
سېتىۋېلىش ئورنى
مۇقام ئانسامبىلى
مۇشاۋەرەك مۇقامى
پلاستىنكا: ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2002
مۇقام ئانسامبىلى ھەققىدە:
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىدىن ئىبارەت دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بۇ مەنىۋى تەۋەررۈكنى، بىباھا گۆھەرنى ساقلاپ قىلىش، يىراق ئۆتمۈشنىڭ مالىمانچىلىقىدا يوقىلىپ كەتكەن ئاھاڭلىرىنى تولۇقلاش، ئۇنى رەتلەش ۋە نەشر قىلىش، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش يولىدىكى ئىزدىنىش، ئۇنىڭ مۇزىكا قۇرۇلمىسى، ئورۇنلاش ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلارنىڭ مەزمۇنى ھەققىدىكى تەتقىقات توختاپ قالمىدى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئەڭ دەسلەپ 1951-يىلى پولات سىمغا ئۈنگە ئېلىندى.
بۇ جەرياندا ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئەڭ ئاخىر ...
داۋامى
تۈر:
مۇقام
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
390

مۇشاۋەرەك مۇقامى - ھەققىدە:
مۇشاۋەرەك مۇقامى (خاتىمە قىسمىدىكى ھاياجان، تۈگەنچى قىسمىدىكى شوخلۇق) چوڭ نەغمە قىسمى 162 مىسرا، داستان قىسمى تۆت داستان 62مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 30 مىسرا جەمئىي بولۇپ 254 مىسرا
چوڭ نەغمە مۇقەددىمە مۇزەھھەب ئەيلەگەن پەيكانلارنىڭ جىسمىم ئارا ھەريان، دەمە باش چەكتىم، چەكتى زەبانە شۇئلەئى ھىجران. يېشىمى: ئالتۇن ھەل بېرىلگەن كىرپىك ئوقلىرىڭ تەرەپ – تەرەپتىن جىسمىمغا قالدالغانىدى. ئەمدى ئۇ ئوقلار ۋوجۇدۇمدىن ھىجران ئوتىنىڭ يالقۇنى بولۇپ باش كۆتۈرۈپ چىقتى. قاچان پەيكان كۆرەنگەي، ھەجر ئوتىنىڭ شۇئلەسى بولسا، ئانى تارتىپ چىقارماق زەخم ئىچىدىن بارمۇدۇر ئىمكان. يېشىمى: ھىجران ئوتى لاۋۇلداپ تۇرغان ئەھۋالدا، ئوق قاچان كۆرۈنەر؟ ئۇنى يارا ئىچىدىن تارتىپ چىقىرىۋېلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بارمىدۇ؟ نە تاش ئاتىپ تەنىمنى رەخم قىلساڭ، غەمگە قالۇرمەن، مۇڭا نە باغلاي ئانى، قايدا باغلاي، دەپ مەنى ئۇريان. يېشىمى: تاش ئېتىپ تېنىمنى زەخىملەندۈرسەڭ، مەن يالىڭاچ:«ئۇنىڭغا نېمە تاڭاي، قەيەردىن تاڭاي» دەپ نېمە غەم قىلىمەن؟ بەلا دەشتىدە كۆرگەن ۋەھشىي مەجنۇننى، مەنى داغى، خىرەد ئەھلى قاشىندا تەلبە كۆرگەندەك، قالۇر ھەيران. يېشىمى: بالايىئاپەت دەشتىدە، مەجنۇن بىلەن مېنى كۆرگەن ۋەھشىي ھايۋانلار ھۇشى بار ئادەمنىڭ قېشىدا ساراڭنى كۆرگەن ئادەملەردەك ھەيران قالىدۇ. سۆڭەڭلەرنىڭ تەنىمدىن بىر بىر ئايىردى غەمى ھەجرىڭ، مەھەلدۇر ئىتلارىڭنى ئەيلەسەم كۇلبەم ئارا مىھمان. يېشىمى: جۇدالىقىڭنىڭ غېمى سۆڭەڭلىرىمنى تېىنمدىن بىر – بىرلەپ ئاجرىتىۋەتتى، مۇشۇ پۇرسەتتە ئىتلىرىڭنى ئۆيۈمدە مېھمان قىلىۋالسام بولغىدەك. نە مەن قالغۇن، نە سەن باقىي، زەمانى كەلگىل، ئەي ساقىي، قەدەھ دەۋرىنى خۇش تۇتكىم، ۋەفاسىزدۇر بەسى دەۋران. يېشىمى: ئەي ساقىي، مەنمۇ ئالەمدىن كېتىمەن، سەنمۇ مەڭگۈ قالمايسەن، دۇنيا بەك ۋاپاسىز، بىر دەم بولسىمۇ كەل، قەدەھنى ئايلاندۇرۇپ تۇرغىنىمىز غەنىمەت. ۋەفاسىزدۇر زەمان ئەھلى، زەماندا نە ۋەفا بولغاي، ۋەفا ئەھلى بۇلاردىن گەر ۋەفا ئىستە، ئەرۈر نادان، يېشىمى: زامان ئەھلى ۋاپاسىز تۇرسا، بۇ زاماندا ۋاپا نېمە ئىش قىلىدۇ؟ ۋاپا ئەھلى ئەگەر بۇلاردىن ئۈمىد قىلسا، نادانلىق قىلغان بولىدۇ. خۇشا، دەير ئىچرە مەيخانە، تولا ئىلكىمدە پەيمانە، مەنۇ ئەھلى فەنا ئاغزىدا :«كۇللۇ مەن ئالەيھە فان». يېشىمى: جاھان ئۆزى بىر مەيخانا، قولۇمدا مەيگە تولغان قەدەھ، مەن ۋە ئۆزلۈكىنى يوقاتقانلارنىڭ ئېغىزىمىزدىن چىقىدىغىنى ئوخشاشلا «ھەممە يوقىلىدۇ» دېگەن سۆزدۇر، خوشە! فەنا دەيرىدە سائىللىقنى سۇلتانلىقدىن ئارتۇق تۇت، كى ئۆلمەكلىكدە تەڭدۇرلار ئەگەر سائىل ۋە گەر سۇلتان. يېشىمى: بۇ تۈگەيدىغان دۇنيادا، تىلەمچىلىكنى پادىشاھلىقتىن ئارتۇق بىل، ئۆلگەندىن كېيىن، تىلەمچىلىمۇ پادىشاھمۇ بەرىبىر تەڭ بولىدۇ. جەھان ئىچرە كىشىنىڭ چۈن يوقىيۇ بارى يەكساندۇر، نە فەررۇخ كىمسەدۇر كۆرگەن جەھان بارۇ يوقىن يەكسان. يېشىمى: دۇنيادا بىر ئىنسان بار بولسىمۇ، يوق بولسىمۇ ئوخشاش. ھالبۇكى جاھاننىڭ بار – يوقىنى ئوخشاش كۆرگەن ئىنسان نېمە دېگەن بەختىيار ئىنسان – ھە! نەۋائىي، ئۆزنى خۇش تۇتكىم، كىشىگە دەھر ئىشى باردۇر، ئەگەر مۈشكىل تۇتار، مۇشكىم، ۋەگەر ئاسان تۇتار، ئاسان. يېشىمى: نەۋائىي، ئۆزۈڭنى خۇش تۇت، دۇنيانىڭ ئىشلىرى دېگەن بىر ئىنسان ئۈچۈن ئېيىتقاندا، مۈشكۈل دېسە مۈشكۈل، ئاسان دېسە ئاسان بولىدىغان گەپ. تەئەززە ئەي نەۋ باھارى ئارەزىڭ سۇبھىغا جانپەرۋەر ھەۋا، ئاندىن گۇلۇ بۇلبۇل تاپىپ يۈز بەرگ بىرلە مىڭ نەۋا. يېشىمى: ئەي، جامالىڭنىڭ باش باھارى تاڭ سەھەرنى جانلاندۇردى؛ ئۇنىڭدىن گۈل يۈزلەپ ياپراق، بۇلبۇل مىڭلاپ ناۋا تاپتى. تۇبايۇ شاخى دىدرەدۇر كويۇڭ گىياھى، نەگەكىم، ئۇششاق ئەشكۇ ئاھىدىن ھەردەم تاپار سۇيۇ ھەۋا. يېشىمى: كوچاڭدىكى گىياھلار خۇددى جەننەتتىكى تۇبا ۋە سىدرە دەرەخلىرىدەك ياشنىدى. چۈنكى ئۇ ئاشىقلارنىڭ كۆز يېشىدىن سۇ ئىچىپ، ئاھىدىن ھاۋالانغان – دە. زەھرى فىراقىڭدىن قايۇ ئاشىقكى بولدى تەلخكام، نۇشى ۋىسالىڭ يەتمەسە ئىيسا ئاڭا تاپماس دەۋا. يېشىمى: پىراقىڭنىڭ زەھىرى تۈپەيلىدىن قايسىبىر ئاشىق بولمىسۇن ئازابلانسا، ۋىسالىڭ شەربىتى بولمىغىچە، ئۇنى ئىيسا پەيغەمبەرمۇ داۋالىيالمايدۇ. چۈن قازىيۇل ھاجاتسەن، دەئۋايى مىھرىڭ قىلغالى، دەردۇ فىراق ئەندۇھىدىن كەلتۈرمىشەم ئىكى گۇۋاھ. يېشىمى: سەن ھاجەتلەرنى راۋا قىلغۇچىسەن، مەن مېھرىڭ ئۈستىدىن ئەرز – شىكايەت قىلىش ئۈچۈن، دەرد بىلەن پىراق قايغۇسىدىن ئىبارەت ئىككى گۇۋاھپىنى (گۇۋاھچىلىققا) ئېلىپ كەلدىم. قىلماي قەبۇل ئىجادنىڭ ئىمكانى يوق، سوڭرا يەنە، مەقبۇلنى رەد ئەيلەمەك لۇتفۇڭدىن ئولغايمۇ رەۋا. يېشىمى: قوبۇل قىلماي تۇرۇپ، ئىجاد قىلىش، يارىتىش، مۇمكىن ئەمەس؛ يەنە دېسەك، ياقتۇرغىنىڭنى قوغلىۋېتىش، سېنىڭ ئىلتىپات – مەرھەمەت ئۆلچىمىڭگە توغرا كېلەرمۇ؟ زاھىد، كۆڭۈلنىڭ خىلۋەتىن مەتلۇبى غەيرىدىن ئارىت، سەن سەير قىلساڭ قىل، كەرەك كۆڭۈلگە بولسا ئاشنا. يېشىمى: ئەي زاھىت، كۆڭۈل بوشلۇقىنى غەيرى تەلەپلەردىن تازىلا، كۆڭلۈڭ خىلۋەتنى تارتسا، سەيلە قىلغىن. دەسەڭ، نەۋائىي، جان ئارا مەھبۇب بولغاي جىلۋەگەر، ئەۋۋەل كۆڭۈل كۆزگۈسىدىن مەھۋ ئەيلە نەقشى ماسىۋا. يېشىمى: نەۋائىي، سۆيگەن يار جېنىم ئارا جىلۋىلەنسۇن دېسەڭ، ئالدى بىلەن كۆڭۈل ئەينىكىدىن باشقىلارنىڭ سىماسىنى تازىلىۋەتكىن. رەھم ئەيلەسەڭچۇ دىيۋانەلەرغە، ئىشقىڭدا بولغان ئەفسانەلەرغە. يېشىمى: ئىشق – مۇھەببىتىڭ تۈپەيلىدىن سۆز چۆچەككە قالغان مەجنۇنغا رەھىم قىلساڭچۇ. ئەيلەپ جۇدالىق، ئەي ھەمنىشىنىم، قىلدىڭ جەفالار ھەمخانەلەرغە. يېشىمى: ئەي ھەمراھىم، جۇدالىقىڭ دەردىگە سېلىپ، مەندەك دوستۇڭغا جاپا قىلدىڭ. كۆيدۈرمە جانىم رەشك ئوتى بىرلە، ئاچىپ يۈزۈڭنى بىگانەلەرغە. يېشىمى: يۈزۈڭنى ئېچىپ ياتلارغا كۆرسىتىپ، رەشىك ئوتىدا جېنىمنى كۆيدۈرمە. سەجدە قىلاي دەپ شىرىن بۇتۇمغا، باردىم سوراغلاپ بۇتخانەلەرغە. يېشىمى: گۈزەل بۇتۇم (سەنەمىم)غا سەجدە قىلاي دەپ، ئىزدەپ – سوراپ بۇتخانىلارغا باردىم. مەيگۇن لەبىڭدىن بىر بۇسە بەرگىل، سىنسۇن خۇمارى، مەستانەلەرغە. يېشىمى: مەي رەڭلىك لېۋىڭگە بىرنى سۆيدۈرگىن، مەن مەستانەڭنىڭ خۇمارى بېسىلسۇن. ھەردەم تىلەرمەن ھۇسنى كەمالىڭ، ئۇرۇپ باشىمنى ئاستانەلەرغە. يېشىمى: ھەمىشە بوسۇغاڭغا باش ئۇرغان (باغ قويغان) ھالدا، ھۆسىن – جامالىڭنىڭ كامالىتىنى تىلەيمەن. ياندۇر، كۆيەيىن، خىلۋەت ئىچىندە، شەمئى جەمالىڭ پەرۋانەلەرغە. يېشىمى: خىلۋەتتە جامالىڭنىڭ شامىنى ياندۇرغىن، ئۇنىڭدا پەرۋانىلاردەك كۆيەي. ئىشقىڭنى گەنجى ۋەيران كۆڭۈلدە، قويساڭ تۇرارمۇ كاشانەلەرغە. يېشىمى: ئىشقىڭ بايلىقى ۋەيرانە كۆڭلۈمدە ساقىلىنىۋاتىدۇ، ئۇنى باشقا يەرلەردە قويساڭ تۇرارمىدى؟ ئەي مەيفۇرۇشۇم، بىر كاسە مەي بەر، كەلدى ھۇۋەيدا مەيخانەلەرغە. يېشىمى: ھۇۋەيدا مەيخانىغا كەلدى، ئەي مەيپۇرۇشۇم، ئۇنىڭغا بىر كاسا مەي بەرگىن. فەلەكدىن ياخشىلىق يەتكەي دەبان، كۆڭلۈڭنى شاد ئەتمە. يامانلىقكىم يەتەر، ھالا ئۇنۇت، ئۆتكەننى ياد ئەتمە. يېشىمى: «پەلەكتىن ياخشىلىق كېلىدۇ» دەپ كۆڭلۈڭنى خۇش قىلىپ ئولتۇرما؛ يامانلىق يەتكەن بولسا، ئۇنى دەرھال ئۇنتۇپ كەت، ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىمە. زەمانە ئەھلىدىن گەر يۈز قۇياشچە كۆرۈزۈپسەن مىھر، ۋەفا زىنھار كىم بىر زەررە چاغلىغ ئىئتىماد ئەتمە. يېشىمى: ئەگەر زامانە ئەھلىگە يۈز قوياشچىلىك مېھىر – شەپقەت كۆرسەتكەن بولساڭمۇ، ئۇلاردىن بىر زەررە چاغلىق ۋاپا مۇتلەق كۈتمە. نۇجۇمۇ چەرخ دەپ ئۆكمە گەدانى بەخيالىق شالىن، تۈتۈننى چەرخ، ئۇچقۇنلارنى ئەنجۇم ئىئتىقاد ئەتمە. يېشىمى: گاداينىڭ ياماق چاپىنىنى «پەلەك ۋە يۇلتۇز» دەپ ئويلىما، تۈتۈننى «ئاسمان»، ئۇچقۇنلارنى «يۇلتۇز» دەپ ئەقىدە قىلما. فەنا ئەھلى ئاياغىن تۇفراغى شەرھىن يازار ئولساڭ، قاراغىمنى ھەل ئەيلە، ئەي رەفىق، ئۆزگە مىداد ئەتمە. يېشىمى: ئەي دوست، ئۆزلۈكىنى يوقاتقانلار ئەھلىنىڭ ئايىغى ئاستىدىكى توپىنىڭ شەرھىسىنى يازماقچى بولساڭ، كۆز قارىچۇقۇمنى سىياھ قىل، باشقا سىياھلارنى ئىشلەتمە. مىداد ئەتكەن قاراغىمنى قىلىبان كىرپىكىم خامە، كۆزۈمنىڭ پەردەسىندىن ئۆزگە كاغەزگە سەۋاد ئەتمە. يېشىمى: كۆز قارىچۇقۇمدىن ياسالغان سىياھقا، كىرپىكىمنى قەلەم قىل، كۆزۈمنىڭ پەردىسىدىن باشقا قەغەزگە خەت يازما. قىلىپ سالىھ ئەمەل كەسبى شىئارىڭنى سەلاھ ئەتكىل، ۋەلې فاسىد خەيالىڭ بىرلە ھەردەم بىر فەساد ئەتمە. يېشىمى: ياخشى ئىشلارنى قىل، ياخشى كەسىپكە ئادەتلەنگىن، لېكىن بۇزۇق خىياللار بىلەن ھە دېسە، پىتنە – پاسات قىلما. چۇ بىلدىڭ رىزق ئەرۈر مەقسۇم، چەكمە دوستىدىن مىھنەت، قەزادىن خارىج ئەرمەس ئىش، ئەدۇۋغا ئىنقىياد ئەتمە. يېشىمى: ئۆزەڭگە مەلۇم، رىزىق دېگەن ئەزەلدىن تەقسىملەنگەن بولىدۇ، شۇڭا دوستىنىڭ مېھنىتىنى تارتما، ھەرقانداق ئىش تەقدىردىن تاشقىرى بولمايدۇ، شۇڭا ئۇنى دۈشمەندىن كۆرمە. تىلەرسەن فەقر دەشتىدىن قەتئ قىلغايسەن ئەرەنلەردەك، باغىر سۇ قىل، يۈرەك پەرگالەسىدىن ئۆزگە زاد ئەتمە. يېشىمى: «يوقسۇللۇق دەشتىنى ئەركەكلەرچە بېشىپ ئۆتىمەن» دېسەڭ، باغرىڭنى سۇ قىل، يۈرىكىڭ بارچىسىدىن باشقىنى ئۇزۇق قىلما. تەئەززە چۈشۈرگىسى نەۋائىي، ئىستەسەڭ ئۇقبا مۇرادىن، نامۇراد ئولغىل، ئەگەر دۇنيا مۇرادى يوقتۇرۇر، ئۆزنى مۇراد ئەتمە. يېشىمى: ئەي نەۋائىي، ئەگەر ئاخىرەتنىڭ مۇرادىنى ئارزۇ قىلساڭ، باشقا ئارزۇلاردىن كەچ؛ ئەگەر سەندە بۇ دۇنيا ئارزۇسى بولمىسا، ئۆزلۈكۈڭدىن (ئۆزۈڭدىن) كەچكىن. نۇسخە ئەي جەفا داغى بىلە كۆڭلۈمنى ئەفگار ئەيلەگەن، گۇل ياڭاقىڭ شەۋقىدۇر يۈزۈمنى گۇلزار ئەيلەگەن. يېشىمى: ئەي جاپا تېغى بىلەن يۈرىكىمنى مەجرۇھ قىلغان يار، يۈزۈمنى گۈلزارغا ئايلاندۇرغان نەرسە گۈلدەك مەڭزىڭنىڭ ئىشتىياقىدۇر. جەۋھەرى فەرد ئاغزىڭىزدەك خۇدەبىنلەر زىھنىنە، سالمادى شىرىن خەيالى، يوقنى ئول بار ئەيلەگەن. يېشىمى: يوقنى بار قىلغان ئۇ ئاللاھ ئېغىزىڭىزدەك ئاشۇنداق يىگانە جەۋھەرنىڭ شېرىن خيالىنى زېرەك كىشىلەرنىڭ زېھىنىگە سالماپتۇ. بىر نەفەسىدە ئۆلگەي ئەردىم فۇرقەتىڭنىڭ دەردىدىن، ۋەسىل ئۇمىدىدۇر ماڭا ئۆلمەكنى دۇشۋار ئەيلەگەن. يېشىمى: جۇدالىقىڭنىڭ دەردىنى دېسەم، بىر نەپەستىلا ئۆلگەن بولاتتىم، بىراق ۋىسالىڭنىڭ ئۇمىدى ماڭا ئۆلۈمنى مۈشكۈل قىلدى. ئەقلۇ دىنى بولماسۇن دەدى مەنى بىچارەدە، ئول قاراقچى كۆزلەرىڭنى مەستۇ ئەييار ئەيلەگەن. يېشىمى: ئاشۇ قاراقچى كۆزلىرىڭنى مەست (خۇمار كۆز) ۋە ئەييار قىلىپ ياراتقۇچى، مەن بىچارىدە ئەقىل ۋە دىننى بولمىسۇن دەپتىكەن. مەن فەلەكنىڭ گەردىشىندىن بولمامىشمەن ناتەۋان، يارنىڭ سۆيمەسلىكىدۇر جانىمە كار ئەيلەگەن. يېشىمى: مەن پەلەكنىڭ گەردىشى تۈپەيلىدىن ناتىۋان بولغان ئەمەس، جېنىمغا تەسىر قىلغىنى، مېنى بۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغىنى يارنىڭ سۆيمەسلىكىدۇر. جانۇ دىل باردى ئەدەم سارى سەنىڭ ئاغزىڭ ئۈچۈن، ئول ئاغىز فىكرىدۇر ئەلگە دۇنيانى تار ئەيلەگەن. يېشىمى: سېنىڭ ئاغزىڭنىڭ دەردىدىن جان ۋە كۆڭۈل يوقىلىش تەرىپىگە قاراپ يۈزلەندى؛ كىشىلەرگە بۇ دۇنيانى تار قىلغان نەرسىمۇ يەنە ئاشۇ ئېغىزىڭنىڭ خىيالىدۇر. ئۆزگەدىن قىلمام شىكايەتكىم، ئەزىزىم كۆزىدە، ئوتغا تۈشكۈر بۇ كۆڭۈلدۈر لۇتفىينى خار ئەيلەگەن. يېشىمى: باشقىسىدىن شىكايەت قىلمايمەن، ئۇ ئەززىمنىڭ كۆزى ئالدىدا مەن لۇتفىينى خار قىلغان نەرسە ئوتقا چۈشكۈر مۇشۇ كۆڭلۈمدۇر. نۇسخە چۈشۈرگىسى ئۆزگدىن قىلمام شىكايەتكىم، ئەزىزىم كۆزىدە، ئوتغا تۈشكۈر بۇ كۆڭۈلدۈر لۇتفىينى خار ئەيلەگەن. يېشىمى: باشقىسىدىن شىكايەت قىلمايمەن، ئۇ ئەزىزىمنىڭ كۆزى ئالدىدا مەن لۇتفىينى خار قىلغان نەرسە ئوتقا چۈشكۈر مۇشۇ كۆڭلۈمدۇر. جۇلا باردى دەيدۇر، ياندى دەيدۇر مەنىڭ يارىمنى، ئەگىز دابان ئاشتى دەيدۇر بويى تالىمنى. يېشىمى: مېنىڭ يارىمنى «ماڭدى، كېيىن يېنىپ كەلدى» دەيدۇ، زىلۋا بويلۇقۇمنى «ئېگىز داۋان ئاشتى» دەيدۇ. ئەگىز دابان ئاشماغۇنچە مەنزىل كۆرۈنمەس، قارا يورغا مىنمەگۈنچە چۆللەر كەزىلمەس. يېشىمى: ئېگىز داۋاننى ئاشمىغىچە مەنزىل كۆرۈنمەيدۇ، قارا يورغا مىنىپ ئاتلانمىغىچە چۆللەرنى كېزىپ چىققىلى بولمايدۇ. باردى دەيدۇر، ياندى دەيدۇر، مەيلىم ئۆزەمنىڭ، سەكسەن قامچى ئۇرغان بىلەن يارىم ئۆزەمنىڭ يېشىمى: باردى دەيدۇ، ياندى دەيدۇ، مەيلىم ئۆزەمنىڭ، سەكسەن قامچا ئۇرغان بىلەن يارىم ئۆزەمنىڭ. سەنەم لۇتف ئەتەي دەپ ۋەئدە ئول دىلدار قىلمايدۇر ھەنۇز، غۇنچەدەك قان باغلاغان كۆڭلۈم ئاچىلمايدۇر ھەنۇز. يېشىمى: يا ئۇ دىلدار مۇشۇ چاغقىچە «مەرھەمەت قىلاي» دەپ ۋەدە قىلمايدۇ، يا غۇنچىدەك قان ئۇيۇپ قالغان كۆڭلۈم تېخىچە ئېچىلمايدۇ. فاش بولدى ئەلگە ئەھۋالىم، نە تەدبىر ئەيلەيىن، خەلق بىلدى ھالەتىمنى، يار بىلمەيدۇر ھەنۇز. يېشىمى: ئەھۋالىم ئەلگە ئاشكارىلىنىپ بولدى، خەلق ئاشىق ھالىتىمنى بىلدى، ئەمما يارىم تېخىچە بىلمەيدۇ، قانداق قىلسام بولار؟ ساقىيا، ئىشرەت مەيىدىن جۇرئەئى لۇتف ئەيلەگىن، خەستە كۆڭلۈمغە خۇمارىدىن ئايىلمايدۇر ھەنۇز. يېشىمى: ئەي ساقىي، خەستە كۆڭلۈم ئۇنىڭ خۇمارىدىن تېخىچە ئۆزىگە كېلەلمەيۋاتىدۇ، مەرھەمەت قىلىپ ئىشرەت شارابىدىن بىر يۇتۇملا بەرگىن. تۇبايۇ شەمشاد قەددىن باغ ئارا كۆرمەك نە سۇد، سەرۋى يەڭلىغ قەددى دىلجويى تاپىلمايدۇر ھەنۇز، يېشىمى: ئۇ كۆڭۈلنى مەھلىيا قىلغۇچى سەرۋى قامەتلىك يارنى تېخىچە تاپالمايۋاتسام، باغدىكى تۇبا بىلەن شەمشاد دەرىخىنىڭ قامىتىنى كۆرگىنىمنىڭ نېمە پايدىسى؟ سەبر قىلغىل، ئەي رەشىدىي ئاي يۈزىنىڭ دەۋرىدە، بەندەگە ئازادلىق خەتتى بىتىلمەيدۇر ھەنۇز. يېشىمى: ئەي رەشىدىي، سەۋر قىلغىن، چۈنكى ئۇنىڭ ئاي يۈزىنىڭ سەھپىسىگە «قۇلغا ئازادلىق» خېتى تېخى يېزىلمىدى. چوڭ سەلىقە مەنىڭ رازى دىلى زارىم فەراۋاندۇر، بىتىپ بولماس، كى ئىشق ئەفسانەسىنى دەفتەر ئۈزرە شەرھ ئەتىپ بولماس. يېشىمى: مېنىڭ نالە – زارلىق كۆڭۈل سىرلىرىم ئاجايىپ كۆپ، ئەمما ئۇنى يازغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئىشق دېگەننى يېزىق بىلەن دەپتەرگە يېزىپ، چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ. تىكەنسىز گۇل، سەدەفسىزدۇر، مۇشەققەتسىز ھۇنەر يوقتۇر. رىيازەت چەكمەگۈنچە يار ۋەسلىگە يەتىپ بولماس. يېشىمى: تىكەنسىز گۈل، سەدەپسىز گۆھەر، مۇشەققەتسىز ھۈنەر يوق؛ رىيازەت چەكمەي تۇرۇپ، يارنىڭ ۋىسالىغا يەتكىلى بولمايدۇ. خەدەنگى تىيرى مىژگانىڭ تەگىپ سىينەمغە جاھ بولدى، كۆڭۈل زەخمىن ئاچىپ بىدەردلەرگە كۆرسەتىپ بولماس. يېشىمى: كىرپىك ئوقۇڭ تېگىپ، مەيدەمگە ئورناپ قالدى. ۋاھالەنكى يۈرەكنىڭ جاراھىتىنى ئېچىپ، دەدرسىزلەرگە كۆرسەتكىلى بولمايدۇ. ئۇشۇنداق مۇستەفانى ئۇشبۇ ئالەمدىن فەنا قىلدى، خۇداغا بۇ سەبەبدىن، ئەي بەرادەر، بەھس ئەتىپ بولماس. يېشىمى: ئەي بۇرادەر، شۇنداق ئۇلۇغ پەيغەمبەرنىمۇ بۇ دۇنيادىن ئېلىپ كەتتىكى، بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ بىلەن مۇنازىرلەشكىلى بولمايدۇ. ئۇزاق ئەرمىش ئۇسۇل زىيبا سەنەمنىڭ قەسرى، ئەي مەشرەپ، ئەگەر مىڭ يىل جەدەل قىلساڭ، ئۇ مەنزىلگە يەتىپ بولماس. يېشىمى: ئەي مەشرەب، ئۇ سەنەمنىڭ قەسرى ناھايىتى يىراقتىمىش. ئەگەر مىڭ يىل جىدەل قىلساڭمۇ، ئۇ مەنزىلگە يەتكىلى بولمايدۇ. بىرىنچى كىچىك سەلىقە نە چارە، ئەي كۆڭۈل، ھەر گۈن يەتەر دەردۇ بەلا بىزگە، جەفادىن ئۆزگە ھىچ ئىش يازمادى كىلكى قەزا بىزگە. يېشىمى: ئەي كۆڭۈل، ماڭا ھەركۈنى دەردۇ بالا كېلىپ تۇرىدۇ، قارىغاندا، تەقدىر قەلىمى مەن ئۈچۈن، جاپادىن باشقا نەرسە يازماپتۇ، بۇنىڭغا نېمە چارە؟ نەسىب ئەتمىش فەلەك خۇنابەئى ھەسرەتنى غەم بىرلە، كۆرەرمۇ بادەئى ئىشرەتنى ئول ھەرگىز رەۋا بىزگە. يېشىمى: پەلەك غەم بىلەن ھەسرەت زەردابىنى نېسۋە قىلىپتۇ، ھالبۇكى ئۇ ئەمدى ماڭا ئىشرەت شارابىنى ھەرگىز راۋا كۆرمەيدۇ. تەھى پەيمانەدىن ئاۋارە بولدۇڭ دەرسەن، ئەي ناسىھ، فەنا دەيرىدە قىلغان بىنەۋالىقدۇر نەۋا بىزگە. يېشىمى: ئەي نەسىھەتچى، مېنى قەدەھنىڭ ساقىندىسى ئۈچۈن ئاۋارە بولدۇڭ دەيسەن، بىراق پانىيلىق مەيخانىسىدىكى نامراتلىقنىڭ ئۆزى مەن ئۈچۈن بىر خىل ئوزۇقتۇر. تەماننادۇر خەرابات ئەھلى ئىچرە خاكسار ئولماق، كەرەكمەس دەھر ئەلىنىڭ بەزمىدە ئىززۇ ئەئلا بىزگە. يېشىمى: زامان ئەھلى بەزمىسىدىكى ئەزىزلىك ۋە يۇقىرى مەرتىۋىنىڭ كېرىكى يوق، مەيخانە ئەھلى ئىچىدە توپا – تۇپراق بولۇپ كېتىش مېنىڭ ئارزۇيۇمدۇر. سەنى بىزدەك قىلىپ، بىزنى سەنىڭدەك قىلسا ھەم تاڭ يوق، خەتا ئەرمىش مەلامەت قىلما، ئەي زاھىدە تولا بىزگە. يېشىمى: ئەي زاھىت، كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ئاللاھ سېنى مەندەك قىلىپ، مېنى سېنىڭدەك قىلىپ قويسىمۇ ئەجەب ئەمەسكى، مېنى تولا ئەيىبلىسەڭ، خاتالىشىسەن، جۇمۇ! بەس ئەردى، ئاھ، ئول دارۇل بەقنىڭ راھەتى بىردەم، نە قىسمەت ئەردى، بۇ دارۇل فەنادا يۈز جەفا بىزگە. يېشىمى: ماڭا ئۇ مەڭگۈلۈك ئالەمنىڭ بىردەملىك راھىتى يېتىپ ئاشاتتى، ئاھ، بۇ نېمە قىسمەت ئىكىن – تاڭ؟ بۇ پانىي دۇنيادا يۈز جاپاغا قالدىم. نە ئەيش ئولغاي ئۆتۈپ گۇل فەسلى، ئەي مەھزۇن، بۇ باغ ئىچرە، بولۇپدۇر ھەر نەفەس يۈز خارى مىھنەت مۇبتەلا بىزگە. يېشىمى: ئەي مەھزۇن، بۇ باغدا نېمە راھەت بولسۇنكى، گۈل پەسلى ئۆتۈپ كەتتى، ھەر نەپەستە يۈز مۇشەققەت تىكىنىگە مۇپتىلا بولۇۋاتىسەن. ئىككىنچى كىچىك سەلىقە دىلبەرا، مەن زارنىڭ كۆڭلىنى سەن شاد ئەيلەگىل، يۈز تۈمەنمىڭ قايغۇدىن بىر يولى ئازاد ئەيلەگىل. يېشىمى: ئەي دىلبەر، مەن خار – زانىڭ كۆڭلىنى سەن خۇشال قىلغىن، مېنى يۈز تۈمەنمىڭ قايغۇدىن بىر يولىلا ئازاد قىلغىن. كۆپ رەقىب تەئنە ئەتىپ خۇنابە يۇتتۇردى ماڭا، ئادىل ئولساڭ ئۇل ئەدۇۋنى قەتلى جەللاد ئەيلەگىل. يېشىمى: كۆپلىگەن رەقىبلەر تەنە قىلىپ، ئەيىبلەپ مېنى قان يۇتقۇزدى، ئادىل بولساڭ ئاشۇ دۈشمەنلىرىمنى جاللاتتەك بۇغۇزلىۋەتكىن. قەتلى ئولسا ئول ئەدۇۋلار سەيرى گۇلشەن ئەيلەلى. تالى مەجنۇن قامەتىڭنى باغدا شەمشاد ئەيلەگىل. يېشىمى: دۈشمەنلەر ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، گۈلشەنلەرنى سەيلى قىلايلى، مەجنۇن تالدەك قامىتىڭنى باغدا شەمشاد دەرىخىدەك جىلۋىلەندۈرگىن. گۇلنى كۆرسەم، بىخۇد ئولسام، ئىشق زارىدىن داغى، ھەم بەرىب لەئلىڭ گۇلابىدىنكى ئىمداد ئەيلەگىل. يېشىمى: گۈلنى كۆرۈپلا، ئىشقنىڭ كۈچىدىن يەنە ھۇشۇمدىن كېتىپ قالسام، ياقۇت لېۋىڭدىن گۇلاب ئىچۈرۈپ بولسىمۇ، مېنى قۇتقۇزغىن. ئىكىمىزنى باغدا كۆرسە شۇم رەقىبلەر رەشك ئەتەر، ئىلتىفات ئەيلەپ ماڭا، دۈشمەننى ناشاد ئەيلەگىل. يېشىمى: ئىككىمىزنى باغدا كۆرسە، شۇم رەقىبلەر ھەسەت قىلىدۇ؛ ماڭا ئىلتىپات قىلىپ، دۈشمەننى دەردكە قويغىن. بادە بەرگىل، سىبغارۇ قويماي بىلالى قەترەئى، ھەم بۇزۇلغان كۆڭلىنى مەي بىرلە ئاباد ئەيلەگىل. يېشىمى: شاراب بەرگىن، بىلال ئۇنى بىر تامچىمۇ قالدۇرماي سۈمۈرىۋېتىدۇ، ئۇنىڭ ۋەيرانە كۆڭلىنى مەي بىلەن ئاۋات قىلغىن. لەبىڭ ئەكسى گۆزۈم ياشىنى مەيتەك لالەگۇن ئەتدى، زەنەخدانىڭ مۇرادۇم دەستىگاھىن سەرنىگۇن ئەتدى، يېشىمى: لېۋىڭنىڭ ئەكسى كۆز يېشىمنى مەيدەك قىزارتىۋەتتى، زىناقلىرىڭ ئارزۇ ئارمانىمنىڭ ئاساسىنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋەتتى. ئۆزىن نىسبەت قىلۇردى زۇلفۇڭا زەنجىر ھەر سائەت، بۇ سەۋدالار ئانى سەر ھەلقەئى ئەھلى جۇنۇن ئەتدى. يېشىمى: زەنجىر دائىم ئۆزىنى چېچىڭغا سېلىشتۇراتتى، بۇ سەۋدالار ئۇنى مەجنۇنلارنىڭ كاتتىبېشىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ئانىڭتەككىم پەرىشانلىق زىياسىن ئارتۇرۇر شەمئىن، باڭا جەۋرۈڭ زىياد ئولماق، ساڭا مەيلۇم فۇزۇن ئەتدى. يېشىمى: شام كۆيۈپ يېيىلغانسېرى نۇرى كۈچەيگەندەك، ماڭا قىلىدىغان جەۋرىڭ كۆپەيگەنسېرى، ساڭا بولغان مەيلىم تېخىمۇ ئاشتى. مىژەڭ خەنجەرلەردىن كۆڭلۈم باسار باغرىنا ۋەھم ئەتمەز، ئاڭا جادۇ گۆزۈڭ گوياكى تەئلىمى فۇسۇن ئەتدى. يېشىمى: يۈرىكىم كىرپىكىڭ خەنجەرلىرىنى ۋەھىمە قىلماستىن باغرىغا باسىدۇ؛ ئۇنىڭغا جادۇ كۆزۈڭ بەلكى ئەپسۇن ئوقۇشنى ئۆگەتكەن بولسا كېرەك. بەقايى سۇرەتى شىرىن ئىچۈن تەۋفىق مىئمارى، بىنايى ئىشقى فەرھادۇڭ ئەساسىن بىستۇن ئەتدى. يېشىمى: تەقدىر بىناكارى شىرىن گۈزەللىكىنىڭ مەڭگۈلۈك بولۇشى ئۈچۈن، فەرھاد ئىشق بىناسىنىڭ ئاساسىنى بىستۇن (تېغىدەك مۇستەھكەم) قىلدى. ساڭا ئەكسۈڭ مۇقابىل دۇردىغىچۈن لافى ھۇسن ئەيلەر، ئانى جام ئىچرە غەيرەت غەرقەئى گىردابى خۇن ئەتدى. يېشىمى: ئەكسىڭ ساڭا ئۇدۇلمۇ تۇرالىغانلىقى ئۈچۈنلا گۈزەللىكتىن لاپ ئۇرغانىدى، كۈندەشلىك ئۇنى جام ئىچىدە قان گىرادابىغا غەرق قىلۋەتتى. فۇزۇلىيىدەن سەباتۇ سەبرۇ جەۋرۇ قەھر ئاز ئىستە، كىم ئول بىچارەنى دەردۇ غەمۇڭ بىھەد زەبۇن ئەتدى. يېشىمى: فۇزۇلىدىن چىدام، سەۋر – تاقەت، جەۋر ۋە غەزەپنى ئاز ئىستىگىن، چۈنكى ئۇ بىچارىنى دەرد ۋە غېمىڭ بەكمۇ ئاجىزلاشتۇرىۋەتتى. ئىككىنچى كىچىك سەلىقە چۈشۈرگىسى دىلبەرا، مەن زارنىڭ كۆڭلىنى سەن شاد ئەيلەگىل، يۈز تۈمەنمىڭ قايغۇدىن بىر يولى ئازاد ئەيلەگىل. يېشىمى: ئەي دىلبەر، مەن خار – زارنىڭ كۆڭلىنى سەن خۇشال قىلغىن؛ مېنى يۈز تۈمەنمىڭ قايغۇدىن بىر يولىلا ئازاد قىلغىن. تەئكىد بارچەلەرغە شادلىق يەتتى، ماڭا كەلدى فىراق، تەھ – بەتەھ كۆڭلۈمنى قان قىلدى مەنىڭ دەردى فىراق. يېشىمى: ھەممەيلەنگە شادلىق كەلسە، ماڭا پىراق كەلدى؛ جۇدالىق دەردى يۈرىكىمنى قاتمۇ قات قانغا توشتۇردى. لەھزە – لەھزە ئۆرتەنىپ كۆڭلۈم مۇدام ئەيلەر فىغان، نالە ئەيلەر كىم جەرەسىدەك يەتتى بۇ گەردى فىراق. يېشىمى: جۇدالىق ئازابى دادىغا يەتكەنلىكتىن، كۆڭلۈم دەممۇ دەم ئۆرتىنىپ، ھەمىشە قوڭغۇراقتەك نالە – پىغان چېكىدۇ. تالىئىمنىڭ يوقلۇغى باشىمغا كەلتۈردى ئەلەم، بۇ مەنىڭ شورىيىدە بەختىم يەتكۈزۈپ بەردى فىراق. يېشىمى: تەلىيىمنىڭ يوقلۇقىدىن بېشىمغا دەرد – ئەلەم كەلدى؛ بۇ شورلۇق بەختىم ماڭا پىراق ئازابىنى تېپىپ بەردى. بارچەغە سۇبھى تۇلۇئ قىلدى، ماڭا ھىجرانى شامى، شادلىقنى ئۆزگەگە، كۇلفەتنى كەلتۈردى فىراق. يېشىمى: ھەممىگە تاڭ ئاتسا، مەن ھېجران كېچىسىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا قالدىم؛ پىراق ماڭا كۈلپەت ئېلىپ كەلدى، باشقىلارغا بولسا، شادلىق. بۇ غەرىبنىڭ كۆڭلى ھەرگىز شادلىقنى خوشلاماس، غۇربەت ئىچرە شادلىق بولغايمۇدۇر، دەردى فىراق. يېشىمى: بۇ غەرىبىينىڭ كۆڭلى مۇتلەق خۇشال بولاي دېمەيدۇ، پىراق دەردى قاپلىغان غۇربەتچىلىكتە، خوشاللىق بولاتتىمۇ – ھە؟ داستان بىرىنچى داستان مەنى سورساڭ پەرىلەرنىڭ خانىمەن، جايىم شەھرى شەبىستاندىن كەلۈرمەن. فەھىم ئەيلەسەڭ جىن شەھرىنىڭ خانىمەن، خەزانى يوق گۇلىستاندىن كەلۈرمەن. يېشىمى: مېنى سورىساڭ، پەرىلەرنىڭ خانىمەن، يۇرتۇم شەبىستاندىن شەھرىدىن كېلىۋاتىمەن؛ بىلسەڭ، جىن شەھرىنىڭ خانىمەن، غازاڭ بولمىغان گۇلىستاندىن كېلىمەن. ئۇزرانىڭ ھەمدەمى دەريادا جايى، ئالەمنى كۆيدۈردى ۋامىقنىڭ ئاھى، ئاتىمنى سورساڭ پەرىلەر شاھى، ياقۇتلۇق، گەۋھەرلىك كاندىن كەلۈرمەن. يېشىمى: ئۇزرانىڭ ھەمدىمى دەريادا ئاقتى، ۋامىقنىڭ ئاھ – پەريادى ئالەمنى كۆيدۈردى؛ مېنى «پەرىلەر شاھى»دەيدۇ، ياقۇتلۇق، گۆھەرلىك كاندىن كېلىمەن. ئەگەر ئاشكار ئەيلەسەم سىررى نىھانىم، بەش يۈزيىللىق يول بولۇر مەنىڭ مەكانىم. مەنىڭ ئاتىم پەرىدۇر، يوقتۇر مەكانىم. بىلسەڭ شەھرى شەبىستاندىن كەلۈرمەن. يېشىمى: مەخپىيەتلىكىمنى ئاشكارىلىسام، مېنىڭ ماكانىم بەش يۈز يىللىق ئۇزاقتا، ئىسمىم پەرى، تۇرالغۇم يوق، بىلسەڭ، شەبىستان شەھرىدىن كېلىمەن. شەھرىمىزدە باردۇر ئالتۇن – كۈمۈشلەر، سەنى ئاشىق، بىزنى مەئشۇق دەمىشلەر، مەن پەرىمەن، مەندە مەكان نە ئىشلەر، بىلسەڭ شەھرى شەبىستاندىن كەلۈرمەن. يېشىمى: شەھرىمىزدىن ئالتۇن – كۈمۈشلەر چىقىدۇ، كىشىلەر سېنى «ئاشق»، مېنى بولسا، «مەشۇق» دەيدىكەن؛ مەن بىر پەرى تۇرسام، مېنىڭ تۇرالغۇ جايىم نېمە ئىش قىلسۇن؟ بىلسەڭ، مەن شەبىستان شەھرىدىن كېلىمەن. شاھرۇخ شاھنىڭ قىزىمەن، ئاتىم بىر گۇلدۇر، غەممىدىن پەرىلەر شەيدا بۇلبۇلدۇر، تا ئۆلگۈنچە قىلغان قەرارىم شۇلدۇر. فەھم ئەيلەسەڭ شەبىستاندىن كەلۈرمەن. يېشىمى: مەن شاھرۇخ شاھنىڭ قىزىمەن، ئىسمىم بىر گۈلدۇر، مېنىڭ غېمىمدىن پەرىلەر شەيدا بۇلبۇلدەك نالە – پىغان قىلىشىدۇ؛ تا ئۆلگىچە گېپىمدىن يانمايمەن؛ بىلسەڭ، شەبىستان شەھرىدىن كېلىمەن. ئىككىنچى داستان ھەسەن ۋەزىر ئۆلدى دەپ، ساڭا سۆيەندىم، بارغىل بالام، بىر ئاللاھغا تاپشۇردۇم. بويۇڭ كۆرۈپ بىر نەچە يىل قۇۋاندىم، بارغىل بالام، بىر ئاللاھغا تاپشۇردۇم. يېشىمى: ھەسەن ۋەزىر ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ساڭا تاياندىم، بارغىن بالام، بىر ئاللاھغا تاپشۇردۇم؛ چوڭ بولغىنىڭنى كۆرۈپ، بىر نەچچە يىل قۇۋاندىم، بارغىن بالام، بىر ئاللاھغا تاپشۇردۇم. بىر يار ئۈچۈن كۆپتىن قانلار يۇتارسەن، يات يەرلەرگە مەنى تاشلاپ كەتەرسەن. غەۋۋاس بولۇپ ئىشق بەھرىغە چۈمەرسەن، بارغىل بالام، بىر ئاللاھغا تاپشۇردۇم، يېشىمى: بىر يار ئۈچۈن كۆپتىن بۇيان قان يۇتىۋاتىسەن، مېنى تاشلاپ يات يەرلەرگە كېتىدىغان بولدۇڭ؛ غەۋۋاس بولۇپ ئىشىق دېڭىزىغا چۆمىدىغان بولدۇڭ، بارغىن بالام، بىر ئاللاھغا تاپشۇردۇم. كۆزۈمنىڭ گەۋھەرى دۇررۇم سەن ئەدىڭ، فىردەۋسى بىھىشتتە ھۇرۇم سەن ئەدىڭ. بەختىمنىڭ چىراغى نۇرۇم سەن ئەدىڭ، بارغىل بالام، بىر ئاللاھغا تاپشۇردۇم. يېشىمى: سەن كۆزۈمنىڭ گۆھىرى، دۇردانەم ئېدىڭ، بەختىمنىڭ چىرىغى، نۇرۇم جەننەتتىكى ھۆرۈممۇ سەن ئېدىڭ، بارغىن بالام، بىر ئاللاھغا تاپشۇردۇم. كەتەر بولدۇڭ ئەمدى يىراق يەرلەرغە، مۇرۇۋۋەت ئەيلەگىل ئاجىز قۇللەرغا، سەلام ئايتغىل بىزنى سوراغانلارغا، بارغىل بالام، بىر ئاللاھغا تاپشۇردۇم. يېشىمى: ئەمدى يىراق يەرلەرگە كېتىدىغان بولدۇڭ، ئاجىز قۇللارغا مەردانىلىق قىلغىن، بىزنى سورىغانلارغا سالام ئېيتقىن. خەير، بارغىن بالام، بىر ئاللاھغا تاپشۇردۇم. ئۈچىنچى داستان قايغۇ – ھەسرەت بىلەن ئۇمر ئۆتكەن بارمۇ، بىلگەن بارمۇ؟ بۇ دۇنيادا مىھنەت تارتىپ، ئۆتكەن بارمۇ، بىلگەن بارمۇ؟ يېشىمى: ئۆمۈر دېگەن مۇشۇنداق قايغۇ – ھەسرەت بىلەن ئۆتكەن بارمۇ؟ بۇ دۇنيادا جاپا تارتىپ، مۇشۇنداق ئۆتكەن بارمۇ، بۇنى بىلگەن بارمۇ؟ ئۆمرۈم ئۆتتى ھەسرەت بىلەن، ئىشق يولىدا مىھنەت بىلەن. يارىم قالدى زۇلمەت بىلەن، يارنى كۆرمەي ئۆتكەن بارمۇ؟ يېشىمى: ئۆمرۈم ھەسرەت ئىچىدە، ئىشق – مۇھەببەت يولىدا جاپا تارتىش بىلەن ئۆتتى؛ يارىم زۇلمەت ئىچىدە قالدى، يارنى كۆرمەيمۇ ئۆتكەن بارمۇ؟ جۇدالىقنىڭ دەردى يامان، ھىجران ئوتى قىلدى سامان. ئاشىقلارنى قىلدى ۋىيران، مۇرادىغا يەتكەن بارمۇ؟ يېشىمى: جۇدالىقنىڭ دەردى يامان ئىكەن، ھىجران ئوتى چىرايىمنى سامان قىلدى، ئۇ باشقا ئاشىقلارنىمۇ ۋەيران قىلدى، بۇ كويدا زادى مۇرادىغا يەتكەن بارمۇ؟ بۇ دۇنياغا كۆڭۈل بەرمە، ھەجر ئوتىغا ئۆزۈڭ ئۇرما. بىۋەفانىڭ يولىن يۇرمە، ئۆز يارىغا يەتكەن بارمۇ؟ يېشىمى: بۇ دۇنياغا كۆڭۈل بەرمە، جۇدالىق ئوتىغا ئۆزۈڭنى ئۇرما؛ بىۋاپالىق يولىغا ماڭما، ئىشق – مۇھەببەتتە ئۆز يارىنىڭ ۋىسالىغا يەتكەن بارمۇ؟ تۆتىنچى داستان ئەي پەرىزادى زەمانىم، خاتىرىمنى شاد قىل، بۇ بۇزۇق كۆڭلۈمنى سەن لۇتفۇڭ بىلە ئاباد قىل، يېشىمى: ئەي زامانىمنىڭ پەرىزاتى، دىلىمنى شاد قىل؛ ۋەيران بولغان كۆڭلۈمنى مەرھىمىتىڭ بىلەن ئاۋات قىل. دىلبەرىم مەكتەبدەيۇ مەن يول ئارادا مۇنتەزىر، ئەي مۇئەللىم، بىر زەمان ئول سەرۋنى ئازاد قىل. يېشىمى: دىلبىرىم مەكتەپتە، مەن ئۇنىڭ يولىدا ئىنتىزار، ئەي مۇئەللىم، ئۇ سەرۋى بويلۇق گۈزىلىمنى بىردەم ئارام ئېلىشقا قويىۋەتكىن. گەر مۇسۇلمانزادە بولساڭ، ئەي ماھى نا مىھرىبان، شۇم رەقىبى بەد دىيانەت جانىغە بىيداد قىل. يېشىمى: ئەي باغرى تاش دىلبەرىم، ئەگەر مۇسۇلمان بالىسى بولساڭ، بۇ زۇلۇمنى دىيانەتسىز شۇم رەقىبنىڭ جېنىغا سال. پادىشاھى ھۇسن بولدۇڭ، ئەي ماھى شىرىن زەبان، ئەمدى سەن لۇتفۇ كەرەم بىرلە مەنى فەرھاد قىل. يېشىمى: ئەي شېرىن سۆزلۈكۆم، سەن گۈزەللىك پادىشاھى بولدۇڭ، ئەمدى مەرھىمىتىڭ بىلەن مېنى فەرھاد قىلغىن. ئەيلەدىڭ جەۋرۇ بىيھەد قەلەندەر جانىغا، ئەمدى سەن رەسمىي مۇھەببەتنى ماڭا ئىرشاد قىل. يېشىمى: قەلەندەرنىڭ جېنىغا ھېسابسىز جاپا – مۇشەققەتلەرنى سالدىڭ، ئەمدى مېنى ھەقىقىي مۇھەببىتىڭ تەرەپكە يېتەكلە. مەشرەب بىرىنچى مەشرەب كەلمەدى يار، كەلمەدى، نە بولدى ئول يار كەلمەدى. ئاتىنىڭ ئاياغى سۇندى، بولدى بەھانە، كەلمەدى. يېشىمى:يارغا نېمە بولدىكىن كەلمىدى، ئېىنىڭ پۇتى سۇنۇپ كەتكىنى باھانە بولدى بولغاي، كەلمىدى. ئاتىنىڭ ئاياغى سۇنسا، ئات ئالىپ مىنمەسمەدى، يار كۆڭلى ياردا بولسا، بىر كەلىپ كۆرمەسمەدى. يېشىمى: ئېتىنىڭ پۇتى سۇنۇپ كەتكەن بولسا، باشقا ئات ئېلىپ مىنسە بولمىدىمۇ؟ يارنىڭ ئۆز يارىغا كۆڭلى بولسا، بىر كېلىپ كۆرمەسمىدى؟ يارنى كەلىپتۇر دەسە، يۇگرەپ چىقاي باشىم بىلەن، يار يۈرگەن كوچالارغا سۇ سەپەي ياشىم بىلەن. يېشىمى: يارنى «كەپتۇ»دېسە، بېشىم بىلەن يۈگۈرۈپ چىقاي، يار ماڭغان كوچىلارغا كۆز يېشىم بىلەن سۇ سېپەي. لەبىڭنى لالەدىن دەرلەر، تىشىڭنى ئۈنچەدىن دەرلەر، قولۇڭنى گەر سالىپ كەلسەڭ، بۇ كىمنىڭ دىلبەرى دەرلەر. يېشىمى: كىشىلەر سېنىڭ لېۋىڭنى «لالە گۈلى»، چىشىڭنى بولسا، «ئۈنچە» دەيدۇ، قول سېلىپ مېڭىپ كېلىدىغان بولساڭ، «پاھ، بۇ كىمنىڭ دىلبىرى؟» دەيدۇ. ئەجەبمۇ كەلمەدىڭ يارىم، يولۇڭغا بارغۇدەك بولدۇم، قولۇمغا قوش پىچاق ئالىپ، يۈرەكنى يارغۇدەك بولدۇم. يېشىمى: يارىم، ئەجەبمۇ بىر كەلمىدىڭ، تەقەززا بولغىنىمدىن كېلىدىغان يولۇڭغا بارغىدەك بولدۇم؛ ھەتتا قولۇمغا قوش پىچاق ئېلىپ، يۈرىكىمنى يېرىۋەتكىدەك بولدۇم. يارنىڭ يۆلەكى ياردىن، يارى بولماسا قايدىن، خەفچە دەك بويى زىلۋا، شىرىن سۆزلەرى ئاندىن. يېشىمى: يار دېگەننى يار يۆلەيدۇ، ئىنساننىڭ يارى بولمىسا قانداق بولىدۇ؟ بىزنىڭ يارنىڭ بويى تالدەك زىلۋا، گەپ – سۆزلىرى ھەممىدىن شېرىن. يارىمنىڭ بويى زىلۋا، زىلۋا بويىدا گۈل بار، شىرىن سۆزلەرى تاتلىق، ئايدەك يۈزىدە خال بار. يېشىمى: يارىمنىڭ ىويى زىلۋا، زىلۋا بويىدا گۈل مىسال بىر گۈزەللىك بار؛ چۈچۈك سۆزلىرى تاتلىق، ئايدەك يۈزىدە خال بار. ئايغا ئوخشاتاي يارىم، گۈنگە ئوخشاتاي يارىم، بويلۇرۇڭ سەنىڭ زىلۋا، كىمگە ئوخشاتاي يارىم. يېشىمى: يارىم، سېنى ئايغا ئوخشاتسام بولۇرمۇ، كۈنگە ئوخشاتسام بولۇرمۇ؟ سېنىڭ زىلۋا بويلىرىڭنى زادى كىمگە ئوخشاتسام بولۇر؟ ئىككىنچى مەشرەب قارا – قارا قاشلارىڭغا قاتساڭچۇ مەنى، قارا قاشنىڭ بازارىدا ساتساڭچۇ مەنى. يېشىمى: قاپقارا قاشلىرىڭغا مېنى قوشىۋەتسەڭچۇ، مېنى قارا قاشلار بازارىغا ئاپىرىپ سېتىۋەتسەڭچۇ. قارا قاشنىڭ بازارىدا ئالماسا ئەگەر، كىرپىكىڭنى ئوقيا قىلىپ ئاتساڭچۇ مەنى. يېشىمى: ئەگەر قارا قاشلار بازرىدا بىر كىم مېنى ئالمىسا، كىرپىكىڭنى ئوقيا قىلىپ ئېتىۋەتسەڭچۇ. قايسى بىر ئازارىن ئايتاي جانىمە ئەغيارنىڭ، قايسى بىر ئاغرىتقانىڭ كۆڭلۈمنى دەي دىلدارنىڭ. يېشىمى: ياتلارنىڭ جېنىمغا سالغان ئازابلىرىدىن قايسى بىرىنى ئېيتاي؟ دىلدارىمدىن كۆرگەن كۆڭۈل رەنجىشلىرىمدىن قايسى بىرىنى دەي؟ قايسى بىر بىرەھلىغىنى تالىئى گۇمراھنىڭ، قايسى بىر كەجرەۋالىغىنى چەرخى كەجرەفتارنىڭ. يېشىمى: ئازغۇن قىسمەتنىڭ قايسى بىر يولسىزلىقلىرىنى ئېيتاي، كاج پەلەكنىڭ قايسى بىر تەتۈرلۈكلىرىنى دەپ تۈگىتەي؟ قايسى ھەسرەت بىرلە ئەرمانىم ۋەفاسىز ۋەسلنىڭ، قايسى مىھنەت بىرلە رەنجىن فۇرقەتى خۇنخارنىڭ. يېشىمى: ۋاپا قىلمىغىن ۋىسالنىڭ قايسى بىر ھەسرەت ۋە ئارمانلىرىنى دەي، قانخور پىراقنىڭ قايسى بىر جاپا – مۇشەققەتلىرىنى سۆزلەپ تۈگىتەي؟ غۇربەت ئىچرە، ئەي كۆڭۈل، ئەلدىن ۋەفا ئىستەرنى قوي، چۈن ۋەفاسىن كۆرمەدىڭ ھەرگىز دىيارۇ يارنىڭ. يېشىمى: ئەي كۆڭۈل، بۇ غۇربەتچىلىكتە ئەلدىن ۋاپا ئىزدەشنى قوي، چۈنكى سەن يا ياردىن ۋەيا دىياردىن مۇتلەق ۋاپا كۆرمىدىڭ ئەمەسمۇ؟ بابۇر، ئول گۇل جەۋر ئەتەر، ئەغياردىن نە ياخشىلىق، گۇلنىڭ ئازارى بۇ بولسا، ۋاھ، نە بولغاي خارنىڭ. يېشىمى: ئەي بابۇر، ئۇ گۈل جاپا سالغان يەردە، ياتلاردىن نېمە ياخشىلىق كەلسۇن؟ گۈلنىڭ ئازارى بۇ بولسا، تىكەننىڭ قانداق بولۇپ كېتەر – ھە؟ 11– مۇقام مۇشاۋەرەك مۇقامى بولسا، چوڭ نەغمە قىسمى 162 مىسرا، تۆت داستان 62 مىسرا، ئىككى مەشرەب 30 مىسرا بولۇپ، جەمئىي 254 مىسرا شېئىردىن تەركىب تاپقاندۇر. يۇقىرىقى ئون ئىككى مۇقامنىڭ تېكىستى ۋە يېشىمى بېيجىڭ مەكىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ئەپەندىمنىڭ «ئەسلى يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرى» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. «زۇلقار مەتبەئەچىلىكى» دە تىزىلدى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...