە ئانىڭ، خەتتۇ خالى ئۆزگەچە. يېشىمى: ئەي رەسسام، ئۇنىڭ كۆز – قاشلىرى باشقىچە، مىيىق ۋە مېڭى ئۆزگىچە، سەۋەنلىك قىلىپ، سۈرىتىنى خاتا سىزىپ قويمىغىن. بۇلھەۋەسلەر غەمىنى ئەيلەپ كەلىڭ، ئەھبابكىم، تەلمۈرۈپ ئوترۇسىدا ئانىڭ تۇرالى ئۆزگەچە. يېشىمى: ئەي دوستلار، ھەۋاسكارلارغا خاس ئوي – پىكىر بىلەن كېلىڭلاركى، ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا باشقىدىن تەلمۈرۈپ تۇرايلى. تاب كەلتۈرمەس نەزەر ھۆسنى جەھان ئاراسىغا، ياشۇرۇن كۆپ پەردە كەينىدىن قارالى ئۆزگەچە. يېشىمى: جاھاننى چاقناتقۇچى ھۆسىن – جامالىغا بىۋاستە قارىساق، كۆز بەرداشلىق بېرەلمەيدۇكى، جىق پەردىلەرنىڭ كەينىدە تۇرۇپ، يوشۇرۇنچە قارايلى. سارغارىپ گاھى قىزارىپ مىھرۇ مەھ بىر ھال ئەمەس، ئەيلەمىش ئانى ئىزارى ئىنفىئالى ئۆزگەچە. يېشىمى: قۇياش بىلەن ئاي بەزىدە سارغىيىپ، بەزىدە قىزىرىپ، بىر خىل تۇرمايدۇكى، يار رۇخسارىنىڭ گۈزەللىكى كەلتۈرگەن خىجىللىق ئۇلارنى ئاشۇنداق قىلىپ قويغانمىش. ئىشق ئارا قەدر ئىستەسەڭ بىباك بولكىم، ئۆزگەدۇر، ئەھلى تەۋا ئاندا، رىندى لا ئۇبالى ئۆزگەچە، يېشىمى: ئاشىقلىقتا قەدىر – قىممەت تاپاي دېسەڭ، قورقماس بولكى، ئۇ يەردە تەقۋادارلار باشقىچە، جېنىدىن تويغانلار باشقىچە بولىدۇ. قىلسا كۆز غارەت كۆڭۈلنى، يۈز قىلۇر ئۆرتەرگە جەھد، زۇلف ئاڭا تەقۋىييە ئەيلەپ جىسمى دالى ئۆزگەچە. يېشىمى: كۆز كۆڭۈلنى ئوۋلىۋالسا، يۈز ئۇنى ئۆرتەشكە تىرىشىدۇ، چاچ ئۇلار (كۆز بىلەن يۈز)نى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدۇ– دە، نەتىجىدە، ئاشىقنىڭ گەۋدىسىنى دال (د) ھەرپىدەك ئېگىۋېتىدۇ. دەھر ھەر چەند كۈلسە، ئەرشىي، سەن سارى بىل زەھرخەند، بارمۇ جان قەسدىن قىلۇردىن ئىھتىمالى ئۆزگەچە. يېشىمى: ئەي ئەرشىي، زامان ھەرقانچە كۈلگەن بىلەن ساڭا كەلگەندە زەھەرخەندىلىك قىلىدۇ، ئۇنىڭ جاننى قەستلەشتىن باشقىچە ئېھتىمالىمۇ بارمۇ؟ بۇنى بىلىپ باق. ئىككىنچى ئاھاڭ يۈزۈڭنى كۆردۈم، ئەي، خۇرشىدى تابان، دەمەن خۇرشىدى تابان، نۇرى ئىيمان. يېشىمى: ئەي، سېنىڭ يۈزۈڭ نۇرلۇق قۇياشتۇر، قۇياشلا ئەمەس، بەلكى ئىماننىڭ نۇرىدۇر. مۇسۇلمانزادە بولساڭ رەھم قىلغىن، يۇتارمەن فۇرقەتىڭدىن ھەر زەمان قان. يېشىمى: پىراقىڭدا دائىم قان يۇتۇۋاتىمەن، مۇسۇلمان بالىسى بولساڭ، ماڭا رەھىم قىلغىن. قىلۇر ھەسرەت بىلەن يۈز ئافەرىنلەر، ئەگەر كۆرسە يۈزۈڭنى ماھى كەنئان. يېشىمى: ئەگەر كەنئاننىڭ ئېيى («كەنئاننىڭ ئېيى» ئاتالغان يۈسۈپ ئەلەيھىسسالام) سېنىڭ يۈزۈڭنى كۆرسە، ھەسرەت چەككەن ھالدا، يۈزلەپ ئاپىرىن ئېيتىدۇ. بىرەر سورساڭ نە بولۇر ئاغرىقىمنى، سەنىڭدەك يوقتۇرۇر دەردىمگە دەرمان. يېشىمى: ئاغرىقىمغا سېنىڭدەك شىپالىق يوقكى، مېنى يوقلاپ، ئاغرىقىمنى بىرەر قېتىم سوراپ قويساڭ نېمە بولار؟ ئەگەر ھەجرىڭدە ئۆلسەم، ئاي پەرىزاد، ئىچىڭ ئاغىرپ بولۇرسەن سەن پۇشەيمان. يېشىمى: ئەي پەرىزات، ئەگەر سېنىڭ جۇدالىقىڭدا ئۆلۈپ كەتسەم، ئىچىڭ ئاغرىپ پۇشايمانغا قالىسەن. سەنىڭدەك ياخشىلىقدا يوق جەھاندا، يامانلىقدا مەنىڭدەك يوقتۇر، ئەي جان. يېشىمى: ئەي جان، جاھاندا سېنىڭدەك ياخشى يوق، مېنىڭدەك يامان يوق. ئوشۇل گۇندىنكى كۆردسۈم ئارەزىڭنى، بولۇپمەن قۇللارىڭغا بەندە فەرمان. يېشىمى: يۈزۈڭنى كۆرگەن ئاشۇ كۈندىن باشلاپ، قۇللىرىڭنىڭ پەرمانىنى تۇتۇپ كېلىۋاتىمەن. ئالىپسەن تاقەتۇ سەبرۇ قەرارىم، يۈرەككە تاكى قويدۇڭ داغى ھىجران. يېشىمى: يۈرىكىمنى قاچان ھىجران دېغىدا قويدۇڭ، شۇندىن باشلاپلا، مەندىن سەۋر، تاقەت ۋە تىنچىلىق دېگەنلەرنى ئېلىپ كەتتىڭ. قەلەندەر تا تىرىكدۇر بۇ جەھاندە، قىلۇر ۋەسفىڭ سەنىڭ، ئەي ماھى دەۋران. يېشىمى: ئەي دەۋراننىڭ ئېيى، قەلەندەر بۇ جاھاندا ھاياتلا بولىدىكەن، سېنىڭ تەۋسىپ – تەرىپىڭنى قىلىدۇ. كىچىك سەلىقە چۈشۈرگىسى دەھر ھەر چەند كۈلسە، ئەرشىي، سەن سارى بىل زەھر خەند، بارمۇ جان قەسدىن قىلۇردىن ئىھتىمالى ئۆزگەچە. يېشىمى: ئەي ئەرشىي، جاھان ھەرقانچە كۈلگەن بىلەن، ساڭا كەلگەندە زەھەرخەندىلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ جاننى قەستلەشتىن باشقىچە ئېھتىمالىمۇ بارمۇ؟ بۇنى بىلىپ باققىن. پىشرەۋ بىرىنچى ئاھاڭ باغدا ئاچىلدى بىر تۇپ قىزىلگۇل، سايرادى شاختا مەستانە بۇلبۇل. يېشىمى: باغدا بىر تۇپ قىزىلگۇل ئېچىلدى، شېخىدا مەستانە بۇلبۇل سايرىدى. باغدا قىزىلگۇل ھەرجايدا بولماس، ھەرجايدا بولسا سەنىڭچە بولماس. يېشىمى: قىزىلگۇل دېگەن باغنىڭ ھەممە يېرىدە بولىۋەرمەيدۇ، قەيەردە بولمىسۇن، ساڭا يەتمەيدۇ. كۆردۈم يۈزۈڭنى ھەيرانە بولدۇم، ئەقلۇ ھۇشۇمدىن بىگانە بولدۇم. يېشىمى: يۈزۈڭنى كۆرۈپلا، سېنىڭ ھەيرانىڭ بولدۇم، ئەقىل – ھۇشۇمدىن بىگانە بولدۇم. ھەيرانە قىلغان ئايدەك يۈزۈڭدۇر، مەستانە قىلغان شىرىن سۆزۈڭدۇر. يېشىمى: ھەيرانىڭ قىلغان ئايدەك يۈزۈڭدۇر، مەستانە قىلغان شېرىن سۆزۈڭدۇر. ئىككىنچى ئاھاڭ مەرۋايىت ئەسىل نەرسە ئىنجۇ – مارجان ئىچىدە، يارىم ماڭا گۇل تۇتتى خەلقى ئالەم ئىچىدە. يېشىمى: ئۈنچە – مارجان ئىچىدە، مەرۋايىت ئېسىل نەرسىدۇر. يارىم ماڭا خەلقىئالەم ئالدىدا گۈل تۇتتى. ئەي خۇشتارمەن – ئۇ، خۇشتارمەن. يارىم ماڭا گۇل تۇتتى خەلقى ئالەم ئىچىدە. يېشىمى: يارىمنىڭ خەلقىئالەم ئالدىدىلا ماڭا گۈل تۇتقىنىغا بەك خۇش بولدۇم. گۇلنى مەن ئالاي دەسەم گۇل تىكەننىڭ ئىچىدە، گۇلگە مەيلىم بار ئەدى گۇل بەدەننىڭ ئىچىدە،. يېشىمى: گۇلنى مەن ئۈزىۋالاي دېسەم، گۇل تىكەننىڭ ئارىسىدا تۇرۇپتۇ. گۈلبەدەنلەرنىڭ ئىچىدە، گۈلگە مەيلىم بار ئىدى. ئەي خۇشتارمەن– ئۇ، خۇشتارمەن، گۇلگە مەيلىم بار ئەدى گۇل بەدەننى ئىچىدە. يېشىمى: گۈلبەدەنلەرنىڭ ئىچىدە، گۈلگە مەيلىم بار ئىدى، چۈنكى مەن ئۇنىڭغا بەك خۇشتار ئىدىم. ئۈچىنچى ئاھاڭ گۇل كۆرۈپ گۇلزاردا مەن ساڭا ھىچ ئوخشاتمادىم، تاللاپ سۆيگەن يارىمسەن باشقاغا قاش ئاتمادىم. يېشىمى: گۈلزاردا گۈللەرنى كۆرۈپ، ھېچقايسىسىنى ساڭا ئوخشاتمىدىم. تاللاپ سۆيگەن يارىمسەن، باشقىغا قاش ئاتمادىم. يارنى يار دەمدۇر كىشى، ياماننى يار دەمدۇر كىشى، ياخشى يار ياندا تۇتۇپ، ياماننى خاھلامدۇر كىشى. يېشىمى: ئىنسان يارنى يار دەمدۇ؟ ياكى ياماننى يار دەمدۇ؟ ياخشى يار ياندىلا تۇرغان يەردە، ياماننى خاھلامدۇ؟ ئاتخانەنىڭ ئالدىدا ئالا ئاتنىڭ تۇياقى، بىزنىڭ قاراقاش يارنىڭ مەخمەل تاشتۇر تۇماقى. يېشىمى: ئاتخانىنىڭ ئالدىدا ئالا ئاتنىڭ تۇياق ئىزى تۇرىدۇ. مېنىڭ قاراقاش يارىم مەخمەل تاشلىق تۇماق كىيىپتۇ. مەخمەل تاش تۇماقىڭنى قىستۇرۇپ بۇزۇپ ئەتمە، بۇ ئالەم ئۇزۇن ئالەم ئۈمىدنى ئۈزۈپ ئەتمە. يېشىمى: مەخمەل تاشلىق تۇمىقىڭنى قىستۇرۇپ كىيىپ بۇزۇۋەتمە، بۇ ئالەم ئۇزۇن ئالەم ئۈمىدنى ئۈزۈۋەتمە. قاشىڭنى قارا دەيدۇر قەلەمدىن ئايرىيالمايمەن، باغلانغان ساڭا رىشتىم، سەندىن ئايرىلالمەيمەن. يېشىمى: قېشىڭ شۇ قەدەر قارا ئىكەنكى، قەلەم سىياھىدىن ئايرىيالمايمەن؛ رىشتىم ساڭا باغلانغان، سەندىن ئايرىلالمايمەن. يارنىڭ كىيگەن كۆينەكى قىزىل دۇردۇن تاۋاردۇر، شۇ يارىدمدىن ئايرىلسا، ئۆلمەك ماڭا رەۋادۇر. يېشىمى: يارنىڭ كىيگەن كۆينىكى قىزىل دۇردۇن – تاۋاردۇر، شۇ يارىدىمدىن ئايرىلسام، ئۆلمەك ماڭا راۋادۇر. تەئكىد ئەي نەسىمى سۇبھىدەم، مەندىن نىگارىمغا سەلام، ئول ساچى سۇنبۇل، يۈزى گۇل، نەۋ بەھارىمغا سەلام. يېشىمى: ئەي تاڭ شامىلى، ئۇ سۇمبۇل چاچلىق، گۈل يۈزلۈك، باش باھاردەك يېقىملىق نىگارىمغا مەندىن سالام. لەبلەرى قەندۇ گۇلابۇ سۆزلەرى شەھدۇ شەراب، غەمزەسى مەستانە، ئول كۆزى خۇمارىمغا سەلام. يېشىمى: لەۋلىرى قەنت بىلەن گۇلاب، سۆزلىرى ھەسەل بىلەن شاراب، غەمزىسى مەست قىلغۇچى ئۇ خۇمار كۆزلۈكۈمگە سالام. جان نىسار ئەتسەم كەرەك بادى سەھەر، دىك ئاللىدا، بەندەدىن ھەر گاھكى ئەلىتۈر بولسا يارىمغا سەلام. يېشىمى: قاچانىكى تاڭ شامىلى مەن قۇلدىن يارىمغا سالام يەتكۈزسە، ئۇنىڭ ئالدىدا تىك تۇرۇپ، جېنىمنى پىدا قىلسام ئەرزىيدۇ. بوستانى ھۇسنۇ لۇتفى خۇلق ئىچىندە سەۋىناز، ئول سەۋەر جاندەك، ئەزىزىم، ئىختىيارىمغا سەلام. يېشىمى: ھۆسىن بوستانى، مەرھىمىتى ۋە خۇلقى بويىچە ئاجايىپ يېتىشكەن ۋە كېلىشكەن ئۇ جاندەك سۆيۈملۈك، ئىختىيارىمنى ئالغۇچى ئەزىزىمگە سالام. تابۇغۇڭدا نەچەكىم ئەرز ئەيلەدى ھالىن گەدا، دەمەدىڭ بىرگۈنكى، مىسكىن خاسارىمغا سەلام. يېشىمى: گەدائىي ھۇزۇرۇڭدا قانچە قېتىملاپ ئۆز ھالىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىرەر قېتىم «بىچارە خاكسارىمغا سالام» دېمىدىڭ. داستان بىرىنچى داستان سۆيۈملۈك ھەمدەمىم، ئەي ۋەفادارىم، تازە نەۋ جەۋانىم، ھالىڭ نە بولدى؟ رەفىقىم، مۇنىسىم، ئەيشىم، مەدارىم، كۆز نۇرۇم، غەمخارىم، ھالىڭ نە بولدى؟ يېشىمى: ئى سۆيۈملۈك ھەمنەپەس ۋاپادارىم، غەيۇر سۇباتلىق يارىم، مەسلەكدىشىم، سىرداش دوستۇم، ھاياتىم، كۆز نۇرۇم، غەمگۇزارىم ئەھۋالىڭ قانداق؟ كۆزۈڭدۇر ئوت كەبى، جىسمىڭدۇر بىمار، ۋۇجۇدۇڭ سىمابتەك تىترەر بىقەرار، ئەي يارى ۋەفادار، ئەيلەگىل ئىزھار، كۆزلەرى مەستانىم ھالىڭ نە بولدى؟ يېشىمى: كۆزۈڭدىن ئوت چاقناپ تۇرىدۇ، تېنىڭ كېسەلچان، ۋۇجۇدۇڭ سىماپتەك ئىختيارسىز تىترەپ تۇرىدۇ. ئى مەستانە كۆزلۈك ۋاپادار يارىم، ئەھۋالىڭنى ئىزھار قىلغىن، زادى نېمە بولدۇڭ؟ فىدا بولسۇن ساڭا بۇ شىرىن جانىم، بىر زەمان كۆرمەسەم ئۆرلەر فىغانىم، ياشىمدا تاجىمسەن، روھى رەۋانىم، يارى مىھرىبانىم ھالىڭ نە بولدى؟ يېشىمى: بۇ شېرىن جېنىم ساڭا پىدا بولسۇن، بىردەم كۆرمىسەم پىغانىم ئۆرلەپ قالىدۇ. سەن مېنىڭ بېشىمدىكى تاجىمسەن، ۋۇجۇدۇمدىكى جانلىق روھىمسەنكى، ئى مېھرىبان يارىم، ساڭا نېمە بولدى؟ ئەۋۋەلدە ئاتامدىن قالماغان بولسام، غەرىبلىق كويىدا يۈرمەگەن بولسام. سەنى بۇ ھەسرەتتە كۆرمەگەن بولسام، خەتەرلىك كارۋانىم ھالىڭ نە بولدى؟ يېشىمى: باشتا ئاتامدىن يېتىم قالمىغان بولسا، مۇساپىرلىق كوچىسىدا يۈرمىگەن بولسام، سېنى بۇ ھەسرەتلىك ھالدا كۆرمىگەن بولسام، كاشكى. ئى، خەتەردە قالغان كارۋىنىم ساڭا نېمە بولدى؟ شاھ سەنەۋبەر دەرلەر: باغرىم ئەزىلدى، ماڭا ھەقدىن مۇنداق قىسمەت يازىلدى، ۋاقتىم يەتىپ جان تەنىمدىن ئۈزۈلدى، يۇسۇفى كەنئانىم ھالىڭ نە بولدى؟ يېشىمى: شاھ سەنەۋبەر ئېيتىدۇ: مېنىڭ ھەقىقەتەن يۈرىكىم ئېزىلدى؛ ئاللاھتىن ماڭا مۇشۇنداق قىسمەت پۈتۈلگەن ئوخشايدۇ؛ گويا ئەجىلىم توشۇپ، جان تەندىن چىقتىكى، ئى، كەنئانلىق يۇسۇفۇم، ئەۋالىڭ قانداق؟ نىگارىم ئىشقىدا ئۆرتەندى جانىم، دىلىم كۆيدى، تىلىم كەلدى نەۋاغا. ئۇنى كۆرگەنچە مەن، يوقتۇر مەجالىم. نەۋا ئەيلەپ تۆكەي ياشىم خۇداغا. يېشىمى: نىگارىمنىڭ مۇھەببىتىدە جېنىم ئۆرتەندى؛ يۈرىكىم كۆيۈپ، تىلىم زارلاشقا باشلىدى؛ ئۇنىڭ ۋىسالىغا يەتكىچە بەرداشلىق بېرەلمىگۈدەكمەن، ئەمدى، نالە – ناۋا قىلىپ ياش تۆكۈپ، ئاللاھقا يىغلاي. ئۇنىڭ ئىشقى مەنى قىلدى خەرابە، يۈرەك – باغرىم كۆيۈپ بولدى كەبابە. ساڭا قۇربان قىلاي بۇ تەندە جانە، بۇ ئەرزىمنى دەگىل قاشى قاراغا. يېشىمى: ئۇنىڭ مۇھەببىتى مېنى خاراپ قىلدى، يۈرىكىم كۆيۈپ كاۋاپ بولدى؛ بۇ تېىنمدىكى جېنىمنى ساڭا قۇربان قىلاي، بۇ ئەرزىمنى قاراقاش يارىمغا قويغىن. سەبا يەتكۈز مەنىڭ يۈتكەن كىشىمنى، خۇداغە يىغلاسام ئوڭلار باشىمنى. ساماندەك سارغارىپ تۆكتۈم ياشىمنى، سەبا يەتكۈز سۆزۈم ئول دىلرەباغا. يېشىمى: ئى تاڭ شامىلى، مېنىڭ جۇدا بولغان كىشىمنى كەلتۈر؛ ئاللاھقا يىغلاسام، بېشىمنى ئوڭلاپ قويار؛ ساماندەك سارغىيىپ، يىغلاپ ياش تۆكتۈم. ئى تاڭ شامىلى، مېنىڭ دېگەنلىرىمنى ئۇ دىلرەباغا يەتكۈزۈپ قوي. جاناندىن ئايرىلىپ مەستانە بولدۇم، ئۇنىڭ ئىشقىدا مەن دىۋانە بولدۇم. كۆيۈپ مەن شامىدا پەرۋانە بولدۇم، غەرىبلىقتا دەدىم ئەرزىم سەباغا. يېشىمى: جاناندىن ئايرىلىپ مەستانە بولدۇم، ئۇنىڭ مۇھەببىتىدە ساراڭ بولۇپ قالدىم؛ مەن ئۇنىڭ مۇھەببەت شامىنىڭ پەرۋانىسمەن؛ مۇساپىرچىلىقتا، بۇ ئەرزىمنى تاڭ شامىلىغا ئېيتتىم. غەرىبلەرنىڭ يەتىملىكدە خەيالى، نەچۈك بولغاي فەررۇخنىڭ ئەمدى ھالى. كۆڭۈلنى يارۇتار مەھبۇب ۋىسالى، غەرىبلىقتا ئەجەب قالدىم بەلاغا. يېشىمى: غېرىپ – مۇساپىرلار يېتىمچىلىكتە خىيال بىلەنلا ياشايدۇ، غەررۇخنىڭ ئەھۋالى ئاقىبەتتە قانداق بولار؟ كۆڭۈلنى سۆيگەن يارنىڭ ۋىسالى يورۇتىدۇ؛ ھەي، مۇساپىرچىلىقتا، ئەجەب بىر مۇھەببەت بالاسىغا قالدىم. ئۈچىنچى داستان شاھىم بىزنىڭ ئەلۇ يۇرتنىڭ، خۇش ئۆتەدۇر ياز – قىشلارى. خۇشال ئۆتەر ھەبىرى چاغى، ئويناپ كۈلۈشتۈر ئىشلارى. يېشىمى: ئى پادىشاھىم، بىزنىڭ ئەل – يۇترنىڭ ياز – قىش پەسىللىرى تولىمۇ ياخشى ئۆتىدۇ؛ خەلقنىڭ كەيپى چاغ، قىلىدىغان ئىشلىرى ئويناپ كۈلۈشتۈر، خالاس. باغدا پىشار تاغاچلارى، مەيۋەلىكدۇر ياغاچلارى. بىزنىڭ ئەلدە يوق ئاچلارى، فەراۋاندۇر يەمىشلەرى. يېشىمى: باغلاردا شاپتۇل – توغاچلار پىشىپ تۇرىدۇ، دەرەخلىرىنىڭ ھەممىسى مېۋىلىك دەرەخلەردۇر، بىزنىڭ ئاچ – زار قالغان ئادەم بولمايدۇ، يەل – يىمىشلىرى بەك مول. يىگىتلەرنىڭ يۈرۈشلەرى، رۇستەمچە بار ئۇرۇشلارى، ئىسفەھانچە قىلىچلارى، چاقىن كەبى چاپىشلارى. يېشىمى: بىزنىڭ ئەل – يۇرت يىگىتلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس يۈرۈش – تۇرۇشلىرى بار: مۇشت ئېتىشلىرى رۇستەمگە ئوخشايدۇ، يېنىدا ئىسفاھانچە قىلىچلىرى بار، ئۇنى چېپىشلىرى چاقماقتەك چەبدەس. قەرىلەردى ئۆيدە ياتۇر، قىزلارى شوخ قوشاق قاتۇر، يىگىتلەرى ئوقيا ئاتۇر. مەردانەدۇر چالىشلارى. يېشىمى: ياشانغانلار ئۆيدە ئارام ئېلىپ ياتىدۇ؛ قىزلىرى شوخ – شوخ قوشاقلارنى قاتىدۇ؛ يىگىتلىرى ئوقيا ئاتىدۇ، مەردانە چېلىش مۇسابىقلىرىنى قىلىپ تۇرىدۇ. پەرى قىزلار جەۋلان قىلىپ، يىگىتلەرنىڭ كۆڭلىن ئالىپ، باغ قە كىرەر قولىن سالىپ، جەيرەن كەبى ماڭىشلارى. يېشىمى: پەرىدەك گۈزەل يىگىتلەرنىڭ كۆڭلىنى ئوۋلايدۇ؛ باغقا كىرگەندە، قوللىرىنى سېلىپ مېڭىشلىرى جەرەنگە ئوخشايدۇ. كۆرگەننىڭ جانىن داغلاغان، گويا پەرى دەپ چاغلاغان، تىللا كەمەرلەر باغلاغان، ئاياغىدا كەفىشلەردى. يېشىمى: كۆرگەنلەر ئۇلارنى «بەجاديىكى پەرى» دەپ چاغلاپ، جانلىرى داغدا قالىدۇ؛ ئۇ قىزلار بەللىرىگە ئالتۇن كەمەر باغلىۋالغان بولۇپ، ئايىغىدا كەشلىرى بار. بەدۇ ئاتلار شوخ ئويناقلار، ھەر چاپقاندا كۆكتىن ئاشار، دۇبال قاقىپ ئۆردەك ئۇچار، بۇلەند پەرۋازدۇر قۇشلارى. يېشىمى: بىزنىڭ ئەل – يۇرتتا، ئاتلار جۈپ – جۈپتى بىلەن ئويناقلاپ چېپىپ يۈرىشىدۇ، چاپقاندا، دۇلدۇلدەك كۆكتىن ئاشىدۇ؛ ياۋا ئۆدەكلەر قانات قېقىپ (ئىككى قانىتى دەستەك ئۇرۇپ) ئۇچىدۇ، باشقا ئۇچار قۇشلارمۇ كۆكتە پەرۋاز قىلىپ يۈرىدۇ. ئاپئاق قاردۇر تاغ باشلارى، ياقۇت – مەرجاندۇر تاشلارى، باغ، ئەتىزدۇر ھەم قاشلارى، ئابىھەيات ئاقىشلارى. يېشىمى: بىزنىڭ يۇرتنىڭ تاغ چوققىلىرى قىش – ياز ئاپئاق قارغا پۈركەنگەن؛ تاغلىرى تاش بىلەن ئەمەس؛ ياقۇت – مارجان بىلەن قاپلانغان؛ ئەتراپلىرى باغلار ۋە ئېتىزلىقلار بىلەن ئورالغان؛ ئۆستەڭ – ئېقىنلىرىدا، ئابىھايات (تىرىكلىك سۈيى) ئېقىپ تۇرىدۇ. بۇغداي نانى، قوي گوشتلرى، سۈت گۇرۇنجدۇر ئاشلارى. تەييار سەكىز بىھىشتلەرى، دۇئا قىلۇر دەرۋىشلەرى. يېشىمى: خەلقنىڭ يەيدىغىنى بۇغداي نېنى، قوي گۆشى، سۈت بىلەن گۈرۈچ ئاساسلىق ئېشى؛ بۇ يەردە، گويا جەننەتلەرنىڭ ھەممىسى تەخ – تەيياركى، ئەۋلىيا – دەرۋىشلىرى دۇئا قىلىپ تۇرىدۇ، تېخى. مەشرەب بىرىنچى مەشرەب مە مەۋا ساز ئەيلەگەي بۇلبۇل گۇلىستاندىن جۇدا، ئەيلەمەس تۇتى تەكەللۇم شەكەرىستاندىن جۇدا. يېشىمى: گۈلىستاندىن ئايرىلغان بۇلبۇل قانداقمۇ ناۋا قىلىپ سايرىسۇن؟ ھەمىشە شېكەر بېرىپ تۇرىدىغان جايدىن ئايرىلغان تۇتىمۇ سۆزلىمەيدىغۇ. ئول قۇياش ھەجرىندە قورقارمەن فەلەكنى ئۆرتەگەي، ھەر شەرارىكىم بولۇر ئول ئوتلۇغ ئەففاندىن جۇدا. يېشىمى: ئۇ قۇياشنىڭ پىراقىدا چەككەن ئوتلۇق پىغانىمدىن چاچرىغان ئۇچقۇنلارنىڭ پەلەكنىڭ ئۆرتەپ قويىشىدىن قورقىمەن. دەمە ھىجرانىمدا چەكمەيسەن فىغانۇ نالە كۆپ، جىسىم ئەيلەرمۇ فىغان بولغان نەفەس جاندىن جۇدا. يېشىمى: «مېنىڭ ھىجرانىمدا كۆپرەك نالە – پىغان چەكمەيسەنغۇ» دېمە، نەپەس ۋ جاندىن ئايرىلغان تەن پىغان چېكەلەمدۇ؟ ھەجر ئۆلۈمدىن تەلخ ئەمىش، مۇندىن سوڭ، ئەي گەردۇن، مەنى ئەيلەگىل جاندىن جۇدا، قىلغۇنچە جاناندىن جۇدا. يېشىمى: جۇدالىق ئۆلۈمدىنمۇ ئازاپلىق ئىكەن. بۇندىن كېيىن، جاناندىن جۇدا قىلغىچە جاندىن جۇدا قىلىۋەتكىن. بولسا يۈز مىڭ جانىم ئال، ئەي ھەجر، لەكىن قىلماغىل يارنى مەندىن جۇدا، يا خۇد مەنى ئاندىن جۇدا. يېشىمى: ئەي ھىجران، يۈزمىڭ جېنىم بولسىمۇ ئالغىن، لېكىن يارنى مەندىن، ياكى مېنى ئۇنىڭدىن جۇدا قىلمىغىن. ۋەسل ئارا پەرۋانە ئۆرتەندى، ھەمانا بىلدىكىم، قىلغۇدەكدۇر سۇبھ ئانى شەمئى شەبىستاندىن جۇدا. يېشىمى: پەرۋانە ۋىسال پەيتىدە كۆيۈۋالدى، چۈنكى تاڭ ئۇنى كېچىنىڭ چىرىغىدىن ھامان ئايرىۋېتىدىغانلىقىنى بىلىپ قالغانىدى. بىر ئىيەسىز ئىت بولۇپ ئەردى نەۋائىي يارسىز، بولماسۇن، يا رەبكى، ھەرگىز بەندە سۇلاندىن جۇدا. يارسىز نەۋائىي خۇددى بىر ئىگىسىز ئىتقا ئوخشاپ قالغانىدى؛ ئەي پەرۋەدىگار، قۇل دېگەن ھەرگىزمۇ سۇلتانىدىن ئايرىلىپ قالمىسا بولىدىكەن جۇمۇ. گۇل – گۇل ئاچىلدى نەزاكەت، نازەنىن ئىچكەچ شەراب، سارغارۇر گۇللار ھەمە كۆرگەچ جەمالى ئافتاب، يېشىمى: نازىنىن شاراب ئىچىۋېدى، گۈللەر نازاكەت بىلەن ئېچىلىپ كەتتى. ئەمما قۇياشنىڭ جامالىنى كۆرگەندە ھەممە گۈللەر سارغىيىدۇ. مۇنچە لەئلىڭنى كۆرۈپ پىنھان بولۇر بەرگ ئىچرەكىم، سارغارىپ گۇل ئۆزرلەر قىلغاي جەمالىدىن ھىجاب، يېشىمى: غۇنچە لېۋىڭنى كۆرگەندە، گۈللەر ياپراقلار ئىچىگە يوشۇرۇنىۋالىدۇ – دە، سارغايغان ھالدا، يۈزىگە پەردە تارتىپ چىقىپ، ساڭا ئۆزرە ئېيتىدۇ. رەنگ بەرۈر مەيغە قىزىل تەگسە لەئلدەك لەبلەرى، ماڭا گەر بولسا بەھەم ئول مەينى مەن ئىچسەم شوراپ. يېشىمى: ئۇنىڭ ياقۇت لېۋى مەيگە تەگسە، مەينى قىزارتىدۇ. ئەگەر ماڭا نېسىپ بولسا، ئۇ مەينى شوراپ – شوراپ ئىچسەم دەيمەن. لەئلىدىن مەي تاپتى رەنگ، رەنگ تاپسا مەندىن نە ئەجەپ، رەنگ بەرەنگ مەستانە بولغۇم مەي ئىچىپ مەستى خەراب. يېشىمى: مەي ئۇنىڭ لېۋىدىن رەڭ ئالدى، ئەمدى مەندىن رەڭ ئالسا نېمە بوپتۇ؟ مەن ئۇنى ئىچىپ، غەرق مەست بولۇپ، رەڭمۇرەڭ مەستانە بولىمەن. جامنى جانىڭ ئۈچۈن بىر قەتلە بەر، ئەي ساقىيا، ئارزۇمدۇر يارغا مەي بىرلە گۇل تۇتسام ياساپ. يېشىمى: ئەي ساقىي، جامنى جېنىڭ ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم بەر، مەيدىن گۈل يساساپ، ئۇنى يارغا تۇتۇش مېنىڭ ئارزۇيۇم. مەن تۇتارمەن، ئۆزگەلەر قىلسا تەمەئ جانانە كۆز، ئىشقىڭ ئوتى ئەيلەگەن بۇ باغرى بىرىياندىنكەباب. يېشىمى: باشقىلار جانانغا تەمە بىلەن كۆز تاشلىسا، مەن ئۇنىڭغا ئىشق ئوتى كۆيدۈرگەن يۈرىكىمدىن قىلىنغان كاۋاپنى تۇتىمەن. ئىشق دەردىدىن نىيازىي ئاھۇ ئەفغان ئەيلەسە، ئويغانۇر فۇرقەت بىلە بۇلبۇلغا تۈشكەي ئىزتىراب. يېشىمى: نىيازىي ئىشق دەردىدىن ئاھ – پىغان چەكسە، پىراق ئازابىدىكى بۇلبۇلمۇ ئويغىنىپ، ئىزتىراپلىققا چۈشىدۇ. ئىككىنچى مەشرەب بىر كىچىك دىلبەر كۆرۈپمەن قامەتى نازۇككىنە، غۇنچەلەپ، پەيۋەستە ئەبرۇ، قىپقىزىل ئۆڭلۈككىنە. يېشىمى: قامىتى نازۇككىنە كەلگەن بىر كىچىك دىلبەرنى كۆردۈم. ئۇ غۇنچە لەۋ، قوشۇلماد قاش، قىزىل نۇرانە ئۆڭلۈك ئىدى. گەرچە ياشىدۇر كىچىك، شىرىن لەبى ئەسرۇ سۈچۈك، ھەر باقىشىدا كۆزىنىڭ ئىيماسى بىر تۈرلۈككىنە. يېشىمى: گەرچە ئۇنىڭ يېشى كىچىك بولسىمۇ، تىلى تولىمۇ چۈچۈك ئىدى؛ ھەر بېقىشىدا، كۆزى ئۆزىگە خاس بىر خىل ئۇقۇمغا ئىما قىلاتتى. ئەشىكدەك بىر يەردە تىنماس جىلۋە ئەيلەپ ھەر تەرەف، قىرمىزى كۆڭلەك ئىچىدە تور تۆشۈك بۆركلۈككىنە. يېشىمى: تور تۆشۈكلۈك لىپتىك كىيدۈرۈلگەن كۆكسى قىزىل كۆينەك ئىچىدە، خۇددى لىغىلداپ تۇرغان كۆزى يېشىدەك تىنىمسىز جىلۋە قىلاتتى. كۈلمۈسۈپ بىر گۈن ماڭا دەدى: «ساڭا رەھىم ئەيلەگۇم»، كۆزىدىن بىلدىمكى ئەرمىش ۋەئدەسى ئۆترۈككىنە، يېشىمى: ئۇ بىر كۈنى ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇتۇپ: «ساڭا رەھىم قىلىمەن» دېدى. كۆزىدىن بىلدىمكى، ۋەدىسى خېلى – خوپ يالغان ئىدى. نائۈمىد ئەردىم بۇ يالغان ۋەئدسىدىن ئەسرۇ كۆپ، ياش بالالار ئىچرە كۆردۈم ناگەھان ئەسرۈكككىنە، يېشىمى: ئۇنىڭ بۇ يالغان ۋەدىسىدىن بەكلا ئۈمىدسىز ئىدىم، توساتتىن ئۇنى ياش بالىلار ئارىسىدا، مەستخۇش ھالدا كۆرۈپ قالدىم. ئىختىيار ئەتتىم ئاياغىن ئۆپكەلى، قىلماي قەبۇل، سەسكەنىپ قاچتى سەمەندىن سەكرەتىپ چابۇككىنە. يېشىمى: ئايىغىنى سۆيۈشكە تەمشىلىۋېدىم، ئۇ قوبۇل قىلماي، سەسكىنىپ قاچتى ۋە ئېتىنى چاپتۇرغىنىچە تېزلا كېتىپ قالدى. چۈنكى كۆردۈم مۇنچە مەكرۇھ شىيۋەلەر ئاندىن دەدىم: ئەي فۇتۇھىي، ئۈن چىقارماي ئەمدى بولغىل شۇككىنە. يېشىمى: ئۇنىڭدىكى مۇنچىۋالا بولمىغۇر قىلىقلارنى كۆرگەندىن كېيىن: «ئەي فۇتۇھىي، ئەمدى ئۈنۈڭنى چىقارما، جىم بولغىن» دېدىم. ئۈچىنچى مەشرەب قەددىڭدەك باغ ئارا سەرۋى رەۋان يوق، رۇخۇمدەك گۇلشەن ئىچرە زەئفران يوق. يېشىمى: باغلاردا، قەددىڭدەك گۈزەل ئۆسكەن سەۋرى دەرىخى يوق؛ گۈلشەندە چىرايىمدەك سارغايغان زەپىران يوق. لەبىڭدەك ھىچ يوقتۇر لەئلى سىيراب، كۆزۈڭدەك شوخى ئاشۇبى جەھان يوق. يېشىمى: لېۋىڭدەك سۈزۈك ياقۇت، جاھانغا ئوت ياقىدىغان سېنىڭكىدەك شوخ كۆز ھېچ يەردە يوق. قاشىڭدەك يوق جەھاندا تىير ئەنداز، ئاتارغا بىر مەنىڭدەك ناتەۋان يوق. يېشىمى: جاھاندا قېشىڭدەك مەرگەن يوق، ئوقۇڭغا نىشان بولۇشقا يارايدىغان مېنىڭدەك بىر ناتىۋان يوق. نە ھەدد ئاغزىڭنى بارۇ يوق دەمەككە، ئانىڭ رەمزىن بىلۈرگە نۇكتەدان يوق. يېشىمى: ئاغزىڭنىڭ كىچىكلىكىدىن ئۇنى «بار» ياكى «يوق» دېيىشكە كىمنىڭ ھەددى؟ ئۇنىڭ ئىزناسىنى بىلىپ ئايرىيالايدىغان دانىشمەن يوق. نە ئىمكاندۇر كىشى باغ ئىچرە كىرمەك، ئاڭا يول كۆرسەتۈرگە باغبان يوق. يېشىمى: يول كۆرسىتىدىغان باغۋەن بولمىسا، كىشىنىڭ باغقا كىرىشى قانداقمۇ مۇمكىن بولىدۇ؟ مەنىڭ سايراماغىم گۇلرۇخ ئۈچۈندۈر، قىلۇرمۇ نالە بۇلبۇل گۇلىستان يوق. يېشىمى: مېنىڭ سايرىشىم گۈل يۈزلۈك يار ئۈچۈندۈر؛ گۈلىستان بولمىسا، بۇلبۇل نالە – ناۋا قىلۇرمۇ؟ ھەمە ياخشى خۇيۇڭنى سەرف ئەتۈرگە، جەھان ئىچرە مەنىڭدەك بىر يامان يوق. يېشىمى: ھەممە ياخشى خۇيلۇرۇڭنى ئىشلىتىشكە، جاھاندا مەندەك بىر يامان يوق. بولۇپمەن خەلق ئىچىدە ئانچە بەدنام، مەنىڭدەك يەنە رۇسۋايى زەمان يوق. يېشىمى: خەلق ئارىسىدا نۇرغۇن بەدنامغا قالدىم، زاماننىڭ مەندەك يەنە بىر رەسۋاسى يوق. زۇھۇرىي كۆڭلىدۇر كىم بەس پەرىشان، ئىلاھا، رەھم قىل، بىر دىلىستان يوق. يېشىمى: ئى ئاللاھ، رەھىم قىلغىن، مەن زۇھۇرىينىڭ كۆڭلى بەكمۇ پەرىشانكى، دىلىمنى شاد قىلغۇچى بىر يار يوق. 12– موقام چۆل ئىراق مۇقامىنىڭ تېكسىتلىرى چوڭ نەغمە قىسمى 186 مىسرا، ئۈچ داستان 76 مىسرا، ئۈچ مەشرەب 60 مىسرا بولۇپ، جەمئىي 322 مىسرا شېئىردىن تەشكىل تاپقان. يۇقىرىقى ئون ئىككى مۇقامنىڭ تېكىستى ۋە يېشىمى بېيجىڭ مەكىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ئەپەندىمنىڭ «ئەسلى يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. «زۇلقار مەتبەئەچىلىكى» دە تىزىلدى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...